قانداق ئەھۋاللاردا ئەمگەك ماجىرالىرىنى كېسىم قىلمايلا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرىز قىلسا بۇلىدۇ ؟
《ئەمگەك قانۇن》نىڭ79ـماددىسىدىكى بەلگىلىملەرگە ئاساسلانغاندا،ئەمگەك ماجراالىرىرى دىلو ماجرالىرىنى كېسم قىلىش تارمىقىنىڭ كېسىمى، داۋا دىلولىرىدىكى زۇرۇر ئالدىنقى تەرتىپ بۇلۇپ ، ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالقىدار ئەدىلىيەلىك چۇشەندۇرۇشىدىكى بەلگلىمىلىرىدە ئەمگەك ماجىرالىرنى كېسىم قىلىش ئورگىنى دىلونىڭ سۇرۇك ۋاقتىنى ئوتكۇزۋېتىپ كېسىم قىلمىغان ياكى ماجراغا ئالاقىدارلارغا دىلونى قۇبول قىلماسلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنامە،قارارنامىلەرگە قايىل بۇلماي خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەمۇرى ياقتىن داۋا قىلغان بۇلسا خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنداق دىلونى قۇبۇل قىلمايدۇ . بۇنىڭدىن مەقسەت ئەمگەك ماجىرالىرىنى كېسىم تارماقلىرىنىڭ بڭر پارچە ‹دىلو قۇبۇل قىلماسلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنامە،قارارلىرى بىلەنلا ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەدىلىيەلىك ياردەمگە ئىگە ئېرىشىدىغان يوللىرىنى تۇسۇپ قۇيۇۋاتىدۇ. 《ئەمگەك ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىش كېسىم قانۇن》نى يۇقۇردا ئېيتىلغان مەسىللەردىكى نۇقسانلارنى تۇپتىن ھەل قىلىدۇ.
《ئەمگەك ماجرالىرىنى مۇرەسسە قىلىز كېسىم قانۇن》نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىدە
ئەمگەك ماجرالىرىنى قىلىش كېسىم كومۇتىتى - كېسىم ئىلتىماسىنى تاشۇرۇپ ئالغان كۇندىن باشلاپ 5 كۇن ئىچىدە،مەزكۇر دىلونى قۇبۇل قىلىش شەرتلىرىگە ئۇيغۇن دەپ قارىغان بولسا دىلو تۇرغۇزۇدۇ،ھەمدە كېسىم قىلپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا《دىلونى قۇبۇل قىلغانلىق ھەققىدىكى يازما ئۇقتۇرۇشنامە 》نى چىقىرىپ بىرىدۇ،دىلونى قۇبۇل قىلىش شەرتلىرىگە ئۇيغۇن بولمىسا 《دىلونى قۇبۇل قىلىنمىغانلىق ھەققىدىكى يازما ئۇقتۇرۇشنامە 》نى چىقىرىپ بىرىدۇ ھەمدە دىلونى قۇبۇل قىلىنمىغانلىق سەۋەپلىرىنى يازما شەكىل ئارقىلىق چۇشەندۇرۇپ قۇيىدۇ. ئەمگەك ماجرالىرىنى كېسىم قىلىش كومۇتىتىنىڭ 《دىلونى قۇبۇل قىلىنمىغانلىق ھەققىدىكى يازما ئۇقتۇرۇشنامە》سىگە،ۋە ياكى سۇرۇكنى ئوتكۇزۋىتىپ كېسىم قارارنى چىقارمىغان دىلولارنى، كېسىمگە ئىلتىماس قىلغۇچى تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە داۋا قىلسا بۇلىدۇ .
ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ تۇزۇگۇچى: قۇدرەتجان. 《بىرزات》
تۇقسۇن ناھىيەلىك كادىرلار ئەمگەك ۋە ئىجتىمايى كاپالەت ئىدارىسىدىن .