ئاياللارنىڭ ئىپپەت ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ
(باھارگۈل ئابلىمىت) قانۇن پەنلىرى باكالاۋرى
2008-يىلى 3-ئايدا، مەلۇم بىر شىركەتتە ئشلەيدىغان مامۇت خىزمەت جەريانىدا شۇ شىركەتتىكى ئايگۈل بىلەن تونۇشقان ھەمدە ئۇزۇن بولمايلا توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ بىر ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغان. 5-ئايدا، ئايگۈل ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى مامۇتقا ئېيتىپ، تېزرەك توي قىلىشقا زورلىغان. ئەسلىدىنلا توي قىلىش خىيالى بولمىغان مامۇت ئايگۈلگە خىزمەت ئىشلەپ، ئالدى بىلەن بالىنى ئالدۇرۇۋېتىشنى ئېيتقان. 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئايگۈل مامۇت بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ، ئەمدىلا 45 كۈنلۈك بولغان ھامىلىنى ئالدۇرۇۋەتكەن. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئايگۈلنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىشقا ۋەدە بەرگەن مامۇتنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمىگەن. ئايگۈل سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ 7- ئاينىڭ 7-كۈنى مامۇتنى تاپقان بولسىمۇ لېكىن مامۇت ئۆزىنىڭ ئاللىقاچان توي قىلىپ بولغانلىقىنى، يۇرتىدا بىر بالىسى بارلىقىنى شۇڭا ئايگۈل بىلەن ئايرىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، ئايگۈل ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىدىن قاتتىق ئازاپلانغان.
ئۇ مامۇت ئۈستىدىن «ئىپپەت ھوقۇقۇمغا دەخلى-تەرۇز قىلدى» دەپ سوتقا ئەرز سۇنۇپ، ئۆزىدىن كەچۈرۈم سورىشىنى ھەمدە روھىي زىيان تۆلىمى ئۈچۈن 30 مىڭ يۈەن بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن مامۇت سوتتا «ئىپپەت ھوقۇقى مۇستەقىل ھوقۇق ئەمەس، بۇ توغرۇلۇق قانۇندىمۇ ئېنىق بەلگىلىمە يوق، بۇنىڭدىن ھەم ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقمىغان، شۇڭا تۆلەم تۆلىمەيمەن» دەپ ئۆزىنى ئاقلىغان.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى» نىڭ 5-ماددىسىدا: «پۇقرالار ۋە قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ قانۇنىي ھەق تەلەپ ھوقۇق- مەنپەئەتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، ئۇنىڭغا ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ»، 7-ماددىسىدا«ھەق تەلەپ پائالىيەتلىرىدە ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىش لازىم. جامائەت مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ»، 101- ماددىسىدا: «پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر نام-شۆھرەت ھوقۇقىغا ئىگە. پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ئىززىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، پۇقرا ۋە قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ نام-شۆھرىتىگە ھاقارەت كەلتۈرۈش ۋە تۆھمەت قىلىشقا ئوخشاش ئۇسۇللار بىلەن زىيان يەتكۈزۈشكە مەنئىي قىلىنىدۇ»، 134-ماددىسىدا: « ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش شەكلى ئاساسەن دەخلى-تەرۇزنى توختىتىش، توسالغۇنى توختىتىش، خەۋپنى تۈگىتىش، مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، رېمونت قىلىپ بېرىش، يېڭىدىن ياساپ بېرىش، زىياننى تۆلەش، توختامغا خىلاپلىق قىلغانلىق پۇلى تۆلەش، تەسىرنى تۈگىتىش، نام-شۆھرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ناماقۇل بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. مۇشۇ ماددىلارغا ئاساسەن خەلق سوت مەھكىمىسى: «جاۋابكار مامۇتنىڭ جورىسى ھەم بالىلىرى بار تۇرۇپ، باشقىلارغا توي قىلىمىز دەپ يالغان ۋەدە بېرىپ بىر ئۆيدە تۇرغان. نەتىجىدە دەۋاگەر ھامىلىدار بولۇپ قالغان ھەمدە بالىنى ئالدۇرۋەتكەن. بۇنىڭ بىلەن دەۋاگەرنىڭ سالامەتلىكى ۋە روھىي ھالىتى بەلگىلىك زىيانغا ئۇچرىغان. جاۋابكارنىڭ بۇ ھەرىكىتى«ئىپپەت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش»نى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭا جاۋابكار قانۇن بويىچە روھىي زىيان تۆلىمىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دەپ ھۆكۈم چىقارغان.
جاۋابكار مامۇت مەزكۇر ھۆكۈمنامە كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە دەۋاگەر ئايگۈلگە روھىي زىيان تۆلىمى ئۈچۈن 20 مىڭ يۈەن بېرىشى كېرەك دەپ ھۆكۈمنامە چىقارغان.
ئىز تورى www.iz.la
(دېلودىكى كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە: «قانۇن» تورىدىن ئېلىندى
ئىز تورى www.iz.la
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور