ئىمزا قويۇشقا بولمايدىغان ئالتە خىل توختام

ۋاقتى:2010-02-14 22:22مەنبە: تەھىرىر:ئالىمجان چېكىلىشى:قىتىم
ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلار توختامنىڭ ئۆلچەمسىز بولۇشى سەۋەبىدىن ئورۇنسىز ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچراپ زىيان تارتىپ قالىدۇ. مۇتەخەسىسلەر ئىشلەمچىلەرنى تۆۋەندىكىدەك ئالتە خىل توختامغا ئىمزا قويماسلىققا ئاگاھلاندۇردى: 1.ئاغزاكى توختام كىشنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ: بۇ خى
  

ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلار توختامنىڭ ئۆلچەمسىز بولۇشى سەۋەبىدىن ئورۇنسىز ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچراپ زىيان تارتىپ قالىدۇ. مۇتەخەسىسلەر ئىشلەمچىلەرنى تۆۋەندىكىدەك ئالتە خىل توختامغا ئىمزا قويماسلىققا ئاگاھلاندۇردى:

ئىز تورى بەك ياخشى

1.ئاغزاكى توختام كىشنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ: بۇ خىل توختام ئادەتتە تونۇش -بىلىشلەرنىڭ ۋاستچىلىكى ئارقىلىق ئىمزالىنىدىغان بولۇپ، يازما كېلىشىم ئەمەس. شۇڭا، مەنپەئەت تالاش -تارتىشى يۈز بەرگەندە ئاساس قىلىدىغان يازما ئىسپات بولمىغاچقا، ئىشلەمچىلەرنىڭ مەنپەئەتى مۇقەررەر زىيانغا ئۇچرايدۇ.
2.مەزمۇنى ئاددىي توختاممۇ ئىشەنچىلىك ئەمەس:
بۇ خىل توختام گەرچە يازما بولمىسمۇ، لېكىن مەزمۇنى ھەددىدىن زىيادە ئاددىي، ئېنىق ئەمەس، مۇھىم تەرەپلەر كەمچىل.شۇڭا بۇنداق توختامغا ئالدىراپ ئىمزا قويماسلىق كېرەك. ئىز تورى www.iz.la
3.بىر تەرەپكە ئېغىپ كەتكەن توختاممۇ كىشنى شۈبھىلەندۇرىدۇ:
ئادەتتە بۇ خىل توختامدا، توختام مەزمۇنى ئادەم ئىشلەتكۈچى تەرەپكە پايدىلىق بولغاچقا، ئىشلەمچىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، ئىشلەمچىلەرنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىغاندا ئۇلار دەردىنى ئېيتىدىغان ئورۇن تاپالمايدۇ.
4.رەنە توختامى ئىشلەمچىلەرگە زىيانلىق:
بۇنىڭدا ئىشلەمچىلەر ئۆزىنىڭ بىر قىسىم گۇۋاھنامىلىرى، مال-مۈلكىنى ئادەم ئىشلەتكۈچىگە رەنىگە قويىدۇ. نەتىجىدە، ئىشلەمچىنىڭ مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە بولمىغاندا ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ. ئىشنى تاشلاپ كېتىپ قالغان تەقدىردىمۇ مال-مۈلكىنى زىيان تارتىدۇ ياكى گۇۋاھناملىرىنى قايتۇرۇۋالالمايدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
5.مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىش مەزمۇنىدىكى توختامدىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك:
بەزى ئادەم ئىشلەتكۈچىلەر ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش مەسئۇلىيتىنى ئۈستىگە ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، توختام ئىمزالىغاندا ئىشلەمچىلەردىن ئىش ئۈستىدە يارىلانغاندا مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ، توختام قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماددا ، بەلگىلمىلەرنىڭ روھىغا ئويغۇن ئەمەس.
6.ئىككى بىسلىق توختاممۇ كىشنى ئاۋارىچىلىققا قويىدۇ:
ئادەم ئىشلەتكۈچى بىلەن ئىشلەمچى ئىمزالىغان، قېلىپلاشتۇرۇلغان توختام پەقەت مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ. بۇنى ئادەم ئىشلەتكۈچىلا ساقلايدىغان بولۇپ، مەزمۇنى قانۇن -بەلگىلمىلەرگە ئويغۇن بولمىغان بەزى توختاملارلا ئىشلەمچىلەرنىڭ ساقلىشىغا بېرىلىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
ئىشلەمچىلەر ئەمگەك تارماقلىرى بېكىتكەن ئۆلچەم بويىچە تۈزۈلگەن توختاملارنى ئىشلەتكەندىلا، ئورۇنسىز ئاۋارىچىلىقلاردىن خالىي بولالايدۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى

مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى 

ياخشىكەن
(130)
92.9%
ئالقىشلايمەن
(10)
7.1%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • قانداق ئەھۋاللاردا ئەمگەك ماجىرالىرىنى كېسىم قىلمايلا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرىز قىلسا بۇلىدۇ ؟

    قانداق ئەھۋاللاردا ئەمگەك ماجىرالىرىنى كېسىم قىلمايلا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرىز قىلسا بۇلىدۇ ؟ 《ئەمگەك قانۇن》 نىڭ79ـماددىسىدىكى بەلگىلىملەرگە ئاساسلانغاندا،ئەمگەك ماجراالىرىرى دىلو ماجرالىرىنى كېسم قىلىش تارمىقىنىڭ كېسىمى، داۋا دىلولىرىدىكى زۇرۇ...

  • توختام تۈزۈشتىكى زىيان تۆلەم جاۋاپكارلىقى

    توختام تۈزۈشتىكى زىيان تۆلەم جاۋاپكارلىقى ئالاقىدارلاردىن توختام تۈزۈش جەريانىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللانىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ قارشى تەرەپكە زىيان سالغانلىرى زىياننى تۆلەش جاۋابكالرىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك: (1) توختام تۈزۈشنى سۈيئىستىمال قىلىپ، يامان غەرەزدە...

  • توختامغا خىلاپلىق قىلىش سوممىسىنى ھىساپلاش

    توختامغا خىلاپلىق قىلىش سوممىسىنى ھىساپلاشتا ،توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى تۈلەشنى پۈتۈشكەن-پۈتۈشمىگەنلىكىگە ئاساسەن تۈۋەدىكى ئۇسۇللار بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ: ئەگەر توختامدا ئىككى تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلىش سوممىسىنى پۈتۈشكەن بولسا،پۈتۈم بويىچە بىر...

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئەمگەك توختامى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئەمگەك توختام قانۇنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئەمگەك توختام قانۇنى (2007-يىل 6- ئاينىڭ 29-كۈنى مەملىكەتلىك10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 28-سانلىق يىغىندا ماقۇللاندى بىرىنچى باپ ئومۇمي پىرىنسىپ 1- ماددا: بۇ قانۇن ئەمگەك توختام تۈ...

  • ئىمزا قويۇشقا بولمايدىغان ئالتە خىل توختام

    ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلار توختامنىڭ ئۆلچەمسىز بولۇشى سەۋەبىدىن ئورۇنسىز ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچراپ زىيان تارتىپ قالىدۇ. مۇتەخەسىسلەر ئىشلەمچىلەرنى تۆۋەندىكىدەك ئالتە خىل توختامغا ئىمزا قويماسلىققا ئاگاھلاندۇردى: 1.ئاغزاكى توختام كىشنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ: بۇ خى...

  • توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۆلىمىنى ھېسابلاش

    ئەگەر توختامدىكى ئىككى تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلسا ، توختام بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ . توختام قانۇنىدا ، توختامدىكى قايسى بىر تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلغان ۋاقتىدا ئەھۋالغا قاراپ مەلۇم مىقداردا تۆلەم تۆلەيدۇ . ئىككى تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۆلىم...

  • داۋالاش سەۋەنلىكىدىن كېلىپ چىققان ھەق - تەلەپ ئىشلىرىدا تۆل

    داۋالاش سەۋەنلىكىدىن كېلىپ چىققان ھەق - تەلەپ ئىشلىرىدا تۆلەمنىڭ ئۆلچىمى تۆۋەندىكى ئۆلچەملەر بويىچە بېكىتىلىدۇ : (1) داۋالاش ھەققى : داۋالاشتىكى سەۋەنلىك بىمارغا ئېلىپ كەلگەن جىسمانىي زىياننى داۋالاش جەريانىدا شەكىللەنگەن بارلىق داۋالاش چىقىمى بويىچە ھېسا...

  • ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىپلا چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمى

    ئالىي خەلىق سوت مەھكىمىسى ۋارىسلىق قانۇنى نى ئىجرا قىلىشتىكى بىر قاتار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارالمىلارنىڭ 46 ماددىسىدا : ۋارىسلىق قىلغۇچى ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىك باھانىسى بىلەن قانۇندا بەلگىلەنگەن بېقىش مەجبۇرىيىتىدىن قېچىشقا بولمايدۇ . ئۇنداق ب...