app دېتالى

رەسىملىك تەۋىسسيە
يىڭى يوللانغان

توختامغا خىلاپلىق قىلىش سوممىسىنى ھىساپلاش

ۋاقتى:2010-02-14 22:28مەنبە: يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

توختامغا خىلاپلىق قىلىش سوممىسىنى ھىساپلاشتا ،توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى تۈلەشنى پۈتۈشكەن-پۈتۈشمىگەنلىكىگە ئاساسەن تۈۋەدىكى ئۇسۇللار بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ:

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

  ئەگەر توختامدا ئىككى تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلىش سوممىسىنى پۈتۈشكەن بولسا،پۈتۈم بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.«توختام قانۇنى »نىڭ 114-ماددىسىدا  توختامغا خىلاپىق قىلىش ھەققىنى پۈتۈشكەن ئەھۋال توغرىسدا مۇنداق بەلگىلەنگەن:«توختام تۈزۈشكىچىلەر بىر تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلسا،توختامغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالىغا قاراپ قارشى تەرەپكە مەلۇم ساندا توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى تۈلەش ھەققىدە پۈتۈشسە بولىدۇ،توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان زىياننى تۈلەش سوممىسىنى ھىساپلاش ئۇسۇلى ھەققىدە پۈتۈشسىمۇ بولىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  توختامدىكى پۈتۈشكەن خىلاپلىق قىلىش ھەققى كىلىپ چىققان زىياندىن تۈۋەن بولسا،توختام تۈزۈشكىچىلەر خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ياكى كىسىم ئاپپراتىدىن ئۇنى كۈپەيتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛توختامدىكى پۈتۈشكەن خىلاپلىق قىلىش ھەققى كىلىپ چىققان زىياندىن ھەددىدىن ئارتۇق يۇقىرى بولسا،توختام تۈزۈشكىچىلەر خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ياكى كىسىم ئاپپراتىدىن ئۇنى مۇۋاپىق ئازايتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 توختام تۈزۈشكىچىلەر ئادا قىلىش كىچىكتۈرۈلسە توختامغا خىلاپلىق  قىلىش ھەققى تۈلەيدۇ دەپ پۈتۈشكەن بولسا،توختامغا خىلاپلىق قىلغان تەرەپ توختامغا خىلاپلىق ھەققىنى تۈلىگەندىن كىيىن،يەنە قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كىرەك.»

copyright by www.iz.la

  ئەگەر ئىككى تەرەپ توختامدا توختامغا خىلاپلىق قىلىش سوممىسىنى پۈتۈشمىگەن بولسا،بۇ ۋاقىتتا تۈلەيدىغان خىلاپلىق قىلىش سوممىسى توختامغا خىلاپلىق قىلىشتىن كىلىپ چىققان ئەمىلى زىيانغا تەڭ بولىدۇ. ئىز تورى www.iz.la

يەنە «توختام قانۇنى»نىڭ113-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن:«توختام تۈزۈشكۈچى بىر تەرەپ توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمەي،قارشى تەرەپنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، تۈلەيدىغان سوممىسى،توختامغا خىلاپلىق قىلىشتىن كىلىپ چىققان زىيانغا ،جۈملىدىن توختامنى ئىجرا قىلغاندىن كىيىن ئىرىشكىلى بولىدىغان مەنپىئەتكە تەڭ بولۇشى كىرەك،لىكىن توختامغا خىلاپلىق قىلغان تەرەپنىڭ توختام تۈزگەندە ئالدىن كۆرگەن ياكى ئالدىن كۆرۈشكە تىگىشلىك بولغان،توختامغا خىلاىق قىلغاندا كىلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان زىياندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

 ئىستىمالچىلارنى تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشتە ئالدمچىلىق قىلمىشى كۆرۈلگەن تىجارەتچى ‹جوڭخۇا خەلق جومھورىيىتىنىڭ ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپىئەتىنى قوغداش قانۇنى›دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە زىياننى تۈلەپ بېرىش جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.» ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 شۇڭا توختام تۈزگەندە توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋاپكارلىقى ۋە تۈلەيدىغان سوممىسىنى پۈتۈشۈشكىمۇ سەل قارىماسلىق كىرەك.

ئىز تورى بەك ياخشى

ياخشىكەن
(33)
94.3%
ئالقىشلايمەن
(2)
5.7%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس