جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى(321-ماددىدىن 340)

ۋاقتى:2011-04-09 10:47مەنبە: تەھىرىر:nazakat چېكىلىشى:قىتىم
320 - ماددا باشقىلارغا ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىلگەن پاسپورت، ۋىزا قاتارلىق چېگرىدىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىلىرىنى بەرگەنلەرگە ياكى پاسپورت، ۋىزا قاتارلىق چېگرىدىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىلىرىنى ساتقانلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇ
  

320 - ماددا   باشقىلارغا ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىلگەن پاسپورت، ۋىزا قاتارلىق چېگرىدىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىلىرىنى بەرگەنلەرگە ياكى پاسپورت، ۋىزا قاتارلىق چېگرىدىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىلىرىنى ساتقانلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
321 - ماددا   دۆلەت چېگراسى (چېگرا)دىن ئوغرىلىقچە ئۆتىدىغانلارنى توشۇغانلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

(1) كۆپ قېتىم توشۇغانلار ياكى كۆپ ئادەمنى توشۇغانلار؛
(2) زۆرۈر بىخەتەرلىك شارائىتى ھازىرلانمىغان، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغان كېمە - پاراخوت، ئاپتوموبىل قاتارلىق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەتكەنلەر؛
(3) قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولغانلار؛
(4) باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلار.
دۆلەت چېگراسى (چېگرا)دىن ئوغرىلىقچە چىقىدىغانلارنى توشۇش جەريانىدا، توشۇلغۇچىلارنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى ۋە ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ياكى تەكشۈرۈشكە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش يولى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرگە 7 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەردىن توشۇلغۇچىلارنى ئۆلتۈرۈش، زەخىملەندۈرۈش، ئۇلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە ئۇلارنى ئالداپ سېتىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشى بولغانلىرىغا ياكى تەكشۈرگۈچىلەرنى ئۆلتۈرۈش، زەخىملەندۈرۈش قاتارلىق جىنايى قىلمىشى بولغانلىرىغا بىرنەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاشقا ئائىت بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
322 - ماددا   دۆلەت چېگراسى (چېگرا)نى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت چېگراسى (چېگرا)دىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 1 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
323 - ماددا   دۆلەت چېگراسىدىكى چېگرا تاختىسى، چېگرا قوزۇقى ياكى مەڭگۈلۈك ئۆلچەش بەلگىلىرىنى قەستەن بۇزۇۋەتكەنلەرگە 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

4 - پاراگراف   مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇشقا
دەخلى قىلىش جىنايىتى

324 - ماددا   دۆلەت قوغداۋاتقان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ياكى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن ئورۇنلاردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قەستەن بۇزغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

دۆلەت قوغداۋاتقان ئاسار ئەتىقىلەرنى قەستەن بۇزغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.
دۆلەت قوغداۋاتقان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ياكى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى، ئۆلكە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن ئورۇنلاردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سەۋەنلىك بىلەن بۇزۇپ قويغانلاردىن ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


325 - ماددا   مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش توغرىسىدىكى قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ساقلىنىۋاتقان، دۆلەت ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلغان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى چەت ئەللىكلەرگە ئاستىرتىن ساتقانلار ياكى ئاستىرتىن تەقدىم قىلغانلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. www.iz.la
326 - ماددا   پايدا تېپىش مەقسىتىدە، دۆلەت تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ھايىنىغا ساتقانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

ئىز تورى www.iz.la


327 - ماددا   دۆلەت ئىلكىدىكى مۇزېي، كۇتۇپخانا قاتارلىق ئورۇنلار مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش توغرىسىدىكى قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت قوغداۋاتقان ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان ئورۇنلاردىن باشقا ئورۇنلارغا ۋە شەخسلەرگە ساتقان ياكى ئاستىرتىن ھەدىيە قىلغان بولسا، شۇ ئورۇنغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
328 - ماددا   تارىخىي، بەدىئىي ۋە ئىلمىي قىممەتكە ئىگە قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى، قەدىمكى قەبرىلەرنى ئوغرىلىقچە قازغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


(1) مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن ئورۇنلاردىكى قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى، قەدىمكى قەبرىلەرنى ئوغرىلىقچە قازغانلار؛
(2) قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى، قەدىمكى قەبرىلەرنى ئوغرىلىقچە قېزىش گۇرۇھىدىكى باش ئۇنسۇرلار؛
(3) قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى، قەدىمكى قەبرىلەرنى كۆپ قېتىم ئوغرىلىقچە قازغانلار؛
(4) قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى، قەدىمكى قەبرىلەرنى ئوغرىلىقچە قازغان ھەمدە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئوغرىلىغانلار ياكى قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغانلار؛ ئىز تورى www.iz.la
قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ۋە قەدىمكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ تاش قاتمىلىرىدىن دۆلەت قوغداۋاتقان ۋە ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بولغانلىرىنى ئوغرىلىقچە قازغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
329 - ماددا   دۆلەت ئىلكىدىكى ئارخىپنى تارتىۋالغان ۋە ئوغرىلىغانلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئارخىپ قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئارخىپنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ساتقان ۋە ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

ئىز تورى بەك ياخشى


ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىلمىشى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا جىنايەتلەرگە توشىدىغانلارغا ئېغىرراق جازا كېلىدىغان بەلگىلىمە بويىچە جازا بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

5 - پاراگراف   جامائەت ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى

330 - ماددا   يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلاردىن ئا تىپتىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەبچى بولغانلار ياكى تارقىلىش ئېغىر خەۋپىنى پەيدا قىلغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ: ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
(1) سۇ بىلەن تەمىنلىگۈچى ئورۇنلاردىن تەمىنلىگەن ئىچىملىك سۈيى دۆلەت بەلگىلىگەن تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىرى؛
(2) ساقلىقنى ساقلاش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاپپاراتى ئوتتۇرىغا قويغان تازىلىق تەلىپىنى رەت قىلىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىك قوزغاتقۇچىلىرىدىن بۇلغانغان پاسكىنا سۇ، يۇندى ۋە گەندە - سۈيدۈكلەرنى دېزىنفېكسىيە قىلمىغانلار؛
(3) يۇقۇملۇق كېسىلى بارلار، تېنىدە كېسەل قوزغاتقۇچىسى بولغانلار ۋە يۇقۇملۇق كېسىلى بارلىقىدىن گۇمان بار كىشىلەرنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇغۇللىنىشى مەنئى قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن شۇ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى ئاسانلا تارقىتىدىغان خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلغان ۋە يول قويغانلار؛ ئىز تورى www.iz.la
(4) ساقلىقنى ساقلاش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاپپاراتى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلار؛
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئا تىپتىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ دائىرىسى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى»غا ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە بىنائەن بېكىتىلىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
331 - ماددا   يۇقۇملۇق كېسەل باكتېرىيىسى ۋە ۋىرۇسىنى تەجرىبە قىلغۇچى، ساقلىغۇچى، ئېلىپ يۈرگۈچى ۋە توشۇغۇچىلاردىن گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىك باكتېرىيىسى ۋە ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇدەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
332 - ماددا   دۆلەت چېگراسىنىڭ تازىلىق كارانتىنى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كارانتىن قىلىنىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغانلارغا ياكى تارقىلىش ئېغىر خەۋپىنى پەيدا قىلغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئورۇننىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
333 - ماددا   باشقىلارنى قان سېتىشقا قانۇنسىز ئۇيۇشتۇرغانلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ باشقىلارنى زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن قان ساتقۇزغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلاردىن باشقىلارنى زەخىملەندۈرگەنلىرىگە مۇشۇ قانۇننىڭ 234 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى

334 - ماددا   قانۇنسىز ھالدا قان ئالغان، قان بىلەن تەمىنلىگەنلەرگە ياكى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان، باشقىلارنىڭ تەن سالامەتلىكىگە زىيانلىق قان پلازمىسى ياسالمىلىرىنى تەييارلىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەمىنلىگەنلەرگە 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلەرگە 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

قان ئېلىشى، قان بىلەن تەمىنلىشى ياكى قان پلازمىسى ياسالمىلىرىنى تەييارلىشى ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەمىنلىشى دۆلەتنىڭ مەسئۇل تارمىقى تەرىپىدىن تەستىقلانغان تارماقلار بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرمەي ياكى مەشغۇلاتقا دائىر باشقا بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ تەن سالامەتلىكىگە زىيانلىق ئاقىۋەتنى پەيدا قىلغان بولسا، شۇ ئورۇنغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
335 - ماددا   تېببىي خادىملاردىن ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، كېسەل كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىغا ياكى كېسەل كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىرىگە 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى

336 - ماددا   دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە ئىگە بولماي تۇرۇپ، قانۇنسىز دوختۇرلۇق قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كېسەل كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىرىگە 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كېسەل كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە ئىگە بولماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تۇغۇتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيىسى، يالغان تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى، ھامىلىدارلىقنى توختىتىش ئوپېراتسىيىسى قىلغان ياكى بالىياتقۇدىكى تۇغۇت چەكلىگۈچنى ئېلىۋەتكەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كېسەل كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلەرگە 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كېسەل كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


337 - ماددا   چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان ۋە چىقىرىلىدىغان ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىنى قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىنىدىن قاچۇرۇپ، ھايۋانات، ئۆسۈملۈك يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە پەيدا قىلغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

6 - پاراگراف   مۇھىت ۋە بايلىقنى قوغداشقا بۇزغۇنچىلىق
قىلىش جىنايىتى

338 - ماددا   دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، يەرگە، سۇغا ۋە ئاتموسفېراغا رادىئوئاكتىپلىق تاشلاندۇقلارنى، يۇقۇملۇق كېسەللىك قوزغاتقۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاشلاندۇقلارنى، زەھەرلىك ماددىلار ياكى باشقا خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى قويۇپ بېرىپ، تۆكۈپ ياكى بىر تەرەپ قىلىپ، مۇھىتنى قاتتىق بۇلغايدىغان ۋەقەلەرنى پەيدا قىلغانلاردىن جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىش ياكى كىشىلەرنى تالاپەتكە ئۇچرىتىشتەك ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

339 - ماددا   دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، چېگرا سىرتىدىكى قاتتىق تاشلاندۇقلارنى چېگرىدىن كىرگۈزۈپ تۆككەنلەر، دۆۋىلەپ قويغانلار ۋە بىر تەرەپ قىلغانلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مۇھىت ئېغىر بۇلغىنىش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلار ياكى كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلەرگە 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. www.iz.la
گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، قاتتىق تاشلاندۇقلارنى خام ئەشيا ئورنىدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىمپورت قىلىپ، مۇھىت ئېغىر بۇلغىنىش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلار ياكى كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلەرگە 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
خام ئەشيادىن پايدىلىنىش نامىدا، خام ئەشيا قىلىپ ئىشلەتكىلى بولمايدىغان قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئىمپورت قىلغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 152 - ماددىسىنىڭ 2 -، 3 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
340 - ماددا   سۇ مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى قوغداش قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، سۇ مەھسۇلاتلىرىنى بېلىق تۇتۇش مەنئى قىلىنغان رايونلاردا، مەنئى قىلىنغان مەۋسۇملاردا ياكى مەنئى قىلىنغان قورال - سايمان ۋە ئۇسۇللار بىلەن تۇتقانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

  مەنبە ؛<<  قانۇن قامۇسىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇن قىسىمى>> دىن ئىلىندى.

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • قانداق ئەھۋاللاردا ئەمگەك ماجىرالىرىنى كېسىم قىلمايلا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرىز قىلسا بۇلىدۇ ؟

    قانداق ئەھۋاللاردا ئەمگەك ماجىرالىرىنى كېسىم قىلمايلا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرىز قىلسا بۇلىدۇ ؟ 《ئەمگەك قانۇن》 نىڭ79ـماددىسىدىكى بەلگىلىملەرگە ئاساسلانغاندا،ئەمگەك ماجراالىرىرى دىلو ماجرالىرىنى كېسم قىلىش تارمىقىنىڭ كېسىمى، داۋا دىلولىرىدىكى زۇرۇ...

  • توختام تۈزۈشتىكى زىيان تۆلەم جاۋاپكارلىقى

    توختام تۈزۈشتىكى زىيان تۆلەم جاۋاپكارلىقى ئالاقىدارلاردىن توختام تۈزۈش جەريانىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللانىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ قارشى تەرەپكە زىيان سالغانلىرى زىياننى تۆلەش جاۋابكالرىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك: (1) توختام تۈزۈشنى سۈيئىستىمال قىلىپ، يامان غەرەزدە...

  • توختامغا خىلاپلىق قىلىش سوممىسىنى ھىساپلاش

    توختامغا خىلاپلىق قىلىش سوممىسىنى ھىساپلاشتا ،توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى تۈلەشنى پۈتۈشكەن-پۈتۈشمىگەنلىكىگە ئاساسەن تۈۋەدىكى ئۇسۇللار بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ: ئەگەر توختامدا ئىككى تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلىش سوممىسىنى پۈتۈشكەن بولسا،پۈتۈم بويىچە بىر...

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئەمگەك توختامى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئەمگەك توختام قانۇنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئەمگەك توختام قانۇنى (2007-يىل 6- ئاينىڭ 29-كۈنى مەملىكەتلىك10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 28-سانلىق يىغىندا ماقۇللاندى بىرىنچى باپ ئومۇمي پىرىنسىپ 1- ماددا: بۇ قانۇن ئەمگەك توختام تۈ...

  • ئىمزا قويۇشقا بولمايدىغان ئالتە خىل توختام

    ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلار توختامنىڭ ئۆلچەمسىز بولۇشى سەۋەبىدىن ئورۇنسىز ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچراپ زىيان تارتىپ قالىدۇ. مۇتەخەسىسلەر ئىشلەمچىلەرنى تۆۋەندىكىدەك ئالتە خىل توختامغا ئىمزا قويماسلىققا ئاگاھلاندۇردى: 1.ئاغزاكى توختام كىشنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ: بۇ خى...

  • توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۆلىمىنى ھېسابلاش

    ئەگەر توختامدىكى ئىككى تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلسا ، توختام بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ . توختام قانۇنىدا ، توختامدىكى قايسى بىر تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلغان ۋاقتىدا ئەھۋالغا قاراپ مەلۇم مىقداردا تۆلەم تۆلەيدۇ . ئىككى تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۆلىم...

  • داۋالاش سەۋەنلىكىدىن كېلىپ چىققان ھەق - تەلەپ ئىشلىرىدا تۆل

    داۋالاش سەۋەنلىكىدىن كېلىپ چىققان ھەق - تەلەپ ئىشلىرىدا تۆلەمنىڭ ئۆلچىمى تۆۋەندىكى ئۆلچەملەر بويىچە بېكىتىلىدۇ : (1) داۋالاش ھەققى : داۋالاشتىكى سەۋەنلىك بىمارغا ئېلىپ كەلگەن جىسمانىي زىياننى داۋالاش جەريانىدا شەكىللەنگەن بارلىق داۋالاش چىقىمى بويىچە ھېسا...

  • ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىپلا چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمى

    ئالىي خەلىق سوت مەھكىمىسى ۋارىسلىق قانۇنى نى ئىجرا قىلىشتىكى بىر قاتار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارالمىلارنىڭ 46 ماددىسىدا : ۋارىسلىق قىلغۇچى ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىك باھانىسى بىلەن قانۇندا بەلگىلەنگەن بېقىش مەجبۇرىيىتىدىن قېچىشقا بولمايدۇ . ئۇنداق ب...