281 - ماددا خەلق ساقچىلىرىنىڭ فورمىسى، ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى قاتارلىق خاس بەلگىلىرىنى، سايمانلىرىنى قانۇنسىز ئىشلىگەن ۋە ئېلىپ - ساتقانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن ئىز تورى www.iz.la مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق ئىز تورى بەك ياخشى
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
282 - ماددا ئوغرىلاش، تىڭ تىڭلاش، سېتىۋېلىش ئۇسۇللىرى بىلەن دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىگە قانۇنسىز ئېرىشىۋالغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
دۆلەتنىڭ قەتئىي مەخپىي ۋە مۇھىم مەخپىي ھۆججەت ماتېرىياللىرىنى ياكى باشقا بۇيۇملىرىنى ئىلكىدە قانۇنسىز ساقلاپ، كېلىش مەنبەسىنى ۋە ئىشلىتىدىغان ئورنىنى دەپ بەرمىگەنلەرگە 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
283 - ماددا مەخپىي تىڭشاش، ئوغرىلىقچە سۈرەت تارتىش ئەسۋابى قاتارلىق جاسۇسلۇق ئەسۋابلىرىنى قانۇنسىز ئىشلەپ چىقارغان ۋە ساتقانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.
284 - ماددا مەخپىي تىڭشاش، ئوغرىلىقچە سۈرەت تارتىش ئەسۋابلىرىنى قانۇنسىز ئىشلىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 2 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.
285 - ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت ئىشلىرى، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇش ۋە ئۆتكۈر پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىغا ئۈسۈپ كىرگەنلەرگە 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
286 - ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى چىقىرىۋېتىش، ئۆزگەرتىۋېتىش، كۆپەيتىۋېتىش ۋە ئۇنىڭغا كاشىلا سېلىش يولى بىلەن كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىنى نورمال ئىشلىمەيدىغان قىلىپ قويغۇچىلاردىن ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 5 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىدا ساقلانغان، بىر تەرەپ قىلىنغان ۋە يەتكۈزۈلگەن سانلىق مەلۇماتلار ۋە ئەمەلىي پروگراممىلارنى چىقىرىۋېتىش، ئۆزگەرتىۋېتىش ۋە كۆپەيتىۋېتىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغانلاردىن ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
كومپيۇتېر ۋىرۇسى قاتارلىق ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك پروگراممىلارنى قەستەن تۈزۈپ ۋە تارقىتىپ، كومپيۇتېر سىستېمىسىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە تەسىر يەتكۈزگەنلەردىن يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 1 - تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
287 - ماددا كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى، ھۆكۈمەت پۇلىنى ئوغرىلاش، خىيانەت قىلىش، ئىشلىتىۋېلىش، دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى ئوغرىلاش جىنايىتى ياكى باشقا جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
288 - ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، رادىئو ئىستانسىسى (ئۇزېلى)نى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇرغان، ئىشلەتكەن ياكى چاستوتىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىگىلىۋالغانلاردىن ئىشلىتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلغاندىن كېيىن ئىشلىتىشنى توختاتماي، نورمال رادىئو ئالاقىسىگە كاشىلا قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
289 - ماددا توپلىشىپ «ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش» بىلەن شۇغۇللىنىپ ئادەمنىڭ زەخىملىنىشى، مېيىپ بولۇشى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 234 -، 232 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - مېلىنى ۋەيران قىلغان ياكى بۇلىغانلىرى قايتۇرۇش، تۆلەشكە بۇيرۇلغاندىن سىرت، باش ئۇنسۇرلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 263 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
290 - ماددا توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، خىزمەت، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ئىشلىرىنى ئاقسىتىپ ئېغىر زىيان پەيدا قىلغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
توپلىشىپ دۆلەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىنى ئاقسىتىپ، ئېغىر زىيان پەيدا قىلغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
291 - ماددا توپلىشىپ ۋوگزال، بېكەت، پرېستان، پۇقرالار ئاۋىئا ئىستانسىسى، سودا سارىيى، باغچا، كىنوخانا، تىياتىرخانا، كۆرگەزمىخانا، تەنھەرىكەت مەيدانى ياكى باشقا جامائەت سورۇنلىرىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، توپلىشىپ قاتناش يولىنى توسۇپ ياكى قاتناش تەرتىپىنى بۇزۇپ، ئامانلىق باشقۇرغۇچى دۆلەت خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئۆتىشىگە قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە توسقۇنلۇق قىلىش قىلمىشى ئېغىر بولغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.
292 - ماددا توپلىشىپ ئۇرۇشقانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا ۋە باشقا ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا ۋە باشقا ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
(1) كۆپ قېتىم توپلىشىپ ئۇرۇشقانلار؛
(2) توپلىشىپ ئۇرۇشقانلار سانى كۆپ، كۆلىمى چوڭ، جەمئىيەتتە تەسىرى يامان بولغانلار؛
(3) جامائەت سورۇنلىرىدا ياكى مۇھىم قاتناش يوللىرىدا توپلىشىپ ئۇرۇشۇپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغانلار؛
(4) تاياق - توقماق كۆتۈرۈپ توپلىشىپ ئۇرۇشقانلار.
توپلىشىپ ئۇرۇشۇپ ئادەمنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 234 -، 232 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
293 - ماددا ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزغانلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ:
(1) باشقىلارنى خالىغانچە ئۇرغانلاردىن قىلمىشى قەبى宾 بولغانلار؛
(2) باشقىلارنىڭ كەينىگە كىرىۋالغان، ئالدىنى توسقان ۋە ئۇلارنى ھاقارەتلەپ تىللىغانلاردىن قىلمىشى قەبى宾 بولغانلار؛
(3) جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنى زورلۇق بىلەن ئېلىۋالغان ياكى خالىغانچە ۋەيران قىلغان، ئىگىلىۋالغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلار؛
(4) جامائەت سورۇنىدا غوۋغا كۆتۈرۈپ جېدەل چىقارغانلاردىن جامائەت سورۇنلىرىنىڭ تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغانلار.
294 - ماددا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن تەشكىللىك ھالدا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، بىر تەرەپكە زومىگەر بولۇۋېلىپ، تۈرلۈك ئەسكىلىكلەرنى قىلىپ، ئاممىنى بوزەك قىلىپ ۋە زىيانكەشلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزىدىغان قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغان، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغانلار ۋە ئاكتىپ قاتناشقانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا قاتناشقۇچىلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
چېگرا سىرتىدىكى قارا جەمئىيەت تەشكىلاتى ئادەملىرىدىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىگە كىرىپ تەشكىلاتىغا ئەزا قوبۇل قىلغانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەننىڭ ئۈستىگە باشقا جىنايى قىلمىشلارنىمۇ سادىر قىلغانلارغا بىرنەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاش ھەققىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىدىن قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتنى قانات ئاستىغا ئالغان ياكى قارا جەمئىيەت تۈسىدىكى تەشكىلاتنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
295 - ماددا جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىنى ئۆگەتكۈچىلەرگە 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
296 - ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش، كۈچ كۆرسىتىشتە قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلماي ياكى ئىلتىماسىغا رۇخسەت ئالماي ۋە ياكى مەسئۇل ئورگان رۇخسەت قىلغان باشلاش - توختىتىش ۋاقتى، ئورنى ۋە لىنىيىسىگە ئەمەل قىلماي، ئۇنىڭ ئۈستىگە تارقىلىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىغا بويسۇنماي، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغانلاردىن يىغىلىشقا، نامايىشقا، كۈچ كۆرسىتىشكە مەسئۇل بولغانلىرىغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
297 - ماددا قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يىغىلىشقا، نامايىشقا، كۈچ كۆرسىتىشكە قورال - ياراغ ۋە باشقۇرۇلىدىغان تىغلىق سايمان ياكى پارتلاتقۇچ ئېلىپ قاتناشقانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
298 - ماددا قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىش، نامايىش، كۈچ كۆرسىتىشكە كاشىلا قىلىش، ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلى ۋە باشقا ئۇسۇللار بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىپ جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
299 - ماددا جامائەت سورۇنلىرىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربىنى قەستەن كۆيدۈرۈۋېتىش، بۇزۇش، جىجىش، بۇلغاش، دەسسەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ھاقارەتلىگەنلەرگە 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
300 - ماددا خۇيداۋمېن تەشكىلاتى ۋە بىدئەتچى دىنىي تەشكىلات ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ياكى خۇراپاتلىقتىن پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 7 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
خۇيداۋمېن تەشكىلاتى ۋە بىدئەتچى دىنىي تەشكىلات ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ياكى خۇراپاتلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى ئالداپ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
خۇيداۋمېن تەشكىلاتى ۋە بىدئەتچى دىنىي تەشكىلات ئۇيۇشتۇرۇپ ياكى خۇراپاتلىقتىن پايدىلىنىپ ئاياللارنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تەگكەن، پۇل - مالنى ئالداپ ئېلىۋالغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 236 -، 266 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مەنبە؛<< قانۇن قامۇسى جىنايى ئىشلار قانۇن قىسىمى>> دىن ئىلىندى.