251 - ماددا قانۇنسىز يوللار بىلەن پۇقرالارنى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلغان ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلغان دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 2 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن www.iz.la www.iz.la
252 - ماددا باشقىلارنىڭ خەت - چەكلىرىنى تىقىۋېلىپ، يىرتىپ تاشلاپ ياكى قانۇنسىز ئېچىپ، پۇقرالارنىڭ خەت - ئالاقە ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 1 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
253 - ماددا پوچتا خادىملىرىدىن پوچتا يوللانمىلىرىنى ۋە تېلېگراممىلارنى ئۆز مەيلىچە ئاچقان ياكى تىقىۋالغان، يىرتىپ تاشلىۋەتكەنلىرىگە 2 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ، پۇل - مال ئوغرىلىغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 264 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
254 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەت نامىنى سېتىپ، شىكايەت قىلغۇچىلار، ئەرز قىلغۇچىلار، تەنقىد قىلغۇچىلار ۋە پاش قىلغۇچىلاردىن ئۆچ ئېلىپ زىيانكەشلىك قىلغانلىرىغا 2 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 2 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
255 - ماددا مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، بوغالتىرلىق قانۇنى، ستاتىستىكا قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى چەكلىگەن بوغالتىر، ستاتىستىكا خادىملىرىدىن زەربە بېرىپ ئۆچ ئالغان شىركەت، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، ئورگان ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن قىلمىشى قەبى宾 بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
256 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى سايلىغان چاغدا، زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش، ئالدامچىلىق قىلىش، پارىخورلۇق قىلىش، سايلام ھۆججەتلىرىنى ياسىۋېلىش، سايلام ئاۋاز سانىنى يالغان مەلۇم قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار ياكى سايلىغۇچىلارنىڭ ھەم ۋەكىللەرنىڭ سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىنى ئەركىن يۈرگۈزۈشىگە دەخلى يەتكۈزگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
257 - ماددا باشقىلارنىڭ نىكاھ ئەركىنلىكىگە زورلۇق بىلەن ئارىلاشقانلارغا 2 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا 2 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
1 - تارماقتىكى جىنايەت ئەرز قىلىنغاندىلا سورىلىدۇ.
258 - ماددا جورىسى بار تۇرۇپ قوش نىكاھلانغانلارغا ياكى بىراۋنىڭ جورىسى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغانلارغا 2 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
259 - ماددا رەسمىي ھەربىينىڭ جورىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيگە كىرىۋالغان ياكى توي قىلىۋالغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
خىزمەت ھوقۇقىدىن، بېقىندىلىق مۇناسىۋەتتىن پايدىلىنىپ، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ رەسمىي ھەربىينىڭ خوتۇنىنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تەگكەنلەرگە مۇشۇ قانۇننىڭ 236 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
260 - ماددا ئائىلىسىدىكىلەرنى خارلىغانلاردىن قىلمىشى قەبى宾 بولغانلىرىغا 2 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا 2 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
1 - تارماقتىكى جىنايەت ئەرز قىلىنغاندىلا سورىلىدۇ.
261 - ماددا ياشانغانلارنى، گۆدەك بالىلارنى، كېسەللەرنى ياكى مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى بولمىغان باشقا كىشىلەرنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار تۇرۇپ باقمىغانلاردىن قىلمىشى قەبى宾 بولغانلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.
262 - ماددا 14 ياشقا توشمىغان بالىلارنى ئالداپ ئائىلىسىدىن ياكى ۋەسىيسىدىن ئايرىۋەتكەنلەرگە 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
5 - باب مال - مۈلۈككە چېقىلىش جىنايىتى
263 - ماددا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنى بۇلىغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ: بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
(1) ئۆيگە كىرىپ بۇلاڭچىلىق قىلغانلار؛
(2) ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىدە بۇلاڭچىلىق قىلغانلار؛
(3) بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنى بۇلىغانلار؛
(4) كۆپ قېتىم بۇلاڭچىلىق قىلغان ياكى بۇلاڭچىلىق سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولغانلار؛
(5) بۇلاڭچىلىق قىلىپ ئادەمنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛
(6) ھەربىي ۋە ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ بۇلاڭچىلىق قىلغانلار؛
(7) قوراللىق بۇلاڭچىلىق قىلغانلار؛
(8) ھەربىي ئەشيالارنى ياكى خەۋپتىن، ئاپەتتىن، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنى بۇلىغانلار.
264 - ماددا جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنى كۆپرەك ياكى كۆپ قېتىم ئوغرىلىغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ: ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
(1) پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدىن ئوغرىلىغان سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغانلار؛
(2) قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئوغرىلاش قىلمىشى ئېغىر بولغانلار.
265 - ماددا پايدا تېپىش مەقسىتىدە، باشقىلارنىڭ خەۋەرلىشىش لىنىيىسىنى ئوغرىلىقچە ئۇلىۋالغان، تېلېگراف نومۇرىنى تەقلىد قىلىپ ياسىۋالغانلار ياكى ئوغرىلىقچە ئۇلىۋالغان، تەقلىد قىلىپ ياسىۋالغان تېلېگراف ئۈسكۈنە، ئەسلىھەسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىشلەتكەنلەرگە مۇشۇ قانۇننىڭ 264 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
266 - ماددا جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
267 - ماددا جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنى تارتىۋالغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
قاتىللىق قورالى ئېلىپ يۈرۈپ تارتىۋالغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 263 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
268 - ماددا جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنى ئادەم توپلاپ بۇلاپ كەتكەنلەردىن مىقدارى كۆپرەك ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغان باش ئۇنسۇرلارغا ۋە ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇتۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
269 - ماددا ئوغرىلىق، ئالدامچىلىق، تارتىۋېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەردىن ھارام مالنى يوشۇرۇش، تۇتۇشقا قارشىلىق كۆرسىتىش ياكى جىنايەت پاكىتلىرىنى يوقىتىۋېتىش ئۈچۈن نەق مەيداندا زورلۇق ئىشلەتكەن ياكى زورلۇق بىلەن تەھدىت سالغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 263 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
270 - ماددا ساقلاپ بېرىۋاتقان پۇل - مالنى قانۇنسىز ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغان ۋە قايتۇرۇشنى رەت قىلغانلىرىغا 2 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 2 يىلدىن يۇقىرى، 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. copyright by www.iz.la
باشقىلارنىڭ ئۇنتۇپ قالغان ياكى كۆمۈپ قويغان نەرسىسىنى قانۇنسىز ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغان ۋە تاپشۇرۇشنى رەت قىلغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
بۇ ماددىدىكى جىنايەت ئەرز قىلىنغاندىلا سورىلىدۇ.
271 - ماددا شىركەت، كارخانا ياكى باشقا ئورۇنلاردىكى خادىملاردىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئورنىنىڭ پۇل - ماللىرىنى قانۇنسىز ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىرىدىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا 5 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنسا بولىدۇ.
دۆلەت شىركىتى، كارخانىسى ياكى باشقا دۆلەت ئورۇنلىرىدىكى ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خادىملار ۋە دۆلەت شىركىتى، كارخانىسى ياكى باشقا دۆلەت ئورنى دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان شىركەت، كارخانا ۋە باشقا ئورۇنلارغا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتكەن خادىملاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 382 -، 383 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
272 - ماددا شىركەت، كارخانا ياكى باشقا ئورۇنلاردىكى خادىملاردىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئورنىنىڭ مەبلىغىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىۋالغان ياكى باشقىلارغا قەرز بەرگەنلەردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرى، 3 ئايدىن ئاشقۇچە قايتۇرمىغانلىرىغا ياكى 3 ئايدىن ئاشمىغان بولسىمۇ، مىقدارى كۆپرەك بولغان، پايدا تېپىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان ياكى قانۇنسىز ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئۆز ئورنىنىڭ ئىز تورى www.iz.la
ناھايىتى كۆپ مەبلىغىنى ئىشلىتىۋالغانلار ياكى كۆپرەك مەبلىغىنى ئىشلىتىۋېلىپ قايتۇرمىغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
دۆلەت شىركىتى، كارخانىسى ياكى باشقا دۆلەت ئورۇنلىرىدىكى ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خادىملار ۋە دۆلەت شىركىتى، كارخانىسى ياكى باشقا دۆلەت ئورۇنلىرى دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان شىركەت، كارخانا ۋە باشقا ئورۇنلارغا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتكەن خادىملاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشىنى سادىر قىلغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 384 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
273 - ماددا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، خەۋپتىن قۇتۇلدۇرۇش، كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، نەپىقە بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش، ئاھالىنى كۆچۈرۈشكە ۋە قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇشقا ئاجرىتىلغان پۇل ۋە ئەشيانى ئىشلىتىۋېلىش قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، دۆلەت ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلاردىن بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
274 - ماددا جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنى قاقتى - سوقتى قىلغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
275 - ماددا جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنى قەستەن ۋەيران قىلغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
276 - ماددا ئۆچ ئېلىپ ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىش غەرىزى ياكى باشقا شەخسىي غەرەز بىلەن ماشىنا - ئۈسكۈنىلەرنى ۋەيران قىلغان، تېرىلغۇ ئۇلاغلىرىنى ناكار قىلغان ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
6 - باب جەمئىيەت باشقۇرۇش تەرتىپىگە دەخلى
يەتكۈزۈش جىنايىتى
1 - پاراگراف جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتى
277 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملارنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئۆتىشىگە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىشىگە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
تەبىئىي ئاپەت ۋە ئۇشتۇمتۇت ۋەقەدە، قىزىل كرېست جەمئىيىتىدىكى خادىملارنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلارغا 1 - تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى ۋەزىپىسىنى ئۆتىشىگە قەستەن توسقۇنلۇق قىلغان، زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇللىرىنى قوللانمىغان بولسىمۇ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 1 - تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
278 - ماددا ئاممىنى دۆلەتنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا زورلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشكە قۇتراتقانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
279 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىم قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
خەلق ساقچىسى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
280 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسى ۋە تامغىسىنى ياسىۋالغانلار، ئۆزگەرتىۋالغانلار، ئېلىپ - ساتقانلارغا ياكى ئوغرىلىغانلار، تارتىۋالغانلارغا، يوق قىلىۋەتكەنلەرگە 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
شىركەت، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ تامغىسىنى ياسىۋالغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئاھالىلەرنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ياسىۋالغانلار، ئۆزگەرتىۋالغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
مەنبە؛قانۇن قامۇسىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇن قىسىمىدىن ئىلىندى.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!