ئاچچىقسۇنىڭ سىزنى ئورۇقلىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟ ئىلگىرى ياپۇنىيىدە ئوقۇغان ۋە خىزمەت قىلغان باۋنا ھەركۈنى ئاچچىقسۇ ۋە ھەسەل قوشۇلغان بىر ئىستاكان سۇ ئىچىشنى ئۆزىنىڭ ئادىتى قىلغان . بۇ ئۇنىڭ ياپۇنىيىدىكىلەردىن ئۆگىنىۋالغان ئورۇقلاشتىكى ئەپچىل ئۇسۇلى .
باۋنا ياپۇنىيىدىكى ۋاقتىدا ئايال خىزمەتداشلىرىنىڭ ئىنتايىن زىلۋالىقىنى ، ئۇلارنىڭ ئاسانلىقچە سەمرىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بايقىغان .بۇ ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتى بىلەن يەنى ،ياپۇنىيە قورۇمىلىرىنىڭ مايسىز بولغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .ۋەھالەنكى، باۋنانىڭ زىلۋالىقىنى ساقلىشى ئىنتايىن قىيىن بولۇپ ،ئۇ تاماقنى سەل ئارتۇق يەۋالسىلا بىردىنلا سەمرىپ ،ئىلگىرى كىيگەن يوپكىلىرىمۇ ئۆزىگە پاتماي قالاتتى . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
باۋنا كېيىن ئايال خىزمەتداشلىرىنىڭ ئورۇقلاشنىڭ بىر خىل ئەپچىل ئۇسۇلىنى بىلىدىغانلىقىنى،يەنى سوۋۇتۇلغان قايناق سۇغا ئاچچىقسۇ ۋە ھەسەل ئارلاشتۇرۇپ كۈنىگە بىر-ئىككى ئىستاكاندىن ئىچىدىغانلىقىنى بايقىدى .
ئۇلار بۇخىل ئىچىملىكنى كۈندىلىك ئۇسسۇزلۇق ئورنىدا ئىستىمال قىلاتتى .بولۇپمۇ ياز كۈنلىرى ئۇنىڭغا مۇز پارچىسى قوشۇپ ،سوغۇق ئىچىملىك قىلىپ ئىچسە ئىنتايىن تەملىك بولاتتى .ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئاچچىق سۇنىڭ ئادەمنى ئورۇقلىتالايدىغانلىقى يەنىلا ھەممىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى.
شۇنداق قىلىپ ، باۋنا ئۇلارنىڭ تۈرتكىسىدە ھەركۈنى ئاشۇخىل ئىچىملىكتىن بىر-ئىككى ئىستاكان ئىچىدىغان بولغان ،بىرنەچچە ھەپتىدىن كېيىن ئاشقازان -ئۈچەيلىرى ئىنتايىن راھەتلىنىپ قالغان ،روھىي كەيپىياتىمۇ ياخشىلىنىپ ،ئاسانلىقچە ھېرىش-چارچاش ھېس قىلمايدىغان بولغان. ھەركەت مىقدارىمۇ كۆپەيگەن ،ھەممىدىن ياخشى بولغىنى ،بېلى تەدرىجى زىلۋالاشقان .گەرچە ئۇرۇقلاش سۈرئىتى ئىنتايىن ئاستا بولسىمۇ ،ئەمما ھەركۈنى يوپكا كىيگەندە يوپكا بېلىنىڭ بوشاپ قالغانلىقىنى ھىس قىلغان .بۇ ئۇنىڭ ئورۇقلىغانلىقىنى ئىسپاتلايتى. copyright by www.iz.la
ياپۇنىيىلىكلەرنىڭ چامباشچىلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ،ئۇلاردا سېمىز كىشىلەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىدە تەم تەڭشەشتىن تارتىپ پىشۇرۇشقىچە بولغىچە جەرياننىڭ ھەممىسىدە ئاچچىقسۇنى كۆپ ئىشلىتىدىغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .
ئىلمىيلىك ۋە ئوزۇقلۇق تەركىبى نوقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندا ،ئادەم بەدىنى يىمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش جەريانىدا كۆپ قىسىم يىمەكلىكلەر فېرمېنت ۋە ئاچچىقسۇنىڭ ياردىمىدە ھەزىم بولىدۇ. سىركە كېسلاتاسى ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىپ ،ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا ئاچچىقسۇ ئىچكەندىن كېيىن ئادەمنىڭ روھىي كۆتۈرەڭگۈلىشىپ ،ئاسانلىقچە ھارغىنلىق ھېس قىلمايدۇ. ئاچچىقسۇ ئىچكەندىن كېيىن ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى ئېچىلامدۇ قانداق؟ بۇنىڭغا شۇنداق دەپ جاۋاپ بېرىش مۇمكىن . باۋنا ئاچچىقسۇ ئىچكەن دەسلەپكى مەزگىلدە تاماق مىقدارى كۆپەيگەن ،ئەمما بۇنىڭغا ئادەتلەنگەندىن كېيىن تاماق مىقدارى نورماللاشقان ، تاماقنى تاساددىپى كۆپ يەۋەتكەن تەقدىردىمۇ ،ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتمىگەن . ئىز تورى www.iz.la
ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ داۋلىسى ناھايىتى ئاددى ،سىركە كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ ،يىمەكلىكلەرنى تېز سۇرئەتتە ھەزىم قىلدۇرىدۇ.ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،كېرەكسىز ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى مايلار سەرپ بولۇپ، ساغلاملىق ۋە ئورۇقلاش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ. ساپ ئاچچىقسۇنى ئىچكەندە ،ئاسانلا كۆڭۈلگە تېگىپ قالىدۇ، شۇنداقلا ئۇ سالامەتلىك ۋە ھۆسىن گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بەزى ئاياللارنىڭ ئادەتتە كەيپىياتى تۇراقسىز بولىدۇ. بۇ ھۆسىن تۈزەش ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ئىنتايىن پايدىسىز، ئاچچىقسۇ ئارقىلىق چىراينى گۈزەللەشتۈرۈشكىمۇ بولىدۇ ،بولۇپمۇ ئاچچىقسۇ ئۇچەينىڭ ھەركىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،ئادەم تېنىدىكى كېرەكسىز ماددىلارنى ۋاقتىدا تازلايدۇ ،نۇرغۇن كىشىلەر ئاچچىقسۇ ئارقىلىق ئۇزۇن مۇددەتلىك قەۋزىيەتنى داۋالىغان ،بۇنىڭدا بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلار چىقىرىپ تاشلىنىپ ،ئۈچەي يولى راۋانلىشىپ ،تېرە يۇمرانلىشىدۇ، ئىچكى جاراھەتلەرمۇ ئۆزلىكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ.
ئاچچىقسۇ ئارقىلىق ئورۇقلاشتا ،ئىچىلىدىغان ئاچچىقسۇ مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە بولمايدۇ.ئادەتتە مۇۋاپىق مىقداردا ئۇزۇن مۇددەت ئىچىش، ھەرقېتىمدا سوۋۇتۇلغان قايناق سۇغا ئارلاشتۇرۇپ ئىچىش كېرەك (قايناق سۇ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، سۇ مىقدارىنى ئۆزىنىڭ ياقتۇرۇش ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلىسە بولىدۇ).ئازراق ھەسەل ئارلاشتۇرۇۋېتىلسە تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ . ئاچچىقسۇنى يەنە يىمەكلىكلەرگە قوشۇپ ئىستىمال قىلىشقا ،شۇنداقلا قورۇما قورىغاندا تەم تەڭشىگۈچ قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئاچچىقسۇ تاللىغاندا ئەڭ ياخشىسى تەبئىي ئېچىتىلغان ئاچچىقسۇنى تاللاش كېرەك . ھەرقايسى سودا دۇكانلىرىدا ئەلا سۈپەتلىك ،تەملىك قارا گۈرۈچ ئاچچىقسۇسى سېتىلىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى