تۇخۇم پۇشۇرغاندا يېرىلىپ كېتىشتىن ساقلاش
تۇخۇم پىشۇرغاندا يىرىلىپ كىتىدىغان ئەھۋال ھەمىشە كۆرۇلۈپ تۇرىدۇ. تۇخۇم يىرىلىپ كەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار سۇغا ئېقىپ ئىسراپ بولىدۇ. بۇنۇڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، تۇخۇمنى سوغۇق سۇغا سىلىپ، ئاستا -ئاستا قاينىتىپ پۇشۇرۇش، ئىسسىق سۇغا سىلىپ پىشۇرۇشقا توغرا كەلگەندىمۇ، ئاۋال سوغۇق سۇغا بىردەم چىلاپ ياكى سۇغا ئازراق تۇز سىلىۋىتىپ ئاندىن قاينىتىش لازىم. شۇنداق قىلغاندا تۇخۇم پىشقۇچە يېرىلىپ كەتمەيدۇ.
مەنبە؛ تۇرمۇش بىلىملىرى خەزىنىسى.