يەككىلىك ۋە بىر پۈتۈنلۈك

ۋاقتى:2011-02-24 13:43مەنبە: يوللىغۇچى:رەشىدە چېكىلىشى:قىتىم
  

     ھەر  بىر  ئادەم  كوللېكتىپنىڭ بىر  ئەزاسى   بولۇشتىن  سىرىت ، ئۇ  يەنىلا  يەككە  شەخس .    ئۇ  توپ  ئىچىدە  ياشاپ  تۇرۇپمۇ   ئۆزىنىڭ  يەككە  خۇسۇسىيتىنى  ،  باشقىلارغا  ئوخشىمايدىغان  ئالاھىدىلىكلىرىنى  ھەقىقى  جارى  قىلدۇرۇش  ئۈچۈن  تىرشىدۇ.  ئاخىرى  بىرەر ئىشتا  غەلبىنى  قولغا  كەلتۈرۈپ ،  شۇ  غەلبىسى  ئارقىلىق   ئۆزى  قاتناشقان  كوللېكتىپقا  شان- شەرەپ  كەلتۇرىدۇ، شۇ   توپنىڭ  كۈچ -قۇدرىتىنىڭ   زورىيىشىغا    بىر  كىشىلىك  ھەسسە قوشىدۇ. شۇنى  ئەستىن چىقارماسلىق   كېرەككى ،  يەككىگە  بولغان  ھۆرمەت ،  ئەكىسچە  بىر  پۈتۈنلىكنىڭ   ھەقىقى بىردەك  بولۇشىنى  تەكىتلەيدۇ.   ھەربىر  شەخىس  ھەرقانچە  قابىل  ، تولۇق  يېتىلگەن  بولسىمۇ  ،  ئۇ  كوللېكتىپنىڭ    قوللىشى  ۋە  زور  كۈچ بىلەن  مەدەت  بېرىشى ،ماددى  ۋە  مەنىۋى  جەھەتتىن يارىدەم  بېرىشى   نەتىجسىدە ،ئۆزىگە  خاس ئالاھىدە  ئۇسۇلدا   كوللېكتىپقا  بىر  ئۈلۈش  كۈچ  قوشىدۇ.  شۇڭا  ، ئىنسانلار   ئۆزىگە  خاس  ئالاھىدىلىكمى  ئاكىتىپ   جارى  قىلدۇرۇشى    ھەمدە  كوللېكتىپنىڭ  مەنپەئەتىنى  ئەلا  بىلشى  ، ھەمدە  كوللېكتىپقا   بويسۇنىشى  لازىم. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

     بىز   ئزىمىزنىڭ  توپىنىڭ  بىر   ئەزاسى  ئىكەنلىكىمىزنى  ئۇنتۇپ  قالماي،  ئۆزىمىزنىڭ  خاس ئالاھىدىلىكىمىزنى  جارى  قىلدۇرۇش   ئارقىلىق  ئۆزجەمەتىمىزنىڭ     كۈچ-قۇدۇرىتىنى  نامايان   قىلىشتا  يەنىلا  بۆرىلەرنى   ئۈلگە  قېلىشىمىز  كىرەك .بۆرىلەرنىڭ  نىمە  ئۈچۈن  ھۇۋلايدىغانلىقى  ھازىر غىچە  بىر  سىر .  قىسقىسى  ، ئۇلار  تەبىئەت ئۆزىگە  ئاتا  قىلغان   تەبىئىي    تاللانتىنى   نۇرغۇن  ئەۋلادىنىڭ  تەدىرىجى  تەرەققى   قىلىش  نەتىجىسىدە  ئەركىن  ئىشلىتەلەيدىغان   دەرىجىگە   يەتكەن.    ئەمەلىيەتتە  بىرەر  بۆرە   توپىدا  سەككىزچە   بۆرە  بولىدۇ.  ئۇلار  كېچىسى   تەڭ  ھۇۋلايدۇ.  بۇ  ئاۋازنىڭ  شۇنچىۋالا  ھەيۋەتلىك  ئاڭلىنىشىدىكى   سەۋەپ  ھەربىر  بۆرە  ئۆز  ئالدىغا    بىر   خىل  ئاۋاز  چىقىرىدۇ .  بۆرىلەر    باشقا  بىر  سىنىڭ   ئاۋازىنى  دوراپ  قالمايدۇ.  ھەربىر  بۆرىنىڭ  ئۆزئالدىغا   ئاھاڭى  بولۇپ  ،  ھەربىر  يەككە  بۆرە     ئۆز  توپىدىكى   باشقا  بۆرىلەرنىڭ  ئالاھىدىلىكىگە   بەكمۇ  ھۆرمەت  قىلدۇ  .  بىراق  ،  ھەربىرى   ئۆزىگە   خاس  ئاۋاز دا  ھۇۋلىغىنى  بىلەن  ،  يەنىلا  شۇتوپنىڭ   ئورتاق   ئاھاڭىغا  ھۆرمەت  قىلىدۇ .   بۆرىلەر  توپى  چىقارغان  بۇ  ئاۋاز   بىرخىل ئالاھىدە   خاسلىققا  ئىگە  بولۇپ  ،  خۇددى  نۇرغۇنلىغان  سازەندىلەر  ھەرخىل  سازلارنى    داڭلىق  رېژىسسورنىڭ  قوماندانلىقىدا    بىر   خىل  رىتىمدا   تەڭكەش  قىلىپ  ئورۇندىغان   جەڭگىۋار  ،ھەيۋەتلىك  سىمفونىيىگە  ئوخشايدۇ.  بۆرىلەر   توپى  چىقارغان  بۇ  ئاۋاز  بارىلىق   بۆرىلەر  ئوخشاش  ئاۋاز  چىقىرىپ  ھۇۋلىغاندىمۇ   كۆپرەك  سۈرلۈك  بولۇپ،   بۇ   ئاۋازنى   ئاڭلىغان   بۆرىنىڭ  دۈشمەنلىرى   ئۆزىنى  ناھايىتى  كۆپ  بۆرىلەر  توپى  ئىچىگە   كىرىپ  قالغاندەك  ھېس  قىلىپ  قورققىنىدىن     قېچىپ  كېتىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

         بىز  بۇ جەتتە   بۆرىلەرنى  ئۈلگە قىلىشىمىز  كىرەك.  ئائىلە  باشلىقلىرى  مۆھتەرەم  ئاتا - ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلار ، بىرەر  تەشكىلاتنىڭ   مەسئۇللىرى   ئۆزپەرزەنتىمىز،  ئوقۇغۇچىمىز  ، قول  ئاستىمىزدىكىلەرنىڭ  ئۆزىگە  خاس  قىزىقىشى   ،  ھەۋىسى، ئالاھىدە  ئىقتىدارى ،  يەككە  تالانتىغا  ھۆرمەت  قىلىپ   ،ئۇنى  سوغۇق  سۇ  سېپىپ  بوغۇپ  قويماي  ، ئۇلارنىڭ   ئۆز    ئالاھىدىلىكىنى  تولۇق  جارى قىلدۇرۇپ،  ئۆزتالانتىنى  كوللېكتىپنىڭ  قۇدرەت  تېپىشى  ،  زورىيىشى  ،تەرەققى  قىلشىغا  خىزمەت  قىلدۇرۇشنى  قولغا  كەلتۈرەلىسەكلا  ، ئائىلە  ،تەشكىلات چوقۇم  قۇدرەت  تېپىپ  ، كىشىلەر  قايىل  بولغۇدەك   دەرىجىدە  گۈللەپ  ياشنايدۇ .  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • كىر ئالغۇنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزارتىشنىڭ ئۇسۇللىرى

    1. كىر ئالغۇنى نەم ، ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان ئورۇنغا قۇيماسلىق ، ئېلېكتىر زاپچاسلىرىنىڭ نەملىشىپ ، ئىزولىياتور ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن ، مېتال بۇيۇملىرىنىڭ نەملىكىتىن داتلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كىرەك. يەنە قۇياش نۇرى بىۋاستە چۈشىدىغان ئورۇنىغا قۇيۇپ رەڭگىنى...

  • بۇستارتقۇنى ئشىلىتىشتدىكى ئەپچىل چارىلەر

    ...

  • ئىىپپەت زار -زار يىغلايدۇ

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تىز تەرەققىي قىلىشى، بازار رىقابىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى، پۇل ئېڭىنىڭ كۈچىيىشى، تۈرلۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆز - ئارا سىڭىشىشى، ئەخلاق ئىكولوگىيىسىنىڭ زور دەرىجىدە بۇلغىنىشى بىلەن تەڭ ئۇيغۇر ئ...

  • قايرىلىپ كەتكەن جايغا ئىسسىق ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك

    ...

  • ئۆيدىكى 10 خىل زەھەرلىك ماددا

         1 . قوش فېنول —A . ئۇ يالتىراق ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل خىمىيەلىك ماددا بولۇپ، ئۇ سۇ ۋە سۈت بوتۇلكىلىرى، يالتىراق قەغەز، يېمەكلىك ئورالمىسى قاتارلىقلار تەركىبىدە بولىدىكەن، بۇنداق ماددا ھامىلە ۋە بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىگە تەسىر كۆ...

  • ئۆزىڭىزگە ئىشىنىشنى بىلەمسىز؟

    ئاپتۇرى: ياسىنجان توخنىياز توغراق ئۆزىگە ئىشىنىش مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنىڭ تۇنجى قەدىمى. ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ كەملىكى مەغلۇپ بولۇشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. بىر قېتىم ئىشەنچىسىنى يوقاتقان بىر دىرېكتور ئامېرىكىلىق مەشھۇر مۇۋەپپەقىيەتشۇناس ناپولېئون خېئولدىن ياردە...

  • پۇت پۇراشىنى داۋالاشتىكى بەش خىل ئۇسۇل

    1.تۇز : ئاياغنى يېشىپ ئىچىگە ئازراق تۇز سېلىپ، ھاۋائۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايغا قويۇپ قويسا، ئاياغدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقاتقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىنباشقا، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، پۇتقا ئازراق تۇز سېپىپياتسا، پۇتتىكى سېسىق پۇراقنى يوقاتقىل...

  • قاتتىق كۈلۈشكە بولمايدىغان كىشىلەر

    كۈلكىنىڭ سالامەتلىك ئۈچۈن پايدىسى كۆپ بولسىمۇ ، لېكىن سالامەتلىك ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك كىشىلەر قاتتىق كۈلۈشتىن ئېھتىيات قىلىشى كىرەك ....

  • گۈل ۋە سالامەتلىك

    گۈل كىشلەرگە ھۇزۇر بىغىشلاپلا قالماي ، مۇھتىنى گۈزەللەشتۈرۈش ، بۇلغىنىشنى ئازايتىپ ، تۈرلۈك كېسەلىكىلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . نېرۋا پائاليىتى بۇلغىنىشقا باشلىغان بەزى كېسەلكىلەرنى داۋالاشتا گۈل شىپالىق رول ئوينايدۇ .. شۇنداق بولغاچىقا بەزى مەملىكەتلەردە گۈل...

  • ئۆزىدىن ئاغرىنىش بىر خىل پايدىسىز ھەركەت

    ئۆزىدىن ئاغرىنىش بىر خىل پايدىسىز ھەركەت، - بىر كىشى ئەگەر ھازىرقى ۋاقىتنى قانداق چىڭ تۇتۇشنى بىلىسە، ھەمدە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلانسا، ئۇ، ئەركىن ، مەنىلىك ، ھەقىقى بولغان تۇرمۇشنى تاللىغان بولىدۇ،...