ئەقىلگە تايىنىڭ ، ھېسسىياتقا بېرىلمەڭ

ۋاقتى:2011-01-29 20:56مەنبە: يوللىغۇچى:تۇرغۇنجان چېكىلىشى:قىتىم
  

كامال جامال

ئىز تورى www.iz.la

مۇستەقىل تۇرمۇشقا قەدەم قويغان ياشلارنىڭ ھېس – تۇيغۇلىرى ھەرقانچە ‹‹چاپچىپ›› تۇرسىمۇ، تۇرمۇشقا، ھاياتقا يۈكسەك مەسئۇلىيەتچان بولغاندىلا، كۆزلىگەن مەنزىلىگە يېتەلەيدۇ. ئەكسچە بولغاندا ھايات لەززىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

پەن – تېخنىكا يۈكسەلگەن بۈگۈنكى كۈندە تاللاش، شاللاشتىن ئىبارەت ھەقىقەت ھەممەيلەنگە كەسكىن سىناقلارنى ئاتا قىلىش بىلەن بىللە، ياشلارنىڭ ھېسسىيات، قىزىقىشىنى ئىلمىي، توغرا بىر تەرەپ قىلالايدىغان مۇتەخەسسىسلەردىن بولۇشىنىمۇ تەلەپ قىلماقتا. ياشلاردىكى كۈچلۈك ھېسسىيات ئۇلارنىڭ غايىسىنى قاناتلاندۇرۇپ، قىزىقىشلىرىغا تۇتۇرۇق بولسىمۇ، ئەمما شۇ ھېسسىيات ئىچىدىكى خام، چولتا قىزىقىشلارغا بېرىلگەندە، ئۇلۇغۋار ئارزۇ – ئارمانلار ئاسانلا كۆپۈككە ئايلىنىدۇ. ياشلىقتىكى ئەڭ كاتتا مۇكاپات ئۆز – ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى ھازىرلاشتۇر. ھاۋايى ھەۋەس، ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن تىپىرلاپ يۈرۈش بىھۇدە ئاۋارىچىلىك بولۇپلا قالماستىن، بىباھا ياشلىقنىڭ قىممىتىنى يوقىتىدىغان روھىي زەئىپلىك. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئادەمدە، يىقىلسا، ئورنىدىن دەست تۇرالايدىغان روھ بولۇشى كېرەك. ئەكسىچە ھېسسىيات ئېزىتقۇسىنىڭ سېھىرلىك رەڭلىرىگە ئالدىنىپ، تۇرمۇشتا خاتا قەدەم ئېلىپ قالسا، ئۇنى ئوڭشاش تەسكە چۈشىدۇ. www.iz.la

ئاخىرىدا زامانداشلىرىمغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمەنكى، بۈگۈنىڭىز ئۈچۈن ئىزدەنگەندە ئەقلىڭىزگە، ئىلمىي تەپەككۇرىڭىز ۋە تەسەۋۋۇرىڭىزغا تايىنىڭ، ھەرگىزمۇ ياشلىقتىكى بىردەملىك ھېسسىي ‹‹سەراب›› لارغا بېرىلمەڭ!

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(8)
88.9%
ئالقىشلايمەن
(1)
11.1%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • كىر ئالغۇنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزارتىشنىڭ ئۇسۇللىرى

    1. كىر ئالغۇنى نەم ، ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان ئورۇنغا قۇيماسلىق ، ئېلېكتىر زاپچاسلىرىنىڭ نەملىشىپ ، ئىزولىياتور ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن ، مېتال بۇيۇملىرىنىڭ نەملىكىتىن داتلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كىرەك. يەنە قۇياش نۇرى بىۋاستە چۈشىدىغان ئورۇنىغا قۇيۇپ رەڭگىنى...

  • بۇستارتقۇنى ئشىلىتىشتدىكى ئەپچىل چارىلەر

    ...

  • ئىىپپەت زار -زار يىغلايدۇ

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تىز تەرەققىي قىلىشى، بازار رىقابىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى، پۇل ئېڭىنىڭ كۈچىيىشى، تۈرلۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆز - ئارا سىڭىشىشى، ئەخلاق ئىكولوگىيىسىنىڭ زور دەرىجىدە بۇلغىنىشى بىلەن تەڭ ئۇيغۇر ئ...

  • قايرىلىپ كەتكەن جايغا ئىسسىق ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك

    ...

  • ئۆيدىكى 10 خىل زەھەرلىك ماددا

         1 . قوش فېنول —A . ئۇ يالتىراق ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل خىمىيەلىك ماددا بولۇپ، ئۇ سۇ ۋە سۈت بوتۇلكىلىرى، يالتىراق قەغەز، يېمەكلىك ئورالمىسى قاتارلىقلار تەركىبىدە بولىدىكەن، بۇنداق ماددا ھامىلە ۋە بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىگە تەسىر كۆ...

  • ئۆزىڭىزگە ئىشىنىشنى بىلەمسىز؟

    ئاپتۇرى: ياسىنجان توخنىياز توغراق ئۆزىگە ئىشىنىش مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنىڭ تۇنجى قەدىمى. ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ كەملىكى مەغلۇپ بولۇشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. بىر قېتىم ئىشەنچىسىنى يوقاتقان بىر دىرېكتور ئامېرىكىلىق مەشھۇر مۇۋەپپەقىيەتشۇناس ناپولېئون خېئولدىن ياردە...

  • پۇت پۇراشىنى داۋالاشتىكى بەش خىل ئۇسۇل

    1.تۇز : ئاياغنى يېشىپ ئىچىگە ئازراق تۇز سېلىپ، ھاۋائۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايغا قويۇپ قويسا، ئاياغدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقاتقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىنباشقا، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، پۇتقا ئازراق تۇز سېپىپياتسا، پۇتتىكى سېسىق پۇراقنى يوقاتقىل...

  • قاتتىق كۈلۈشكە بولمايدىغان كىشىلەر

    كۈلكىنىڭ سالامەتلىك ئۈچۈن پايدىسى كۆپ بولسىمۇ ، لېكىن سالامەتلىك ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك كىشىلەر قاتتىق كۈلۈشتىن ئېھتىيات قىلىشى كىرەك ....

  • گۈل ۋە سالامەتلىك

    گۈل كىشلەرگە ھۇزۇر بىغىشلاپلا قالماي ، مۇھتىنى گۈزەللەشتۈرۈش ، بۇلغىنىشنى ئازايتىپ ، تۈرلۈك كېسەلىكىلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . نېرۋا پائاليىتى بۇلغىنىشقا باشلىغان بەزى كېسەلكىلەرنى داۋالاشتا گۈل شىپالىق رول ئوينايدۇ .. شۇنداق بولغاچىقا بەزى مەملىكەتلەردە گۈل...

  • ئۆزىدىن ئاغرىنىش بىر خىل پايدىسىز ھەركەت

    ئۆزىدىن ئاغرىنىش بىر خىل پايدىسىز ھەركەت، - بىر كىشى ئەگەر ھازىرقى ۋاقىتنى قانداق چىڭ تۇتۇشنى بىلىسە، ھەمدە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلانسا، ئۇ، ئەركىن ، مەنىلىك ، ھەقىقى بولغان تۇرمۇشنى تاللىغان بولىدۇ،...