تاھىرجان ئوبۇلقاسىم ئىز تورى بەك ياخشى
سۆز بېشى
ئىز تورى بەك ياخشى
بۇ لېكسىيىلەر ھاياتىڭىزدا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشىڭىزغا ياردەم قىلىش، ھەمدە سىزنىڭ بىر ئۆمۈر بۆسۈش ھاسىل قىلىپ يېڭىلىق يارىتالايدىغان، ئۇتۇق قازىنىدىغان ئىدىيە، ھەرىكەت، ئادەت يىتىلدۈرۈشىڭىزگە ياردەم قىلىش مەقسىدىدە تۈزۈلگەن بولۇپ، چوڭلار قىسىمىدىكى 10 لېكسىيە، ئوقۇغۇچىلار قىسىمىدىكى يەتتە لېكسىيە ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزنىڭ بۇرۇنقى ئىدىيە ھالىتىدىن قۇتۇلۇپ، يېڭىچە بىر ئىدىيىگە، ھەرىكەت ئۇسۇلغا ئىگە بولىسىز، شۇنداقلا يوشۇرۇن ئىقتىدارىڭىزنى ئەڭ ياخشى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھاياتىڭىزدا زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالايسىز. بۇ بىر يۈرۈش لېكسىيىلەر سىزنىڭ لېكسىيىلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلار بويىچە سىزدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىجابى ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدۇرۇپ، ھاياتىڭىزنى تېخىمۇ زور ئەھمىيەتكە، خۇشاللىققا، نەتىجىگە تولدۇرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنى بىر قېتىم كۆرۈپلا قويسىڭىز ئۈنۈمى يېتەرلىك بولمايدۇ. ھەر بىر قېتىم ھاياتى كۈچىڭىز تۆۋەنلىگەندە، ئۆزىڭىزگە يېتەرلىك روھى ئېنېرگىيە تولۇقلىماقچى بولغىنىڭىزدا بۇ لېكسىيىلەر سىزگە ھەرقاچان ھەمراھ بولىدۇ. بۇ لېكسىيىلەرنى بىر ئۆمۈر يېنىڭىزدا ساقلاپ، ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنى تۇرمۇشىڭىزدا بىر ئۆمۈر قوللانسىڭىز ئىشىنىمەنكى مۇۋاپپىقىيەتچىلەرگە خاس ھايات سىزگە بىر ئۆمۈر يار بولىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئەلۋەتتە بۇ ھەرگىزمۇ سىز ھوزۇرلىنىدىغان ئەدەبى ئەسەر ياكى بىلىپلا قويىدىغان ئاخبارات ئەمەس، بۇ سىزنىڭ ھەرىكىتىڭىزنى، نەتىجىڭىزنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلىپ تۈزۈلگەندۇر، شۇڭلاشقا كىتابتىكى ھەربىر كۆرسىتىلگەن قەدەم-باسقۇچ، تاپشۇرۇقلارنى ئەستايىدىل ئورۇنلىشىڭىز كېرەك. شۇنداق قىلغىنىڭىزدىلا ئاندىن ھەقىقى ئۈنۈمى بولىدۇ. مۇبادا سىز ھاياتىڭىزدا كۆپ جەھەتلەردە يۈكسىلىش، بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلسىڭىز، شۇنداقلا بۇخىل ھالەتنى دائىملىق ساقلىماقچى بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنى كەمتەرلىك بىلەن تاكامۇللاشتۇرۇشنى، تېخىمۇ يېڭىچە كۆز-قاراش، ھەرىكەت ئۇسۇللىرى بىلەن تۇنۇشۇپ بېقىشنى ئويلىسىڭىز بۇ لېكسىيىلەرنى تىڭشاپ، كۆرۈپ بېقىڭ. مەن لېكسىيىلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلارنى تۇرمۇشۇمدا قوللانغانىدىم، دەرۋەقە ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى بولغانىدى. دوستلىرىممۇ، كۇرسانتلارمۇ قوللىنىپ ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولدى. مېنىڭچە بۇ ئىدىيە-قاراشلار، ئۇسۇللار سىزگىمۇ ماس كېلىدۇ ھەم ئۈنۈمى بولىدىغۇ دەپ قارايمەن.
ئىز تورى بەك ياخشى
بۇ لېكسىيىلەر سىزنىڭ ھەرگىزمۇ جىق ئىقتىساد، ۋاقىتقا تەۋەككۇل قىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلمايدۇ. سىز پەقەت ھەركۈنى چارچاپ دەم ئالغان ۋاقتىڭىزدىلا ئېلىپ كۆرۈپ قويسىڭىز ياكى تىڭشىسىڭىز، ھاردۇقىڭىزنى چىقىرىپ، ھاياتى كۈچىڭىزنى تېخىمۇ بەك ئاشۇرىدۇ. بىز ئىككىلىنىش سەۋەبىدىن جىق پۇرسەتلەرنى كەتكۈزىۋىتىمىز. ئەڭ ئېچىنىشلىقى ئەھۋالنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقى ياكى ئادەتتىكىچىلىكى ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ يەنىلا كاتەككە كۆنگەن توخۇدەك بۇرۇنقى ئىدىيە، بۇرۇنقى ھەرىكەت ئۇسۇلىڭىزنى يېڭىلاشنى، ئۆگىنىشنى، يۈكسىلىشنى خالىمىغانلىقىڭىزدا. تەكلىپىم شۇكى، سىز بۇ ياخشى ئۆگىنىش، يۈكسىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بىرىپ قويماڭ. قانچە بۇرۇن ھەرىكەتلەنسىڭىز، شۇنچە بۇرۇن نۇرغۇن مەسلىلەرنى ھەل قىلىپ، نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈلەيسىز، ھاياتىڭىزنى شۇنچە بۇرۇن ئەھمىيەتكە، خۇشاللىققا تولدۇرالايسىز. ھەرىكەتلىنىڭ! ئىشىنىمەنكى خۇشال-خورام، ئەھمىيەتلىك ھايات سىزگە پات-ئارىدا نىسىپ بولغۇسى ھەم بىر ئۆمۈر سىزگە يار بولغۇسى!
مۇقەددىمە قىسمى
ئۇتۇقلۇق ھايات بۇ يەردىن باشلانغۇسى ئەسسالام قېرىنداشلار: ھەممىمىز تۇغۇلغان تارتىپ، تاكى تىنىقىمىز توختىغىچە نۇرغۇنلىغان يوللارنى باسىمىز، جىق ئىشلارغايولۇقىمىز. ھالبۇكى بەزى ئىشلار بىزنى گاڭگىرىتىپ كاللىمىزغا نۇرغۇن سۇئاللارنى پەيدا قىلسا تۇرمۇشنىڭ ھەرتۈرلۈك بېسىم ھەم ئاچچىقلىرى بىزنى ئازاپلايدۇ ھەم پەرىشان قىلىدۇ. سىز نىمىگە ئەڭ ئېھتىياجلىق؟ سىزگە پۇللا لازىممۇ؟ سىزگە خىزمەتلا كېرەكمۇ؟ سىزگە دىپلوملا لازىممۇ؟ سىزگە كىتابتىكى بىلىملا لازىممۇ؟ سىزگە ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇيىڭىزدىكى بۇيۇملار لازىممۇ؟ ئارزۇيىڭىزدىكى مەھبۇبىڭىزلا كېرەكمۇ؟. . . . مېنىڭچە جاۋابىڭىز چوقۇم، ياق! توغرا، بىز ئەڭ ئېھتىياجلىقى ھەرگىزمۇ سىرتتىكى ماددى بۇيۇملار ئەمەس بەلكى بىزگە ئەڭ ئېھتىياجلىقى بىر ئۆمۈر كۆڭۈلنىڭ ئەركىن-ئازادە، خاتىرجەملىكى. ئىللىقلىق، مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان ئائىلە ھەم تۇرمۇش! ھۆرمەتكە، قىزغىنلىققا، خۇشاللىققا تولغان ھايات! ئەلۋەتتە، يۇقارىقى خىزمەت، سالامەتلىك، يۇقىرى ئوقۇش تارىخى، بىلىم، پۇل قاتارلىقلارغا بولغان ئېھتىياجمۇ دەل شۇ ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئېھتىياجىمىز ئۈچۈن ئەمەسمۇ. لېكىن ھەردائىم ئۆزىمىزنىڭ مىجەز-خاراكتېر، ئادەت، ئۇسۇل، ھاياتقا بولغان تۇنۇشىمىزنىڭ ھەرخىللىقى تۈپەيلىدىن، بەزى كىشىلەرنىڭ ھەركۈنى شۇنداق خۇشال-خوراملىققا، نەتىجىگە تولىدۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى
ئەمما بەزىلەرنىڭ كۈنى ئىچى سىقىلىش، ئۇھسىنىش، غەم-ئەندىشە، تاپا-تەنە، ئارازلىق، ئاچچىقلىنىش، جەڭگى-جېدەل، ئازاپلىنىش، پۇشايمان قىلىش بىلەن ۋە ياكى كۈننىڭ قاچانلىقى بىلەن ھېسابلاشماي باشقىلارغا تايىنىپلا خۇددى سۇنىڭ كۆپىكىدەك ئۆتىدۇ. مۇبادا بۇخىل ھالەت ئۆزگەرمەي ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقاندا كېيىنچە بارا-بارا تۈرلۈك كەيپ-ساپا، ھاراق-تاماكا، زەھەر چېكىشكە، ھەتتاكى ئۆز ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تەرەققى قىلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچ سىرىنى تىڭشىساق ئۇلارنىڭمۇ ھەرگىز ئۇنداق قىلغۇسى يوق! پەقەت بىرەر مەزگىللىك ئوڭۇشسىزلىق، گاڭگىراش ئۇلارنى تەمتىرىتىپ قويغان، ئۇلار ئۆز تۇرمۇشىنى، ھاياتىنى ياخشىلايدىغان ھەقىقى بىر ياردەمگە ئېرىشەلمىگەن. ئۇلار ھاياتتىكى نۇرغۇن ئىشلارنى ھېس قىلغىچە جىق كېچىككەن! ھەم مۇھىتنىڭ، ئادەتنىڭ سىرتمىقىدىن قۇتۇلالمىغان! خوش، مۇبادا ئۆزىڭىز ھەم يېقىن قېرىنداشلىرىڭىز بىرىنجى خىلدىكىدەك بولغان بولسا، مۇبارەك بولسۇن! لېكىن سورايدىغىنىم، سىز مۇشۇنداق خاتىرجەملىككە قاچانغىچە كاپالەتلىك قىلالايسىز؟ بىر كۈنمۇ؟ بىر ھەپتىمۇ؟ بىر ئايمۇ؟ بىر يىلمۇ؟ مېنىڭچە ھازىرقى بىرەر مەزگىل ئىشىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاندا ياخشى تۇرغاندەك قىلغان بىلەن، كېيىنچە بىرەر ئىشيۈز بەرگەندە سىزمۇ بىلىپ-بىلمەي ئىككىنجى قاتارغا ئۆتۈپ قالىسىزغۇ دەيمەن. www.iz.la
مۇبادا سىز ياكى قېرىنداشلىرىڭىز ئىككىنجى تۈردىكىدەك بولسا، قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەجەبا سىزمۇ ئۇلارنىڭ ئازابىغا ئازاب قاتماقچى، داغلانغان يۈرىكىنى قايتىدىن تاتلىماقچى بولامسىز؟ ئۇلارغا بېرىدىغان ئەمەلى ياردەمدىن كۆرە، تېخىمۇ بەك بېسىم بېرەمسىز؟ ياكى ئۇلارنىڭ ئۆز تۇرمۇشىنى، ھاياتىنى تېخىمۇ بەك خاتىرجەم قىلىشىغا ياردەم قىلامسىز؟ئاتا-ئانا بولسىڭىز باللىرىڭىزنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ ھۆرمەتلىك، ئەڭ سۆيۈملۈك ئادەم بولۇشنى ئۈمىد قىلامسىز؟خىزمىتىڭىزدە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى، ئىقتىسادى ئەھۋالىڭىزنى پات- ئارىدا ياخشىلاشنى ئويلامسىز؟ ئائىلە مۇناسىۋېتىڭىزنى تېخىمۇ بەك ياخشىلاشنى، تېخىمۇ ئىناق- ئىجىل ئۆتۈشنى خالامسىز؟كەيپىياتىڭىزنىڭ دائىم خۇشال-خورام بولۇشىنى، كۈنلىكى 15 سائەتلەپ ئۆگىنىش ياكى خىزمەت قىلىپمۇ چارچىماسلىقنى، سالامەتلىكىڭىزنىڭ دائىم ياخشى تۇرۇشىنى، ھەرقانداق كېسەللىكدىن تېز ساقىيىشنى خالامسىز؟ئۆگىنىشتىكى نەتىجىڭىزنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز ئاشۇرۇشنى، تىل ئۆتكىلىدىن تېز ئۆتۈۋېلىشنى خالامسىز؟ئۆزگەرتەي دېسىڭىزمۇ ئۆزگەرتەلمىگەن نۇرغۇن ناچار ئادەت- قىلىقلارنى ئۆزگەرتىشنى خالامسىز؟ ھاياتىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق، ئەھمىيەتلىك ئۆتۈشىنى، نۇرغۇنلىغان ياخشىلىق، ساۋاب ئىشلارنى قىلىۋېلىشنى خالامسىز؟ ۋاقىتنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك كونتورول قىلىش توختاۋىسىز ھەرىكەت كۈچىنى قېزىش يۇقىرى تەن قۇۋۋىتىنى ساقلاش يۇقىرى ئۈنۈملۈك كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئائىلە، مۇھەببەت مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئىپى ھەرقانداق توقۇنۇش، بېسىم، قىيىنچىلىقنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش شەرتى: ئاساسلىق، 20 ياشتىن تۆۋەنلەر، ئوتتۇرا-ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئۆزىنىڭ ھەرخىل ئۆگىنىش ھەم كەسىپتىكى ئوقۇش نەتىجىلىرىنى يۇقۇرى ئۈنۈم، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆستۈرۈشنى خالايدىغانلار، ئۇنۋېرسال مۇۋاپپىقىيەت قارىشى بىلەن تۇنۇشۇپ، بۇندىن كېيىنكى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھاياتقا ئاساس سېلىشنى خالايدىغانلار. copyright by www.iz.la
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
چوڭلار قىسىمى
بىرىنجى لېكسىيە – مۇۋاپپىقىيەت ھەققىدە ئىز تورى www.iz.la
مۇۋاپپىقىيەت بىرەر ئىشتىن نەتىجىگە ئېرىشىش، ئۇتۇق قازىنىش دېگەنلىك بولۇپ، بىز تۇرمۇشىمىزدا ئادەتتە مەلۇم كەسىپتە، مەلۇم خىزمەتتە ياكى ئىقتىسادتا باشقىلارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازانغان كىشىلەرنى مۇۋاپپىقىيەت قازاندى دەيمىز. بۇرۇن بىرەر كىشىنىڭ مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشى ئۈچۈن چوقۇم ئۇ كىشى مەلۇم ساھىدە بەلگىلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرگەن بولسىلا ئاندىن بىز ئۇ كىشىنى مۇۋاپپىقىيەت قازاندى، دەپ ھېسابلاپ كەلگەنتۇق. بۇ بىزنىڭ نەچچە يىللاردىن بېرىقى ئەنئەنىۋى مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش قارىشىمىز ئىدى. لېكىن ھازىرقى زاماندىكى يېڭىچە بولغان مۇۋاپپىقىيەت ئۇقۇمىنىڭ مەنىسى ھەرگىزمۇ بۇرۇنقى بىز تار دائىرىدا چۈشۈنۈپ ئۆتكەن، ئەڭ ئاخىرىقى نەتىجىلا ئەمەس. ئۇنداقتا ھازىرقى زاماندىكى مۇۋاپپىقىيەت ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ كۆرسىتىدىغان دائىرىسى بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى مۇۋاپپىقىيەت ئۇقۇمى، دائىرىسىگە قارىغاندا قانداق پەرقلىنىدۇ؟ مەن بۇ لېكسىيىدە ئاساسلىقى سىزنىڭ ئەنئەنىۋى مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش قارىشىڭىزنى ياخشىلىماقچى، ھەمدە سىزگە مۇۋاپپىقىيەتنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ توغرا كۆرسىتىپ بىرىپ، سىزنىڭ ھەرگىزمۇ تار دائىرىدە نەتىجە قازانغان كىشى ئەمەس بەلكى ھەممە جەھەتتىن ئۇنۋېرسال يېتىشكەن، ئۇنۋېرسال مۇۋاپپىقىيەت قازانغان كىشىلەردىن بولۇشىڭىز ئۈچۈن دەسلەپكى ئاساس تۇرغۇزماقچى. چۈنكى، مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش ئۇقۇمى ئايدىڭ بولمىغاندا، مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشتىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. دېمەك ئەڭ ئاۋۋال بۈگۈنگە خاس ھازىرقى زامان مۇۋاپپىقىيەت ئۇقۇمى كاللىڭىزدا ئېنىق بولۇشى زۆرۈر. ھازىرقى زاماندىكى يېڭىچە مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش قارىشى شۇكى، ئۇ ھەرگىزمۇ ئىلگىرىكى نوقۇل مەلۇم تار دائىرىدىكى نەتىجە ياكى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئىپادىلىگىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. بىز ئىلگىرى مۇۋاپپىقىيەت قازانغان كىشىلەرنى دائىم كەسىپ ھەم ئىقتىسادى جەھەتتىكى نەتىجىسىنىلا ئۆلچەپ كەلگەن بولساق، ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە مۇۋاپپىقىيەت ئۆلچىمى ئۆزگەردى. مۇۋاپپىقىيەت بۇرۇنقىدەك سانلىق ئىپادە بىلەن ئۆلچىگىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەمدى ھاياتقا بولغان تۇنۇش، ياشاش ئۇسۇلى، ياشاش جەريانىدۇر. مۇۋاپپىقىيەت ھەرگىزمۇ كەسىپ، ئىقتىسادنىلا كۆرسەتمەستىن، بەلكى كەسپ جەھەتتە تېخىمۇ بەك خۇشاللىق ھېس قىلىپ تۇرۇپ ئىشلەش ھەم زور نەتىجىنى، بۆسۈشنى ئۆزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشتۇردۇ؛ ئىقتىساد جەھەتتە: ئۆزى ھەم ئائىلىسى ھەرتۈرلۈك ئىقتىسادى بېسىملارغا ئۇچرىماي، ئۆزىنىڭ، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى پائالىيىتىگە ئېھتىياجلىق ئىقتىساددىن ئەنسىرىمەي، مۇقىم ئىقتىسادى كىرىمگە ئىگە بولۇش؛ئائىلە مۇناسىۋېتى جەھەتتە: ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ھەردائىم خۇشال-خورام، ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈش، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ھاياتنىڭ گۈزەللىكىدىن، خۇشالىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئائىلىسىدىكىلەر ئارىسىداھېچقانداق كۆڭۈلسىز تاپا-تەنە، ئاچچىقلىنىش، قېيىداشقا ئوخشاش كەيپىياتنى ناچارلاشتۇرىدىغان ئىشلار بولماسلىق، ئائىلىسىدىكىلەر ئىچىدە يۈزبەرگەن ھەرقانداق قېيىنچىلىق، بېسىم، ئوڭۇشسىزلىقنى ئائىلىسىدىكىلەر ئارا ئېغىر-بېسىقلىق، سەۋرچانلىق، مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ھەل قىلىش؛ ئەر- خوتۇنلۇق ۋە ياكى مۇھەببەتلىشىش جەھەتتە: ھېسسىياتى باشتىن-ئاخىرى يېڭىلا تونۇشقان چاغدىكىدەك ئىللىقلىققا تولۇش، ئۆز-ئارا شەخسىيەتسىز كۆيۈنۈش، ھەم ئۆز-ئارا ھەرگىز ۋەدە، نىكاھ، ئەخلاق دېگەندەك سىرتقى ئامىلنىڭ زورلىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىچكى جەلپ قىلىش، سىھرى كۈچى ئارقىلىق بىر-بىرسىگە تېخىمۇ ئىناق-ئىجىل بولۇش، بىر-بىرسىنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك، ئەڭ پەخىرلىك ئادەم بولۇش؛كىشىلىك مۇناسىۋەت جەھەتتە: مەيلى قانداق مۇھىت، قانداق شارائىت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەرقانداق مىللەت، ھەرقانداق ئىرق، ھەرقانداق دىن، ھەرقانداق ئىزىمدىكى كىشىلەر بىلەن ئىجىل-ئىتتىپاق ئۆتەلەيدىغان بولۇش، ئۇلار بىلەن چىقىشىپ، كېلىشىپ ئۆتەلەيدىغان بولۇش، باشقىلار بىلەن بولغان يۈرەكتىن-يۈرەككە تەسىر قىلىدىغان سەمىمى دوستلۇق ئورنىتىش، شۇنداقلا مۇۋاپپىقىيەت قازانغان كىشىلەرنى كۆپلەپ دوست تۇتۇش؛ پىسىخىك جەھەتتە: ھەرخىل ئاغرىنىش، ئۇھسىنىش، ئىچى-سىقىلىش، ئاچچىقلىنىش قاتارلىق ناچار كەيپىياتلارنىڭ تەسىرىسىز ئۆزىنىڭ جۇشقۇن، تېتىك، شوخ روھى ھالىتىنى دائىم ساقلاش، ئەتىگە ئۈمىد ھەم ئىشەنچ بىلەن مۇئامىلە قىلىش؛ ھەردائىم ئۆزىنىڭ شۇنچىلىك تۇرالىغىنىغا ھەمدۇ-سانا ئېيتىش؛ تەن سالامەتلىك جەھەتتە: ساغلام بولغان تەن قۇۋۋىتىنى دائىم ساقلاش، كېسەللىكلەردىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىش، ھەم تېزلىكتە ساقىيىۋېلىش؛ روھى جەھەتتە: كۆتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن بۇلۇش، ئەتىگە ئۈمىدۋار قاراش، پىداكار بۇلۇش، باشقىلارغا ھەم جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش روھى كۈچلۈك بولۇش، ئۆزىنى ئۆزلۈكسىز قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشقا ئىنتىلىش؛ باتۇر، قورقماس، قەيسەر، ھەرخىل قىيىنچىلىقلارغا تىز پۈكمەس بولۇشقا تارلىقلاردۇر. يۇقارىقىلاردىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، مۇۋاپپىقىيەت ھەرگىز مەلۇم تار دائىرىدىكىلا ئىش ئەمەس. ئۇ سان بىلەن، ئۇنۋان دەرىجە بىلەن، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك ۋەياكى سىرتقى ئامىللار ئارقىلىق ئۆلچىگىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى مۇۋاپپىقىيەت كۆڭۈلنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ئىچكى روھى كۈچنىڭ پارتىلىشى، ئىچكى روھى تەڭپۇڭلۇقنىڭ سىرتتىكى ئىپادىسى. ئۇ ھەرگىزمۇ سىزنىڭ جەمئىي ئېرىشكەن بارلىق نەرسىڭىزدىلا ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتكە، باشقىلارغا تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق ئېرىشكەن كۆڭۈلنىڭ توقلۇق، خاتىرجەملىك، خۇشال-خوراملىقى. ھەقىقى مۇۋاپپىقىيەت قازانغان كىشى مەيلى نەگە بارسۇن، نەدە تۇرسۇن، نىمە ئىش قىلسۇن شۇ ئىشتىن نەتىجە قازىنالايدىغان، شۇ ئىشتىن خۇشاللىق ھېس قىلالايدىغان، ئۆز ھاياتىنى مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك، تۆھپىلىك ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزەلەيدىغان، ھەرخىل مۇھىت بېسىمى ۋە سىرتقى قىيىنچىلىقنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئۇنى ئۆز ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرالايدىغان كىشىلەردۇر. مۇۋاپپىقىيەتنىڭ دەسلەپكى باشلىنىشى ئۆزىمىزنىڭ بۇرۇنقى مۇۋاپپىقىيەتكە بولغان تۇنۇشىمىزنى يېڭىلىشىمىز، ئۆزگەرتىشىمىزدە كۆرۈلىدۇ. بىز ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭ مۇۋاپپىقىيەتكە بولغان قارىشىمىزنى يېڭىلاپ مۇۋاپپىقىيەتلىك ھايات ئۆتكۈزۈشكە ئىنتىلگىنىمىزدىلا ئاندىن مۇۋاپپىقىيەتلىك ھاياتىمىز باشلىنىدۇ. مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى، ھەم ئۆزىمىزنىڭ بۇرۇنقى قارىشىمىزدىكى جاپالىق، ئازابلىق ئىش ئەمەس. بەلكى ئۇ بىزنىڭ دۇنياغا، ھاياتقا تۇتقان دۇنيا قارىشىمىز، ھايات تاللىشىمىز، كەيپىياتىمىز ئارقىلىق ئېرىشكەن خۇشاللىق، ئەھمىيەتلىك ئىشتۇر. مۇۋاپپىقىيەت قازانغۇچىنىڭ ھەربىر كۈنى، ھەربىر سائىتى، ھەربىر مىنۇتى ئىنتايىن خۇشاللىق، جۇشقۇنلۇق، تېتىكلىك بىلەن ئۆتكەن بولىدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ سىرتقى مۇھىتنىڭ سەلبى تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. بەلكى ئۇ ھەرخىل سەلبى مۇھىتنى ئىلاج بار ئىجابى مۇھىتقا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشقان بولىدۇ. مۇبادا مۇھىتنى ئايلاندۇرۇش ئۇنىڭ قۇربىتىدىن بولمىسا، ئۇ شۇ مۇھىتتىن ئىجابى پايدىلىنىدۇ ۋە ياكى ۋاقتىنچە ئايرىلىپ تۇرىدۇ. مۇۋاپپىقىيەت قازانغۇچى ئۇچرىغان كۆڭۈلسىزلىك، جىددىيلىك، تەش ۋىشلىنىش، ئەنسىرەش قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئاز ئۇچرايدۇ ياكى ئۇچرىمايدۇ. ئۇلار ھەردائىم ئىجابى تۈزەش، قۇرۇش خاراكتېرلىك ئىش قىلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ھەربىر تىنىقنىڭ ئۆزى ھاياتىدىكى ئەڭ خۇشاللىق، ئەڭ ئەھمىيەتلىك مىنۇت. ئۇلار كىشىلەردىن ئاغرىنمايدۇ، ئاچچىقلىمايدۇ، باشقىلارغا ئۇرۇنلۇق ئورۇنسىز زەربە بەرمەيدۇ. دېمەك، مۇۋاپپىقىيەت_ ياشاش ئۇسۇلى ھەم ھاياتقا بولغان تۇنۇشتۇر. سىزنىڭ ياشاشتىكى قوللانغان ئۇسۇلىڭىز ھەم ھاياتقا بەرگەن تەبىرىڭىزدۇر. سىز ئاكتىپ، ئىجابى ئۇسۇلنى قوللانسىڭىزمۇ ياكى سەلبى ئۇسۇلنى قوللانسىڭىزمۇ، ھاياتنى ئىجابى تەرەپتىن ئىزاھلىسىڭىزمۇ سەلبى تەرەپتىن ئىزاھلىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئەمما ئىجابى ئۇسۇلنى قوللانسىڭىز، ھاياتنى ئىجابى تەرەپتىن تۇنۇسىڭىز ھاياتىڭىز، تۇرمۇشىڭىزمۇ ئىجابى تەرەپكە بۇرىلىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
مۇۋاپپىقىيەت بىر خىل تاللاش. يەنى، خۇشاللىق ياكى ئازابنى تاللاش، ئەھمىيەتلىك بولۇش ياكى مەززىسىز بولۇشنى تاللاش، ئۇتۇقلۇق، نەتىجىلىك ياشاشنى تاللاش ياكى مەغلۇبىيەتچىلىك، نەتىجىسىز، ئاغرىنىش بىلەن ياشاشنى تاللاش. بىز دائىم ئىككىسىنىڭ بىرىنى تاللايمىز. تولىمۇ ئەپسۇس، جىق كىشىلەركىيىنكىسىنى تاللاپ، ئالدىنقىسنى تاللىمايدۇ ۋە ياكى ئىككى خىل تاللاشقا بولغان تونۇشى يېتەرلىك ھەم ئېنىقبولماسلىقىدىن، ساننىلا قوغلىشىپ سۈپەتكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك، ئىچكى روھى دۇنياغا قارىماي سىرتقىلا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ياكى سۈپەتنىلا قوغلىشىمەن دەپ سانغا سەل قاراش، ئىچكى روھى دۇنياغا ئەھمىيەت بەردىم دەپ سىرتقى ئىپادىگىمۇ سەل قاراش شەكىللەنمەكتە. ئىز تورى www.iz.la
مۇۋاپپىقىيەت ئۇ بىرخىل تەڭپۇڭلۇق. ئۇ بىر ئادەمنىڭ ھەممە جەھەتتىن ئورتاق يىتىلىشى ھەم ھەربىرجەھەتتىكى تەڭپۇڭ ھالەت. ھەرگىزمۇ بىرەر تەرەپتىكى پەۋقۇلئاددە نەتىجە ياكى ھادىسىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئۇئادەمدەك ياشاشنى ھەم ئادەمدەك ئەمگەك قىلىش، تىرىشىش، تۆھپە قوشۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
مۇۋاپپىقىيەت بىرخىل سىزىم. ئۇ كۆڭۈلنىڭ ھەقىقى، دائىم خۇشاللىق، ئۈمىد، ئىشەنچكە تولۇشىدۇر. ئۆزىنى ھەردائىم بەختلىك، ئۈمىدۋار سىزىشتۇر. ئۆزىنىڭ بۇخىل سىزىمىنى ھەرگىز يوقۇتۇپ قويماسلىقتۇر. ھەرقانداق قىيىنچىلىق، بېسىم بولغان چاغدىمۇ ئۆزىنىڭ بۇخىل قىيىنچىلىق، بېسىملار ئارقىلىق تېخىمۇ بەك پىشىدىغان ھەم تاۋلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشتۇر. چۈنكى ھەقىقى غالىبلار مۇشۇنداق قەد كۆتۈرۈپ تۇرالايدۇ، باشقىلارغا، ئۆزىگە ھەردائىم ياخشى سىزىم-كەيپىيات، خۇشاللىق بېرەلەيدۇ. مۇۋاپپىقىيەت ئۇ خالىغان بىر نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش، مەقسەدكە يىتىشتۇر. سىزنىڭ نىشانىڭىز مەيلى قانداق بولسۇن، مەيلى پۇل تېپىش، خىزمەت تېپىش، توي قىلىش، ئائىلە مۇناسىۋېتىنى ياخشىلاش، بالىنىياراملىق تەربىيىلەش، بىرەر نەرسىنى ئۆگىنىش ۋە ياكى باشقا ئىش قىلىش بولسۇن، مۇۋاپپىقىيەت نىشانغاپىلانلىق قەدەممۇ-قەدەم يىتىشتۇر. مۇۋاپپىقىيەت ھەربىر يىلدىكى، ھەر بىر ئايدىكى، كۈندىكى، سائەتتىكى، مىنۇتىكى ئىشلارنى(يەنى شۇ مىنۇتا، ۋاقىتتا، مۆھلەتتە يەتمەكچى بولغان، قىلماقچى بولغان ئىشىنى)كۆڭۈلدىكىدەك، مۇۋاپپىقىيەتلىك قىلىش. ھەربىر مىنۇت، ھەربىر سائەت، ھەربىر كۈننى كۆڭۈللۈك، خۇشاللىق، قىزغىن كەيپىيات بىلەن ئۆتكۈزۈشتۇر. مۇبادا سىز خۇشال بولۇشنى نىشانلاپ، شۇ كۈننى خۇشاللىق بىلەن ئۆتكۈزگەن بولسىڭىز، ئۇ ھالدا سىز مۇۋاپپىقىيەت قازانغان بولىسىز. مۇبادا سىز پۇل تېپىشنى نىشانلاپ، شۇ كۈندە پۇل تاپالىغان بولسىڭىز سىز مۇۋاپپىقىيەت قازانغان بولىسىز. ئۆگىنىش نەتىجىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى نىشانلىغان بولسىڭىز، شۇ كۈندە ئۆگىنىشتە تۆنۈگۈنگە قارىغاندا ئالغا باسقان بولسىڭىز، ئۇھالدا سىزمۇ مۇۋاپپىقىيەت قازانغان بولسىز. مۇبادا ھاياتىڭىزنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزمەكچى بولۇشنى نىشانلىغان بولۇپ، شۇ كۈننى ئەھمىيەتلىك، نەتىجىلىك، خۇشاللىنارلىق ئۆتكۈزگەن بولسىڭىز، ئۇ ھالدا سىز شۇكۈنى مۇۋاپپىقىيەت قازانغان بولسىز. مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش ھەرگىزمۇ بىرەر ئۇلۇغ ئىشلارنى، بىرەر چوڭ نەتىجىنى بىركۈندىلا، توساتتىن تۇيۇقسىزلا ۋۇجۇدقا چىقىرىۋېتىش ئەمەس. نۇرغۇنلىغان داڭلىق خەير-ساخاۋەتچىلار ھەرگىزمۇ بىرەر سائەتنىڭ ئىچىدە، بىرەر كۈننىڭ ئىچىدە جىق ئىشلارنى قىلىۋەتكەن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ھەربىر كۈنى، ھەربىر سائىتى، ھەربىر مىنۇتى باشقىلارغاياخشىلىق قىلىش بىلەن ئەھمىيەتلىك ئۆتىدۇ. مانا شۇنداق نەچچە مىنۇتلار يىغىلىپ نەچچە سائەتنى، نەچچە سائەتلەر يىغىلىپ نەچچە كۈننى، نەچچە كۈن يىغىلىپ نەچچە ئاينى، نەچچە ئاي يىغىلىپ نەچچە يىلنى، نەچچە يىل يىغىلىپ ئادەم ھاياتىنى تەشكىل قىلىدۇ. مانا شۇنداق ھازىرقى ھەربىر مىنۇت، سائەت، كۈننى ئەھمىيەتلىك، ياخشىلىق ئىشلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەندىلا ئاندىن ئۇ زورىيىپ مۇۋاپپىقىيەتلىك ھاياتنى تەشكىل قىلىدۇ. مۇۋاپپىقىيەت ھەرگىزمۇ تۇرمۇشىمىزدىن، ھاياتىمىزدىن، مۇھىتىمىزدىن، ھازىرىمىزدىن سىرت بولغان، يات ئۇقۇم ئەمەس. ئۇ ھەربىر يىل، ھەربىر ئاي، ھەربىر ھەپتە، ھەربىر كۈن، ھەربىر سائەت، ھەربىر مىنۇت، ھەربىر سىكۇنت، ھەتتا ھەربىر تىنىقىمىزغىچە چەمبەرچەس باغلانغان ئۇقۇمدۇر. سىز نەپسىڭىزنى مۇۋاپپىقىيەتچىلارگە خاس كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن تولدۇرۇپ-تولدۇرۇپ نەپەس ئالسىڭىزمۇ، ۋە ياكى چۈشكۈنلۈك، خاپلىق بىلەن بىلىنەر-بىلىنمەس نەپەس ئالسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. گەپ، ئالدىنقىسى مۇۋاپپىقىيەت قازانغۇچىلارغا، غالىبلارغا خاس نەپەسلىنىش ئۇسۇلى، كەينىدىكىسى توخۇ يۈرەكلەرگە، مەغلۇبىيەتچىلەرگە خاس نەپەسلىنىش ئۇسۇلى. سىز ھازىرقى تىنىقىڭىزنى تولدۇرۇپ، جانلىق نەپەسلەنگەن بولسىڭىز، بۇخىل نەپەس دەل مۇۋاپپىقىيەتلىك، ئۇتۇقلىق ئېلىنغان نەپەستۇر.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مۇۋەپپىقىيەت ئۇ بىر ھەرىكەت شەكلىدۇر. سىز ھەرىكىتىڭىزنى غالىبلارغا، مۇۋەپپىقىيەتچىلەرگە خاس تېتىك، جۇشقۇن ئېلىپ بارسىڭىزمۇ ۋەياكى ئېغىر، سۆرەلمىلىك، لىڭتاسمىلىق، ئەزمىلىك بىلەن ۋە ياكى تەنتەكلىك بىلەن ھەرىكەتلەنسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. بىرى، مۇۋەپپىقىيەتچىلەرگە خاس ھەرىكەتلىنىش ئۇسۇلى ھەم شەكلى، يەنە بىرى مەغلۇبىيەتچىلەرگە، چۈشكۈنچىلەرگە خاس ھەرىكەتلىنىش شەكلى. www.iz.la
قوشۇمچە، يۇقارىقىلارنى كۈندىلىك خاتىرىڭىزگە ھەم كىچىك يانچۇق دەپتىرىڭىزگە تەپسىلى يېزىڭ. جاۋابىڭىز قانچە تەپسىلى بولسا، كاللىڭىزدىكى چۈشەنچە شۇنچە ئايدىڭ بولىدۇ. جاۋابنى سىز ئۆزىڭىزنىڭ بىلىشىڭىزگە ئاساسەن يېزىڭ. ھەرگىزمۇ لېكسىيە مەزمۇندىن تېپىپ چۈشەندۈرمەڭ. چۈنكى سىز ھاياتىمنى ئۆزگەرتىمەن دەيدىكەنسىز، ھەربىر سۇئاللارغا سەمىمىيلىك بىلەن ئىنتايىن تەپسىلى ئۆز چۈشەنچىڭىزنى يېزىڭ.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى