ئەنبەھ خولېستېرىن، ترىگلتسېرىدنى تۆۋەنلىتىدۇ . دائىم ئەنبەھ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي ، تېرىنى يۇمرانلاشتۇرىدۇ. ئەنبەھنىڭ يۆتەلنى توختىتىش، راك كېسەللىكىگە قارشى تۇرۇش، ھۆجەيرىلەرنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈش، مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش رولى بار. ئۇ قىزىل قان ھۆجەيرىلىرىدىكى قان قىزىل ئاقسىلنى تۆۋەنلىتىدۇ.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئەنبەھنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرگەندە، ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىقىدىكى قەي قىلىشقا شىپا بولىدۇ . ئەنبەھ شىرنىسى ئاشقازان–ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ ، چىرىندىلەرنىڭ بوغماق ئۈچەيدە تۇرۇش ۋاقتىنى قىسقارتىدۇ . شۇڭا، ئۇ بوغماق ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈمى ياخشى مېۋە ھېسابلىنىدۇ .
ئەنبەھ ئىستېمال قىلغاندا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دېققەت قىلىش كېرەك : تويغۇچە تاماق يىگەندىن كېيىن ئەنبەھ يېمەسلىك كېرەك . ئەنبەھنى سامساق بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك ، بولمىسا سېرىقلىق كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئەنبەھ تەركىبىدە شېكەر مىقدارى كۆپ بولغانلىقتىن ، دېئابىت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار ئاز ئىستېمال قىلىشى كېرەك . تېرە كېسەللىكىگە ، جاھىل تەمرەتكە ياكى ئۆسمە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلارمۇ ئاز ئىستېمال قىلىشى لازىم .