1. تۇخۇ تۇخۇمى
ئېقى ھۆل سوغۇق، سېرىقى ئىسسىق بولۇپ،تۇخۇ تۇخۇمىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان رولىنى (بۇ ئادرىسقا كىرىڭ!)كۆپچىللىك ئوبدان بىلىدۇ، بىراق سەمىڭىزدە بولسۇنكى، ئۆت ياللۇغى، ئۆت تېشى كىسەللىكى، ئىسسىقتىن بولغان يۈرەك كىسەللىكى ۋە باشقا ئىسسىقتىن بولغان كىسەللەر بىلەن ئاغرىغۇچىلارنىڭ ھەم ئىسسىق مىزاج كىشلەرنىڭ تۇخۇ تۇخۇمىنى ئستىمال قىلىشى مۇۋاپىق ئەمەس.
2. قىرغاۋۇل تۇخۇمى
ھۆل ئىسسىق بولۇپ، ئومۇمي بەدەننى، جۈملىدىن بۆرەك جىگەر، ھەزىمنى كۈچەيتىش، پەي مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، ھەمدە تېرىدىكى داغلارنى چۈشۈرۈش تەسىرىنى بىرىدۇ. كەم قانلىق، يۈرەك، بۆرەك، جىگەر ئاجىزلاش، سۈيدۈك كۆپ كىلىش، ئۇنتۇغاقلىق، يۈزگە داغ چۈشۈش، چاچقا ئاق كىرىش، ماغدۇرسىزلىق، تۇغۇتتىن كىيىنكى بەل ئاغرىش قاتارلىق كىسەللەر بىلەن ئاغرىغۇچىلارغا ماس كىلىدۇ
3. قۇشقاچ تۇخۇمى
ھۆل ئىسسىق بولۇپ، بۆرەك ۋە باھنى قۇۋەتلەش قان كۆپەيتىش، نىرۋا خىزمىتىنى ياخشىلاش تەسىرىنى بىرىدۇ.
4. كەپتەر تۇخۇمى
قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، ئوزۇقلۇق تۇلۇقلاش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلاش، باھ، يۈرەك مىڭىنى قۇۋۋەتلەش، قان سۈت، مەنىي پەيدا قىلىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش،يارىنى ئېغىز ئالدۇرۇش تەسىرىنى بىرىدۇ.
5. ئۆردەك تۇخۇمى
ھۆل ئىسسىق بولۇپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى تۇخۇ تۇخۇمىدىن يۇقىرى. پىشۇرۇپ ئىستىمال قىلىنغاندا، ئۆپكىنى تازىلاش، يۈتەلنى پەسەيتىش، بەلغەمنى بوشىتىش تەسىرىنى بىرىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
6. بۆدۈنە تۇخۇمى
ھۆل ئىسسىق بولۇپ، ئىستىمال قىلىنسا، باھ بۆرەكنى قۇۋەتلەش، سۈڭەكنى چىڭىتىش تەسىرىنى بىرىدۇ، بەش ئەزا خىزمىتى ئاجىزلاش، ئۆپكە سىل كىسەللىكى بىلەن ئاغرىغۇچىلارغا ماس كىلىدۇ.