جىگدە مېۋىسى بەدەن ئاجىزلىققا، ئاشقازان ئاجىزلىق كېسىلىگە، سەپرادىن بولغان تولغاققا، بېشى قېيىش، قۇسۇش ، نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىق كېسەللەرگە شىپا قىلىدۇ.
جىگدە مېۋىسىنى سىركىگە چىلاپ، كۈندە ئۈچ تۆت قېتىمدىن ئاز مىقتاردا سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، بەدەننى قۇۋەتلەپ، ئاشقازان كېسەللىكى ، ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. جىگدە گۈلىنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە مېڭىنى قۇۋەتلەيدۇ، يۇقۇملۇق كېسەلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. جىگدە گۈلىنى شەربەت قىلىپ ئىچىپ بەرسە، نەپەس سىقىلىش ۋە ئۆپكە كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ، جىگەر ۋە تالدىكى توسالغۇنى تۈگىتىپ، بەزگەك كېسىلىگە شىپا قىلىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
(تەڭرىتاغ تورىدىن ئېلىندى)
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن