ماڭا غەلىتە نەزەردە تىكىلىپ تۇرغان، ناھايتى (زامانىۋى) كىيىنگەن بۇ ياتاقدىشىمغا قاراپ نىمە دىيىشىمنى بىلمەيلا قالدىم.
_ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم، ياخشى كەلدىڭىزمۇ؟.........
_ياخشى، ئالتە شەدىن چىقتۇقما؟ ، چېچىنى نەچچە خىل بوياپ، چىشلىرنى ھىڭگايتىپ تۇرغان بۇ قىزغا تولىمۇ ھەيران بولدۇم.
_كىم مىنى ئالتە شەلىك دەيدۇ؟غۇلجىدىن كەلدىم.
_ۋاي ئانىمەي، مەتۇدەك كىيىنۋالغان تۇرقىغا قاراپ، بىرەر چۆللۈكتىن كەلدىمىكىن دەپتىمەن، ھە مەتۇ! غۇلجىلىقمەن دەڭ، ۋاي بۈۋىم، ھى ھى خىڭ ، خىڭ.
ئۈستۈمدە بىر قۇر ئاددىيلا تەنتەربىيە كىيمى، بېشىمدا كەينىمدىن ئارتىۋالغان، ئاپام ئۆز قولى بىلەن ئىلىپ بەرگەن، زەرلىك ھىللە ياغلىق.
_سىزچۇ قەيەردىن؟
_مەن ئۈرۈمچى بىلەن شىخەنزە ئارلىقىدا ئويناپ چوڭ بولغان ئەتىۋارلىق قىز، دادام سۇ ئىدارىسىدە چوڭ باشلىق، ئاپام باينىڭ قىزى تازا،،،،،،،سىزنىڭچۇ؟
_ئاپام_دادام ئىككىلىسى غۇلجا مىللى تىبابەتتە دوختۇر، شۇڭا مەنمۇ دوختۇرلۇق كەسپىنى تاللىۋالغان.
_ھە ئىمتىھاندا نەچچە نۇمۇر ئىلىپ كەلگەن؟
_485 ئالدىم، سىزچۇ؟
_ئوش 210 ئالغان، ساياھەتچىلىكنى ئوقۇيمەن دىسەم، مۇشۇ يەرگە ئەكىلىپ قويدىغۇ!
توۋا ھېلىقىندەك يۇقىرى نۇمۇر ئىلىپ، قەغىزى كەلمەيدىغان، بىچارىلەرنىڭ ئورنىغا كىردىغان قاقباشلارنىڭ بىرىكەندە بۇ_، دىدىممەن ئىچىمدە.
ئۇنىڭ ماڭا ئوشۇق گەپ قىلغىسىمۇ يوقتەك قىلاتتى، شۇڭا مەنمۇ گەپ قىلماي، ئۆزەم ياقتۇرغان كارۋاتنى تاللاپ، نەرسە كىرەكلىرىمنى بېسىقتۇرۇشقا باشلىدىم.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتتى، بۇ ئاردا بارلىق ياتاقداشلار كىلىپ ئۆز -ئارا تونۇشۇپمۇ قالدۇق.قىزلاردىن ئىككىسى خوتەنلىك، بىرسى ھېلىقى ياتاق مەلىكىسى، ئىككىسى قارمايلىق ۋە مەن ئىدىم.ھەر ياقلاردىن كەلگىنىگە قارىماي ئۇلار بىلەن تېزلا چىقىشىپ كەتتۇق.لىكىن ھۆرمەتلىك مەلىكىمىز گۈلزىيە بىزگە يەنىلا ياراتماسلىق نەزىرى بىلەن قاراپ يۈرەتتى. ئۇ ھەر بىر يېڭى كىيىم كىيگەندە، بۇ گوللاندىيەنىڭ، بۇ ئاۋستىرالىيەنىڭ، بۇ شياڭگاڭنىڭ، ئىشقىلىپ ھەر قىتىمدا بىىر نەچچە دۆلەتنى ئۈستىگە ئارتىۋالاتتى.ئۇ چاغلاردا قول تىلىفۇن يېڭى چىققان مەزگىل بولغاچقا، ھەر ھەپتىدە تىلفۇننى ئالماشتۇرۇپ ، بەزى بىچارە ساددىلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋىتەتتى.ئۆزى چىرايلىق بولمىسىمۇ ناھايتى ئوماقلاردىن ھىساپلىنىدىغان گۈلزىيە، ئىسىل سائەت سىلىنغان، ئاپئاق بىلەكلىرنى كۆز_كۆز قىلىپ خوش بولاتتى.
ئادەتتە ياتاقنىڭ توكلىرى بالدۇرلا ئۆچۈرىلەتتى.، بۇنداق چاغدا گۈلزىيە بىر گەپكە تىگەتتىكى، توك يىتىشمەي شامنىڭ يورۇقىدا تەكرار قىىلۋاتقان بىچارىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي، قايسى كۈنىدىكى ئولتۇرغان ئولتۇرۇشلار، ئۇنى تانسىغا تەكلىپ قىلغان شەھەر باشلىقىنىڭ ئوغلى،كۆزنى مىت قىلماي تۇرۇپ ئىچىۋەتكەن نەچچە رومكا ئاق، قىزىل، يىشىل ھاراقلىرى، ئاخىردا دەيدىغىنى:
_سەن مەتۇلارغۇ جاھاننىڭ پەيزىنى سۈرۈشنى بىلىشمەيسەن،كىتاپقا دۈم چۈشكەنلەر، بولۇپمۇ ماۋۇ مەتۇ غۇلجىلىق، بېشىدىكى بۈۋملەردەك ياغلىقىنى قانداق قىلارمەن، ئەمدى، ھەي، ئىلىۋىتە بىشىڭدىكىنى بولمىسا ساڭا ئەر چىقمايدۇ بىشى تازكەن دەپ،،،،،،،،،،، ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
_مېنى چىشلەپ تارتىمىسا قورسىقى تويمايدىغان،جىم يىتىڭە بېشىمنى ئاغىرىتماي دەپ، قۇلاقلىرىمنى چىڭ ئىتىپ، يوتقاننىڭ ئىچىگە بېشىمنى تىقىۋالاتتىم.
گۈلزىيە ئاچچىقىغا چىدىماي مىنى مەتۇدىن_مەتۇغا سېلىپ تىللاپ بىر ۋاقىتلاردا تىنجىپ دادامدەك خورەككە چۈشۈپ ئۇخلاپ كىتەتتى.
كۆڭۈللۈك ۋە جىددى ئالى مەكتەپ ھاياتى ناھايتى تېز ئۆتمەكتە.ئىككىنچى ئوقۇش يىلى سىنىپىمدىكى شۆھرەت بىلەن يۈرۈپ قالدىم. <يامغۇر ياغسا كۈنلۈكۈڭ بولاي> دەپ مىنى تولا كۈلدۈرۈپ ئاسانلا كەلتۈرۋالدى.غۇلجىدىكى ۋاقىتتا پاراللىل سىنىپتا ئوقىغان بولساقمۇ پەقەتلا دىققەت قىلماپتىكەنمەن، ئەمدى دىققەت قىلمايمۇ ئامال يوق. بۇ ئىشىمىزنى چالا_بۇلا ئاڭلاپ قالغان گۈلزىيە بىر كۈنى كەچلىك تەكرار ۋاقتىدا سىنىپتا مۇنداق دىدى:
بالىلار! سىلەرگە بىر گەپ ئىيتىپ بىرەيمۇ؟
_قېنى ئىيتە تېز-، دەپ چۇرقىراشتۇق
_قاراڭلار بالىلار تۆگىنىڭ قۇيرۇقى يەرگە تىگىپتۇ ئەمەسمۇ، قۇم چېچەكلەپتۇ دەيدۇ.،،،،،،،
_ ۋاي گەپنى ئوچۇق قىلە ماز!- دىدى يېنىدىكى ئالىم ئۇنى نوقۇپ تۇرۇپ.
_ نىمە بولاتتى، سىنىپىمىزنىڭ مۇھەببەت تارىخىغا يېڭى بەت قوشۇلۇپ، ماۋۇ شۆھرەت دىگەن ئاقسا، شۇنچە كىلىشكەن ، باينىڭ بالىسى تۇرۇپ، ئاۋۇ بىر يۇرتلۇقى مەتۇ بۈۋىم بىلەن يۈرۈپ قاپتۇ، شۆھرەتنى مەن كەلتۈرۋالاي دەپ تۇرسام، بۇنىڭ ئىسسىتقۇلىرى يامان چىقىپ كىتىپتۇ،ۋەيىت،،،،،ھۈ ھۈ ھۈ ،،ھى ھى
يىغلىغان پىتى سىنىپتىن چىقىپ كەتتىم. شۆھرەت ناھايتى قىزىق قان ئىدى، كەچلىكى ياتاقتىكى قىزلاردىن ئاڭلىسام، بارغان پىتى كاچىتىغا بىرنى ساپتىكەن، ئادەم ئۆلدى دەپلا ھوشىدىن كىتىپتىمىش، ئەگەر شۆھرەت ئىككىمىز سىنىپتىكى بارلىق بالىلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىمىساق، مەكتەپ ياچىيكىسىغا ئىككىمىزنى ئەخلاقسىزلىق قىلدى دەپ چاقارمىش.
ئىز تورى www.iz.la
_ئۇنىڭ بىلەن كىمنىڭ كارى،_دىدى شۆھرەت ئەتىسى، بىزنى چاقسا ئەسكى پايتىمىدەك ھەممە ئىشى چۇگۇلۇپ چىقىدۇ ئۇنىڭ.
شۇ كۈندىن كىيىن ئۇ ئەتىۋارلىق بىر نەچچە كۈنگىچە مەكتەپتە كۆرۈنمىدى.
ئوقۇشىمىز يەنىلا بىر خىل رىتىمدا، شۆھرەت ئىككىمىزمۇ مۇھەببەتنىڭ چوڭقۇر قايناملىردا ئەدەپ بىلەن ، ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئۈزۈپ كىتىپ باراتتۇق. گۈلزىيە بولسا بارغانسىرى تاپتىن چىقىشقا باشلىدى. بىر قىتىم ياتاقداش قىزلاردىن ئۇنىڭ مەكتەپ ھاجەتخانىسىدا تاماكا چىكىپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. پەقەت -بولدى، ئۆزىمىزگە چىڭ بولايلى-،دىگەن گەپ بىلەن بۇ ئىش تۈگىدى، چۈنكى ئۇنىڭغا نەسىھەتلەر ھاقارەتتەك بىلىنەتتى. www.iz.la
ئوقۇشىمىزنىڭ4- يىلى گۈلزىيەنىڭ دادىسى پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ،ھەممە نەرسىسى مۇسادىرە قىلىنىپ،تۈرمىگە تاشلاندى.لىكىن ئۇ ئۆزىگە ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئالدىمىزدا چاندۇرماي يۈرەتتى.قىشنىڭ مەلۇم بىر جۇدۇنلۇق كۈنى گۈلزىيە ناھايتى ناچار ئەھۋالدا، ئەتىراپنى ئايلىنىپ يۈرگەن ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ كۆزىگە قېرىنداش مىللەت بىلەن گۈزەل قىلىقلارنى قىلىپ تۇرۇشقان ھالەتتە ئۇچرىتىپ قاپتۇ. بۇ ناھايتى غەلىتە بىلىنىپ ئۇنىڭ كەينىگە چۈشكەن ئوقۇتقۇچىمىز، بىر ئازدىن كىيىن بىر مىھمانخانىغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ، كېيىن سۈرۈشتۈرسە، ئۇ شۇ مىھمانخاننىڭ ئۈچتە ھەمراھ خىنىمى ئىكەن.شۇنىڭ بىلەن گۈلزىيە مەكتەپتىن قوغلاندى.ئۇنىڭ نەرسە_كىرەكلىرنى يىغىشتۇرغاچ ماڭا زەھەردەك تىكىلگەن كۆزلىرىگە بەرداشلىق بىرەلمىدىم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
_نىمە بولدى ساڭا؟، كىتەرچېغىڭدا بولسىمۇ چىرايلىق خوشلىشايلى ،دىدىم مەن ئۈمىدلىك ئاۋازدا!
_كۆزۈمگە سەت كۆرۈنمەي يوقىلە سەت مەتۇ، ئىپلاس، شۆھرەت ئىككىمىزنى زاڭلىق قىلدى دەپ ئاداۋەت ساقلاپ يۈرەتتىڭغۇ ماڭا؟ئاخشام نەگە باردىغانلىقىمنى ئىيىتقانتىم ياتاقتا، ئېىقىتماي تېمىتماي چىقىپ مېنى چېقىپسەن. ھۇ نامەرد، بېشىڭغا ئارتىۋالغان ئاۋۇ كىر ياغلىققا لايىق ئىش قىلساڭ بولمامدۇ؟ قانچىلىق پۇل بەردى ئىشپىيۇنلۇق قىلغىنىڭغا؟ دىگەن بولساڭ سەن دىۋانىگە بەرگۈدەك پۇل بارئىدى مەندە!!
_جىنىم گۈلزىيە نىمىلەرنى دەپ كەتتىڭ؟ سەنچە مەن شۇنداق قىلارمەنمۇ؟ سىنى چاققىنىم يوق.........بۇ بىر تاساددىبىي توغرا كىلىپ قىلىش،،،،، ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
_مەن ياتاقتىن چىقىپ كەتكۈچە ئېغىزىڭنى يۇم، ھۇ ئىشەك،،،،،،،،،،
قاتتىق يىپىلغان .ئىشىك ئۇدۇل يۈرىكىمگە بىرىپ تاقالدى.
گۈلزىيە نۇرغۇن تىل_دەشناملارنى ماڭا خاتىرە قالدۇرۇپ مەكتەپتىن ئايرىلدى، كىيىنكى ئىككى يىللىق ئوقۇش جەريانىدا ئۇنىڭ يامان يوللارغا كىرىپ، بىراقلا ئادەم قىلىپىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدۇق.
شۆھرەت ئىككىمىز ناھايتى ياخشى ئوقۇغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۈرۈمچىنىڭ ئۆزىدە خىزمەتكە بۆلۈندۇق، ئىشقا چۈشۈپ ئاز ۋاقىتتىن كىيىن توي قىلىپ بەخىتلىك ئائىلىمۇ قۇرۋالدۇق تىخى.
خىزمەتكە چىقىپ بىرەر يىللار ئۆتكەندىن كىيىن ئالدىمغا ئاجايىپ بىر بىمار كىرىپ كەلدى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
كۆزدىن باشقا ھەممە يىرنى كونىراپ كەتكەن ، ئەسكى ياغلىقتا ئورىۋالغان، ھەتتا قوللىرنىمۇ بىر خىل يارا بىسىپ كەتكەن بۇ بىمارنى يېنىمدىكى ئورۇندۇققا كىلىپ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدىم.
_قىنى يۈزىڭىزنى ئېچىڭە، مەن تەكشۈرۈپ باقاي؟
ئۇنىڭ كۆزلىرى كۆزۈمگە تىكىلىپلا قالغان بولۇپ، بىر ئىغىزمۇ گەپ قىلمايىتتى. <ئەجەپ تونۇش كۆزلەر، ھە!> دىگەننى خىيالىمدىن ئۆتكۈزۈپ بولغۇچە ئۇ ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
_نەگە ماڭدىڭىز؟قېنى ئورنىڭىزغا كىلىڭ!سىزگە جان كىرەكمۇ يە؟
بۇ گەپلەردىن كىيىن ئۇ يەنە ئاستا يىنىمدىكى ئورۇندۇققا كىلىپ ئولتۇرۇپ يۈزىنى ئورۋالغان ياغلىقىنى ئالدى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
_ئاھ خۇدا ، قايسى كۆزۈم بىلەن كۆرەي، بۇ مىنى مەتۇدىن_مەتۇغا سىلىپ تىللايدىغان، ئەركە، ئوماق گۈلزىيەمىدۇ؟ قارا بۇنىڭ كىيىملىرنىڭ ۋەيرانىلىقىغا،،،،،،،،،،
_سالامەت تۇردۇڭمۇ ئاداش؟ مەن رەھىمە، مىنى تونۇغانسەن ھە؟
_ئەلۋەتتە، سەن مەتۇنى 50 يىلدىن كىيىنمۇ گەپ يوق تونۇۋالالايمەن،_دىدى ئۇ يۈزىدىكى جاراھەتلىرنى ئاغىرتىۋالماسلىق ئۈچۈن لەۋلىرگە كىچىككىنە كۈلكە يۈگۈرتۈپ.
ئۇنىڭ ھالىنىڭ ئىنتايىن خاراپلىقىنى كۆرۈپ باشقا سوئال سورىمىدىم. بىر خىل يۇقۇملۇق، يامان خاراكىتىردىكى يارا، پۇت_قول، يۈز_كۆز ھەممە يىرنىلا بىسىپ كەتكەن ئىدى، ئۇنى تەكشۈرگەندىن كىيىن ئۇنىڭغا بىر نەچچە دورا، يۇيدىغان بىر نەرسىلەرنى بۇيرۇپ قولىغا رېتسىپنى تۇتقۇزاي دەپ ئويلىدىميۇ، ئۇنىڭ بۇ پۇللارنى تۆلىيەلمەيدىغانلىقىغا كۆزۈم يىتىپ ، ئۇنى بىر ئاز ساقلىتىپ ئۇ نەرسىلەرنى يىنىمدىكى پۇلغا ئىلىپ كىردىم. پۇلنى ساقايغاندا تۆلىسەڭمۇ بولىدۇ، ئىككى كۈندە بىر كىلىشنى ئۇنۇتما دەپ جېكىلەپ ئۇنى ئۇزىتىپ قويدۇم.ئۇ مېنىڭ قىلغان خەيرىخاھلىقلىرىمغا ئىشەنمىگەندەك ئاجىز كۈلكىسىنى يەنە قايتا نامايەن قىلىپ كۆزدىن غايىپ بولدى www.iz.la
ئىككى ئايلىق بىسىپ داۋالاشتىن كىيىن ئۇ سەللىمازا ساقىيىپ كەتتى.شۇندىلا ئۇنىڭ قانداق قىلىپ بۇ كۈنلەرگە قالغانلىقىنى سوراشقا مۇۋەپپەق بولدۇم.
_ بولىدۇ سەت مەتۇ !مەن ساڭا دەپ بىرەي،دىدى ئۇ كۆز ياشلىرنى قاياقلارغىدۇر يوقىتىشقا تىرشىپ.
_قانداق بولاتتى،مەكتەپتىن چىكىندۈرۈلدۇم،دادامنىڭ ھالى شۇ ، ئاپامنىڭ قېرىنداشلىرىمۇ ئۇنىڭ بايلىقى تۈگىگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمىدى. ئاپاممۇ جېنىنى ئاران جان ئىتىپ يۈردى.شۇڭا مەن يەنىلا كونا كەسپىمنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم. لىكىن ئالدىنقى يىلى بۇ تىرە كىسەللىكىگە كىرىپتار بولغانلىقىم ئۈچۈن ھىچكىم مىنى ئىشلەتمىدى، ھەتتا مەندىن يىرگىنىپ تۇرۇپ، يۈزلىرىمگە ئۇردى، بۇنداق كۈنلەرگە قىلىشىمنى مەن نەدىن بىلەي، كۈنلىرىمنى بازاردا تىلەمچىلىك قىلىپ ئۆتكۈزدۈم، خەقنىڭ تاشلاپ بەرگەن تىيىن پۇللىرغا زار بولۇپ يۈردۈم، بارا_بارا يارام بەكلا ئەدەپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئامالسىز كىلىپ تاساددىبىي سىنى ئۇچىراتتىم، سەن مەتۇغا جىق رەھمىتىم بار، ئەينى ۋاقىتتا تىللىغانلىرىمنى كۆڭلۈڭگە ئالمىدىڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر سىنىڭ پۇللىرىڭنى تۆلىگۈدەك مادار يوق، قاراپ تۇر، ھامان بىر كۈنى قايتۇرىمەن
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
_نىمە قىلىشنى ئويلىشىۋاتىسەن؟
_يىنىمدا بىر تىيىن پۇل يوق، بىلمەيمەن
_مەكتەپتىكى ۋاقىتتا گىرىم_بۇيۇملىرغا ئاجايىپ ئىپىڭ بار ئىدى، بولسا ئازراق پۇل قەرىز بىرىپ تۇرايلى دۇكان ئىجارا ئىلىپ ئىشنىڭ يولىنى تىپىۋال.
يولدىشىمنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋرى بولغاچقا ئارتۇق گەپ قىلماي بانكىدىن يىتەرلىك پۇل ئىلىپ قويۇلغا تۇتقۇزدى، پۇلنى گۈلزىيەگە بەرگەن ۋاقىتتىكى ئۇنىڭ كەيپىياتىنى تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن.
ئۇمۇ بىر تۇرمۇشنىڭ يولىغا كىرۋالدى، ،ئارلاپ مىنى ئىزلەپ كىلىپ، ۋاي سەت مەتۇ سىنى كۆرگۈم كىلىپ شۇ دەپ قوياتتى.كىشىلىك ئالاقىگە بەكلا ماھىر بولغاچقا، دۇكىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ بىر يىرىم يىلغا قالماي قەرىز ئالغان پۇللارنىڭ ھەممىسىنى قايتۇردى.ھازىر ئۇ دۇكىنىغا ئىككى نەپەر خىزمەتچى قىزنى سىلىپ قويۇپ ئۆزى نەدە ياخشى مال با شۇنى ئۇقۇشۇپ يەتكۈزۈپ بىرەتتى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
بىر كۈنى ئۇ ئۆيمىزگە كەپتۇ:
_ئاداش ئاشۇ بىشىڭغا ئارتىۋالغان ياغلىقىڭ كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدى، بىزدىغۇ< ،،،،،،،،،،،، قىرىسا بۈۋۈم بولىدۇ> دەيدىغان بىر سەت ماقال بار، لىكىن ئەمدى بولسىمۇ ھىدايەت تىپىپ، ئاللاھتىن گۇناھلىرىمنى تىلەپ، بىرەر ئەرنىڭ پىشىنى تۇتۇپ، ئىللىق ئائىلىدىن بىرنى قۇرۋالسام دەيمەن،_ دىدى
جىمىپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ، ۋاي بولە سەت مەتۇ دەپ بىقىنىمنى غىدىقلاشقا باشلىدى.
_ كىممۇ ئىجاد قىلغان بولغىيىتتى مۇشۇ مەتۇ دىگەن گەپنى، مەنىسى زادى نىمە دەپ قاتتىق ئويلىشىۋاتمەن دەپ قويدۇم ئەمما ئىچىمدە ئۇنىڭ دىگەن گەپلىرگە ئالەمچە خوش بولۇپ ئولتۇراتتىم. شۇ سۆھبىتىمىزدىن كىيىن ئۇنى بىر نەچچە ئايغىچە كۆرمىدىم، باشقىلاردىن ئۇنى ئاپىسىنى ئەكىلىۋىلىپ خاتىرجەم ياشاۋىتىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم.
بىر كۈنى ئۇ تۇيۇقىسزلا مىنى خىزمەت ئورنۇمغا ئىزلەپ كەپتۇ، ئىشتىن چۈشكەدىن كىيىن، كۆرۈشىدىغانلىقىمنى ئىيتىپ، ھەممە نەرسىنى ئالدىراپ بىسىقتۇرۇپلا ئۇ ساقلاپ تۇرغان مارۇژنىخانىغا كىردىم. بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ئاداش، بۇنداق تاساددبىي كەلگىنىڭگە قارغاندا؟
_توي قىلايمىكىن دەيمەن،_دىدى ئۇ قىزارغىنىچە. ئىمان_ئىنساپلىق ياخشى بىر كىشى بىلەن تونۇشۇپ قالدىم، ئۆزىغۇ مەندىن ئون ياشلار ئەتىراپىدا چوڭكەن، ئايالى ئۆلۈپ كىتىپ ئىككى بالىسى بىلەن قاپتۇ، لىكىن شۇنداق چىقىشىپ قالدۇق، قىنى سەن قانداق قارايسەن؟
_چاتاق يوق، ساڭا يارغان ئەلۋەتتە ماڭا يارايدۇ، ئۇششاق_چۈششەك ئىشلارنى بىزگە قويۇپ بەر، ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسىنى چاقىرىپ چوڭ توي قىلايلى تازا،_دىدىم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
_قانداق بولار؟ ئۇلار مىنى كۆرۈپ تازا زاڭلىق قىلامۇ؟
_نىمىگە زاڭلىق قىلاتتى؟ سەندىن كۆپىنچىسى ئالەمچە خوش ھەم ھازىرقى ئەھۋالىڭنى ئىنىق بىلىدۇ
_ئەمسە شۇنداق پۈتۈشتۇق، توي ۋاقتىنى قاراپ بىر نىمە دەرمىز.........
ئۇ قانداق تىز كەلگەن بولسا شۇنداق تىز كىتىپ قالدى، بىر نەچچە قىتىم تۇققانلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كىيىن توينىڭ ۋاقىتىنى كىلەركى ئاينىڭ 15_كۈنىگە توختاتتى.
ئۇنىڭ تويى ناھايتىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتتى،توي باناسى بىلەن ساۋاقداشلار يىغىلىپ ناھايتى ياخشى مۇڭدىشۋالدۇق، ھەم گۈلزىيەگە بەخىت تىلەپ يېڭى ئۆيگە ئۇزىتىپ قويدۇق.
شۇنىڭدىن كىيىن ھەممىمىز ئۆز ئىشىمىز بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق.بىر كۈنى ئۇ تىلىفۇن قىلىپتۇ: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
_ھەي مەتۇ مەن ئۆيۈڭگە مىھمان بولۇپ بارمەن،_دەپ
_كەل، ئىشىكىم ھەر ۋاقىت سەن ئۈچۈن ئوچۇق
تىلىفۇننى قويۇپ، ئۆتكەن كۈنلەرنى خىيال قىلىپ ئولتۇرۇپ كىتىپتىمەن. ئەسلى ئاللاھ بەرگەن ئەقىلنى توغرا يولغا ئىشلەتسە، ئۆزىمۇ خوش، باشقىلارمۇ خوش بولىدىكەن ئەمەسمۇ!يامانلىق كىشىنى ۋەيران قىلسا قىلىدىكەنكى، ھەرگىز بەخىت ئەكىلەلمەيدىكەن. مىنى مەتۇ بۈۋىم دەپ يۈرۈپ شۇنداق چىرايلىق ئورنىپ يۈردۇ ئۆزىمۇ،بىرسى بەدىنىڭنى جىقراق ئىچىپ قوي كۆرۋالاي دىمىگەندىن كىيىن نىمانچىلا ھازىرقى قىزلارغا ھەي،،،،،،،،،،،،،ئوچۇق نەرسىنىڭ قىممىتى يۇقىرى بولامتى،،،،،،،،،،،،،،،،
گۈلزىيەنىڭ بوينۇمغا ئىسىلىپ تۇرۇپ ، مىنى كەچۈرگىن ئاداش، ۋاي سەت مەتۇ مەن ساڭا ئامراق دىگەن گەپلىرى ئىسىمگە كىلىپ كۈلۈپ كەتتىم
www.iz.la
بولدىلا خىيالىمنىڭ داۋامىنى شۇلارغا تاماق ئەتكەچ داۋاملاشتۇراي،،،،،،،،،،،