كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا....

ۋاقتى:2010-09-23 07:07مەنبە: يوللىغۇچى:دەرتمەن يېگىت119 چېكىلىشى:قىتىم
  

                        كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ  ئەھمىيىتى توغرىسىدا....
                                            ياڭ شياۋبو
                                 ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   مەيلى تەييارلىقىڭ بولسۇن ياكى بولمىسۇن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەنىنىۋا ئىش پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىدۇ. قۇياش شەرقتىن چىقمايدىغان بولىدۇ، سەلتەنەتلىك كۈندۈز ۋە كېچە بولمايدۇ، بىر مىنۇت، بىر سېكۇنت دېگەن ۋاقىتمۇ بولمايدۇ. سەن ساقلاپ كەلگەن ھەممە نەرسە، مەيلى ئۇ ئاجايىپ قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان بولسۇن ياكى ئەستىن چىقىپ كەتكەن نەرسە بولسۇن، ھەممىسى باشقىلارغا قەپقالىدۇ.
سېنىڭ بايلىقىڭ، نام-شۆھرىتىڭ ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ھوقۇقۇڭ پۈتۈنلەي ئەھمىيەتسىز نەرسىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ، ئېرىشكەنلىرىڭمۇ، قەزر بولۇپ قالغانلىرىڭمۇ تامامەن مۇھىم بولماي قالىدۇ.

www.iz.la

سېنىڭ ئۆچمەنلىكلىرىڭ، مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكلىرىڭ ۋە ھەسەتخۇرلۇقلىرىڭ پۈتۈنلەي يوقىلىپ كېتىدۇ. پۈتۈنلەي توختايدۇ. بىر زامانلاردا ئۆتكەن تەڭداشسىز زور ئۇتۇقلىرىڭ ۋە مەغلۇبىيەتلىرىڭ، ئالغان پايدا ۋە تارتقان زىيانلىرىڭمۇ پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
سېنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىڭ ۋە قانداق ياشاۋاتقانلىقلىرىڭمۇ مۇھىم بولماي قالىدۇ. ھۆسن-جامالىڭنىڭ گۈلدەك گۈزەل بولۇشىمۇ ياكى ئىستېداتىڭنىڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرۇشىمۇ مۇھىم بولماي قالىدۇ. جىنسىي پەرقىڭ، تېرەڭنىڭ رەڭگى، ئىرقىي پەرقىڭمۇ ئانچە مۇھىم بولماي قالىدۇ.
ئەمدى قانداق نەرسىلىرىڭ مۇھىم بولۇپ قالىدۇ؟ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغانلىقىڭنىڭ قىممىتى قانداق ئۆلچىنىدۇ؟ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
سېنىڭ سېتىۋالغانلىرىڭ مۇھىم بولماستىن، ئىجاد قىلغانلىرىڭ مۇھىم بولىدۇ.
سېنىڭ ئېرىشكەنلىرىڭ مۇھىم بولماستىن، بەخش ئەتكەنلىرىڭ مۇھىم بولىدۇ.
سېنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭ مۇھىم بولماستىن، قىممىتىڭ مۇھىم بولىدۇ.
سېنىڭ ئۆگەنگەنلىرىڭ مۇھىم بولماستىن، ئۆگەتكەنلىرىڭ مۇھىم بولىدۇ.
ھەققانىيەت، خەيرىخاھلىق، قەيسەرلىك ۋە قۇربان بېرىش جەھەتتىكى تۇنجى قېتىمقى ھەرىكىتىڭ باشقىلارنى مۇكەممەللەشتۈرەلەيدىغان بولۇشى، قۇدرەت تاپقۇزالىشى ياكى باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرالىشى، ئۇلارنى سېنى ئۈلگە قىلىدىغان قىلالىشى مۇھىم بولىدۇ.
سېنىڭ ئىقتىدارىڭ مۇھىم بولماستىن، خاراكتېرىڭ مۇھىم بولىدۇ. copyright by www.iz.la
سېنىڭ قانچىلىك ئادەم بىلەن تونۇشقانلىقىڭ مۇھىم بولماستىن، سەن كېتىپ قالغىنىڭدا بۇنىڭ مەڭگۈلۈك يوقىتىش ئىكەنلىكىنى قانچىلىك ئادەم ھېس قىلىپ قالغانلىقى مۇھىم بولىدۇ.
سېنىڭ ئەستە قالدۇرۇشۇڭ مۇھىم بولماستىن، سېنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ ئەستە قالدۇرۇشى مۇھىم بولىدۇ.
سېنى باشقىلارنىڭ ئەسلەيدىغان ۋاقتىنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن بولۇشى مۇھىم بولىدۇ، سېنى كىملەرنىڭ ئەسلىشى مۇھىم بولىدۇ، ئۇلارنىڭ سېنى نېمە ئۈچۈن ئەسلەيدىغانلىقى مۇھىم بولىدۇ.
ھاياتىمىز تاسادىپەن بىرەر ئىش سەۋەبىدىن مۇھىم بولۇپ قالمىسۇن، مۇھىتنىڭ سەۋەبى بىلەن مۇھىم بولۇپ قالمىسۇن، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ تاللىشى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ھاياتىنى ئەھمىيەتلىك قىلىشنى تاللىشىمىز كېرەك ئىز تورى www.iz.la

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(2)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • گۈل ۋە سالامەتلىك

    گۈل كىشلەرگە ھۇزۇر بىغىشلاپلا قالماي ، مۇھتىنى گۈزەللەشتۈرۈش ، بۇلغىنىشنى ئازايتىپ ، تۈرلۈك كېسەلىكىلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . نېرۋا پائاليىتى بۇلغىنىشقا باشلىغان بەزى كېسەلكىلەرنى داۋالاشتا گۈل شىپالىق رول ئوينايدۇ .. شۇنداق بولغاچىقا بەزى مەملىكەتلەردە گۈل...

  • ئۆزىدىن ئاغرىنىش بىر خىل پايدىسىز ھەركەت

    ئۆزىدىن ئاغرىنىش بىر خىل پايدىسىز ھەركەت، - بىر كىشى ئەگەر ھازىرقى ۋاقىتنى قانداق چىڭ تۇتۇشنى بىلىسە، ھەمدە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلانسا، ئۇ، ئەركىن ، مەنىلىك ، ھەقىقى بولغان تۇرمۇشنى تاللىغان بولىدۇ،...

  • چىش يۇيغاندا ...

    چىشنى چوتكىلاپ يۇيغاندا ئۇنىڭ توغرا ئۇسۇلنى ئىگىلەپلا قالماي ، بەلكى سۇ تېمپېراسنىڭ مۇۋاپىق بۇلۇشغىمۇ دىققەت قىلىش كىرەك . ئۇنداقتا چىشنى يۇيۇش ئۈچۈن ئىشلتىدىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرسى زادى قانچىلىك بولسا مۇۋاپىق بۇلىدۇ ؟ ياپۇنىيە خۇشېڭ ئۆلكىسدىكى تىببى مۇتەخ...

  • تەبەسسۇم

    تەبەسسۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن تەبەسسۇم، ئۇ، تاۋار ئەمەس، ئالدى - ساتتى قىلىدىغان ياكى پۇل ئورنىدا بانكىغا قويۇپ ساقلايدىغان . تەبەسسۇم، ئۇ، مۇغەمبەر كۈلكە ۋە خۇشامەت ﻫېجىيىشى ئەمەس، ناپاك نىيەتنى بېزەپ جۇلالاندۇرغان ۋە بىر پاشكا ئالىي ماركىلىق تاماكىدەك...

  • ئەتىگەندە ئۈچ ئىشنى ئۇنۇتماڭ

    ئەتىگەندە ئۈچ ئۈشنى ئۇنۇتماڭ كۆزىتىشلەتدىن قارىغاندا ، ئەتىگەندە تۆەندىكىدىك ئۈچ ئىشنى داۋاملىق قىلىپ بەرگەندە قۇلاقنق سەزگۈلەشتۈرۈپ ، كۆزنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ ، خىزمەت ۋە ئۆگۈنىش ئۈنۈمىنى يۇقرى كۆتۈرگىلى بۇلىدىگەن ________ ، 1 . كېرىلىش ، ئەتىگەندە ئورنىدىن...

  • ھەقىقىي مۇھەببەت يېنىڭىزدا !

    بىر جۈپ ياش ئەر- خوتۇن كوچا ئاپتوبۇستىكى قىستاڭچىلىقتا بىر -بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىپتۇ. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ، يۇمران ھەم سىلىق بىر قول ئەرنىڭ قولىنى تۇتۇپتۇ. ئەر جان-دىل بىلەن ھېلىقى قولنى چىڭ تۇتۇپتۇ، ئاپتوبۇس بېكەتكە كەپتۇ. ئېرى ھېلىقى قولنى قويۇپ بەر...

  • كومپيۇتېر رادىئاتسىيسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ 9 تۈرلۈك ئۇسۇلى

    1.كومپيۇتېرنىڭ يېنىغا بىرنەچچە تەشتەك كاكتۇس گۈلى قويۇپ قويسا ، گۈل رادىئاتسىيسنى سۈمۈرىۋالىدۇ. 2. تۇرمۇشى جىددىي ، ئالدىراش كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، كومپيۇتېرنىڭ رادىئاتسىيسىنى ئازايتىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئامالى ھەر كۈنى 2 دىن 3 ئىستاكانغىچە يىشىل چاي...

  • بەزى بىمارلارنىڭ يانغون ئىشلەتمىگىنى ياخشى

    تۇتقاقلىق كىسىلى بارلار. ئادەتتە يانغون ئىشلەتكەندە يانغون ئىشلەتكۈچىنىڭ چوو مىڭىسى ئەتراپىدا ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئىلىكىترو ماگنىت دولقۇنىدىن 4~6 ھەسسە كۈچلۈك ئىلىكترو ماگنىت دولقۇنى پەيدا قىلىدۇ. ئاز ساندىكى سۈپىتى ناچار يانغونلار پەيدا قىلىدىغان ئىلكترو ما...

  • بىلىشكە تېگىشلىك 46 خىل تۇرمۇش ساۋاتى

    بىلىشكە تېگىشلىك 46 خىل تۇرمۇش ساۋاتى...

  • تازلىق ئۆيدىكى فار فۇر بۇيۇملارنىڭ دېتىنى چىقىرىش ئۇسۇلى

    فار فۇر بۇيۇملار ئادەتتە داتلاشمايدۇ. ئەمما بىنالارنىڭ تازلىق ئۆيدىكى فارفۇر دىن ياسالغان يۈز يۇيۇش دېسى ،ۋاننا،تەرەت قاچىسى قاتارلىقلار ئىشلىتىلىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇرشىغا ئەگىشىپ ،داتلىشىپ قالىدۇ. بۇنى چىقىرىش ئۈچۈن مۇۋاپىق مىقداردىكى تۇزنى قىزدۇرۇپ ،ئارلاشتۇ...