ئۇيغۇر ئۆرۈپ ئادەتلىرىدىكى تەربىيە(چوغلۇق)

ۋاقتى:2010-09-19 14:17مەنبە: يوللىغۇچى:يانبۇلاق چېكىلىشى:قىتىم
  

ئۇيغۇر ئۆرۈپ ئادەتلىرىدىكى تەربىيە

ئىز تورى بەك ياخشى

1.ياشانغانلارنى ، چوڭلارنى ، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى ، ئۇستازلارنى كۆرگەندە ئىككى قولنى مەيدىسىگە ئېلىپ << ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! >> (تەڭتۇش ، تۇنۇش - بىلىشلەر ئوڭ قولىنى كۆكسىنى ئېلىپ سالام دەيدۇ ) دەپ ھۆرمەت بىلدۈرۈش لازىم . سالام بەرمەسلىك ئەدەبسىزلىك ، ھاكاۋۇرلۇق قىلغانلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ .

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

2. ئىشىك ئالدى ياكى ئۆيگە يېقىن ئارىلىقتا تۇنۇش - بىلىشلەر ئۇچرىشىپ قالغان تەقدىردە ، سالاملاشقاندىن كېيىن "ئۆيگە باشلاي" ، "خىزمەتتە بولاي" دېيىش لازىم . بولمىسا "قىزغانچۇق ، ئادىمىگەرچىلىكى يوق " دەپ ئەيىبلىنىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

3.مېھمان ياكى بىرەر ئىش بىلەن كەلگەن ئادەم ئۆيگە "ئەسسالام" دەپ كىرىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن "ئاللاھۇئەكبەر" دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ (ياكى يېرىم تۇرۇپ) ئاندىم ئولتۇرۇش لازىم . بۇ بېرىش - كېلىشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئاساسلىق قائىدە ، بولمىسا "قائىدىسىز" ، "ھاكاۋۇر" دەپ ئەيىبلىنىدۇ . ئىز تورى www.iz.la

 4. تاماقتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ، چوڭ - كىچىك تەرەتتىن كېيىن قول يۇيۇش لازىم ، بولمىسا "تەبىئىتى يوق ، مەينەت" دەپ ئەتىبلىنىدۇ . قول يۇغاندا ، بولۇپمۇ ساھىبخان مېھمان قولىغا سۇ ئالغاندا ، قولىنى سىلكىمەي لۆڭگە ياكى قولياغلىققا ئېرتىش لازىم .

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

5.  مېھمانغا چاي ، تاماق قويۇلۇپ ساھىبخان "قېنى باقىلىي" دەپ تەكلىپ قىلمىغۇچە ئالدىراپ چايغا ياكى تاماققا قول ئۇزىتىشقا بولمايدۇ . مېھمانغا چاي ، تاماق سۇنغاندا ، ئوڭ قول بىلەن سۇنۇش لازىم . بولمىسا ، "كۆزگە ئىلمىغانلىق" دەپ قارىلىدۇ . ) ئادەتتە مېھمان ئالدىغا قويۇلغان تاماقنى ئاشۇرۇپ قويماسلىقى ، تاماق ئاغزىغا تېتىمىغان تەقدىردىمۇ "ۋاي مەززىلىك بوپتۇ ، ئوخشاپتۇ" دەپ مەمنۇنىيەتلىك بىلدۈرۈش لازىم . بولمىسا ، ئۆي ئىگىسىنى ياراتمىغانلىق بولىدۇ .

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

6. مېھمان پۇتىنى ئارۋاڭ - سارۋاڭ سۇنۇپ ئولتۇرماسلىق ، بولۇپمۇ داستىخانغا قارىتىپ پۇتىنى سۇنۇپ ئولتۇرماسلىقى لازىم . ئۇنداق قىلىش ساھىبخانغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ . چوڭلار ئالدىدا پۇتىنى ئارۋاڭ - سارۋاڭ قىلىپ ، مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇشمۇ ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

7. مېھمان ساھىبخاننىڭ ئۆيىدىكى نەرسىلەرنى قالايمىقان تۇتماسلىقى ، ئاختۇرماسلىقى ، ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە مېڭىپ يۈرمەسلىكى ، بولۇپمۇ قىز - ئاياللار يېنىغا ، قازان بېشىغا بېرىۋالماسلىقى لازىم . بۇ يات قىلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ . copyright by www.iz.la

8. مېھمان داستىخان يېغىلماستىن بۇرۇن ئالدىراپ تۇرۇپ كەتمەسلىكى لازىم ، تالاغا چىقىش زۆرۈرىيىتى بولغاندا داستىخاننى دەسسەپ ياكى ئاتلاپ ئۆتۈشكە ، مېھمانلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ . ئۇنداق قىلىش ساھىبخاننى ، مېھمانلارنى كۆزگە ئىلمىغانلىق بولىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

9.مېھماندارچىلىق سورۇنىدا ، تاماق ئۈستىدە بۇرۇن تارتىش ، بۇرۇن - قۇلاق كولاش ، مىشقىرىش ، تۆكۈرۈش ، تىرناق ئېلىش ، جۈملىدىن ئاممىۋى سورۇنلاردا شۇنداق قىلىش تەبىئەتسىزلىك ۋە ئەڭ ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

10. مېھمانلار ، جۈملىدىن باشقىلار پاراڭلاشقاندا ئىشىك مارىماسلىق ، چوڭلار گەپ قىلغاندا لوقما سېلىپ ئېغىز غېرىچلىماسلىق لازىم . ئۇنداق قىلىش ئەڭ يامان قىلىق ، ئاقساقاللىق ، ئاتىكاچىلىق ھېسابلىنىدۇ .  مېھماندارچىلىق ئۈستىدە ۋە ئادەتتە غەيۋەت - شىكايەت قىلىش يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى بەزى ئاداۋەتلەر ئاشۇنداق غەيۋەت - شىكايەتتىن كېلىپ چىقىدۇ . 

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

11.مېھماندارچىلىقتا بالا ئەگەشتۈرۈپ بېرىش يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى بالىلارنىڭ جوداسىدا مېھماندارچىلىقمۇ كۆڭۈللۈك بولمايدۇ . بالا ئاپارغۇچىمۇ ئارام خۇدا يەپ - ئېچىپ ئولتۇرالمايدۇ . "تويغا بارساڭ تويۇپ بار ، بەش بالاڭنى قويۇپ بار" دېگەن ماقال شۇنداق ئادەتكە قارىتا مەيدانغا چىققان  مېھمان داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن "ئاللاھۇئەكبەر: دەپ دۇئا قىلىپ ، "رەھمەت" دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ياكى يېرىم تۇرۇپ ساھىبخانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش لازىم . ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

12.  مېھمانغا ئېيتقان يەردىن قالماسلىق لازىم ، چاقىرىلمىغان يەرگە بارماسلىق لازىم . چۈنكى سىزنى مېھمانغا چىللىغانلىق سىزنى ھۆرمەتلىگەنلىك ، بارمىغانلىق قارشى تەرەپنى كۆزگە ئىلمىغانلىق ، ئېيتمىغان يەرگە بېرىش قېلىنلىق ۋە تەمەخورلۇق قىلغانلىق بولىدۇ . "ئېيتقان يەردىن قالما ، ئېيتمىغان يەرگە بارما" دېگەن ئىدىيوم شۇ ئاساستا شەكىللەنگەن .

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

13.  يالاڭباش ۋە ئۆرە تۇرۇپ تاماق يېيىش يامان ئېلىنىدۇ .  غىزا - تاماقنى چاچماي ، پاكىزە يىيىش ، ئاش ئەۋلادىنى بۇزۇپ - چېچىپ ، ئىسراپ قىلماسلىق لازىم . بولمىسا ، "ئادەمنىڭ رىسقى قالىدۇ" ، " ئادەمنىڭ رىسقى كالتە بولىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ . : مېھمان ، جۈملىدىن بىرەر ئىش بىلەن كەلگەن ئادەم ئۆي ئىگىسىنىڭ ئالدىدا كىچىك بالا ۋە باققان مال - جاندارىنى " ئەجەپمۇ چىرايلىق ئەت ئاپتۇ " ، "ھەجەپمۇ چىرايلىق سەمىرىپتۇ" ... دەپ تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ ماختىماسلىقى شەرت ، ماختىسا "كۆز تېگىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ . ئاشۇنداق ماختاش بولسا ، قارشى تەرەپ ئىچىدە "ئاغزىڭغا تاش" دەپ قارغايدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

14. بىرى بىر نەرسە يەۋاتقاندا ئۇنىڭغا قاراپ مەسلەنمەسلىك لازىم ، مەسلىنىپ قارىسا " ئېچى كىرىپ قالىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

15.  تاماق ئۈستىگە بىرى كىرىپ كەلسە ، ئۇنىڭغا تاماق قويماسلىق "قىزغانچۇقلۇق" ، "ئاچكۆزلۈك" دەپ يامان ئېلىنىدۇ .

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

16. مەيلى ئۇرۇق - تۇققان ، دوست - ئاغىنە بولسۇن تالادىن كىرگەندە ، بولۇپمۇ سەپەر ئۈستىدىن كەلگەندە شۇ ئۆيدىكى كىچىك بالىنى ئالدىراپ قولىغا ئالماسلىق لازىم . بالا ئالدىراپ قولغا ئېلىنسا "يول ئىسسىقى ئۆتۈپ ئۇچۇنۇپ قالىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

17. يۈگۈرۈپ ، ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ ئالاقزادىلىكتە ئۆيگە كىرمەسلىك لازىم . چۈنكى ئۆي ئىگىسى بىرەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال تۇغۇلغانمىدۇ ؟ دەپ غەم - غۇسسىگە قالىدۇ .

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

18. ئۆيدە ئەخلەت قالدۇرماسلىق لازىم ، ئەخلەت قونۇپ قالسا " بەرىكەت قاچىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ .  ئىشىك ئالدىغا كىر سۈيى ۋە يۇندا تۆكمەسلىك لازىم . كىر سۈيى تۆكسە ئادەمنى مەينەت باسىدۇ ، ئەدەمنى سوغۇق تەلەت قىلىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ . يۈز - كۆزنى سۇنى ئېقىتىپ تۇرۇپ يۇيۇش لازىم . بولمىسا ، يۇندىدا يۈز يۇغانغا باراۋەر دەپ قارىلىدۇ .

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

19.  ئوچاق بېشى ، قۇدۇق بېشىغا كىر ۋە قول چايقايدىغان داس قاتارلىق نەرسىلەرنى قويۇشقا ، قۇدۇققا ، سۇ ئىدىشىغا ، چېلەك ، ساپلىق - نوگايدىن باشقا نەرسىلەرنى سېلىشقا بولمايدۇ . ‑ ئىشىك ئالدىغا ، جۈملىدىن ئۆيگە ۋە ئۇدۇل كەلگەن يەرگە چوڭ - كىچىك تەرەت قىلسا تەبىئەتسىزلىك ، ھاياسىزلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ . _ كۈن ، ئايغا قاراپ چوڭ - كىچىك تەرەت قىلىش ، سۇغا سىيىش ، ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرۈش ، ئەتتىگەندە يۈز يۇيماي تۇرۇپ كۈنگە قاراش يامان ئېلىنىدۇ . "ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرسەڭ يېنىپ چۈشەر ئۆزۈڭەە " دېگەن ماقال شۇ ئادەتتىن كېلىپ چىققان . '  زىرائەت ۋە يۇمران چۆپلەرنى دەسسەپ يۇلۇنسا ، ئۈستىگە سىيسە ئۇلار "يورۇقلۇقتىن مەھرۇم بولىدۇ" دەپ قارىلىدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

20. تۇزغا ، ئوتقا تۈكۈرۈش يامان ئېلىنىدۇ . نان پارچىلىرىنى ، تۇزنى دەسسەشكە ، نان سالغان ساندۇق ۋە تۇز خالتىسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ ، بۇنداق قىلىش نانغا ، تۇزغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى نان ، تۇزنى ئەجدادلىرىمىز جاندەك ئۇلۇغلاپ كەلگەن . يېڭى توي قىلغان ئىككى ياشقا تۇزغا چىلانغان نان يىگۈزۈش ئادىتى ، ۋاپاغا جاپا قىلغۇچىنى يۇرت - جامائەتتىن يۈز ئۆرىگەن كىشىنى "تۇزۇم ئۇرسۇن" ، "تۇزكور" دەپ قارغاش ئادىتى ئەنە شۇ ئەقىدە ئاساسىدا كېلىپ چىققان . شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە ، شۆھرەت ، ھارام دۇنيا ، ھوزۇر - مەئىشەت قوغلۇشۇپ ۋەتەنگە ، خەلقكە ، دوست - يارەنلىرىگە خائىنلىق قىلغانلار :تۇزكور" دەپ قارىلىدۇ . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

21. ئۆيدىن خوشلۇشۇپ چىققاندىن كېيىن ، ئارقىسىغا قارىماسلىق لازىم ، ئارقىسىغا يانسا "سەپەر ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ" دەپ قارىلىدۇ .  سەيشەنبە ، جۈمە كۈنى يولغا چىقىشقا بولمايدۇ . چۈنكى كۈنلەر ئىچىدە سەيشەنبە قۇتسىز كۈن ، شۇ كۈنى "تۇڭگۇزمۇ مويىنى تاشلىمايدۇ" ؛ جۈمە روھىناتلارنىڭ سېغىنىشلىق كۈنى ، جۈمە كۈنى ئەجدادلار روھىغا دۇئا - تەگبىر قىلماي ، توپا بېشىنى يوقلىماي بولمايدۇ ، دەپ ھېسابلىنىدۇ . شۇڭا ، بۇ ئىككى كۈندە يولغا چىقىش "يامان بولىدۇ" ، "پىشكەللىككە ئۇچرايدۇ" دەپ قارىلىدۇ .  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

22.چارۋا - مالنى بولۇپمۇ قوينى ئۇرماسلىق ، تەپمەسلىك لازىم . چۈنكى قوي ئامەت ، بەختنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىدۇ . ئەتتىگەندە قوي ئۇچرىسا "ئامەت كېلىدۇ" دېيىش ئاشۇ ئەقىدە ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن . شۇڭا قوينى ئۇرۇش ، تېپىش يامان ئېلىنىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

23.چاچ - ساقال ، بۇرۇت ، تىرناقنى ۋە ئەۋرەت ، قولتۇق مويىنى زىيەدە ئۆستۈۋېتىش يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ . ئەر - ئاياللارنىڭ غۇسلى قىلماسلىقىنى "پالاكەت باسىدۇ" ، دەپ قارىلىدۇ . ئىز تورى بەك ياخشى

24. ئات - كالا ، قوي ، تۆگە ، جەرەن - كىيىك قاتارلىق ھايۋانلار ، غاز - ئۆردەك ، توخۇ ، كەكلىك قاتارلىق ئۇچار قاناتلاردىن باشقا ، ئېشەك .... لەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ھارام دەپ يىمەيدۇ ، قوي - كالىلارنىڭمۇ رەسمىي بوغۇزلانغانلىرىنى يەيدۇ ، قېنىنى ئىچمەيدۇ ، ئۆزى ئۆلۈپ قالغاننى يىمەيدۇ .

copyright by www.iz.la

25. ناماز ئوقىغاندا ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلىش ، ئەرزان توۋلىغاندا پاراڭ سېلىش يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .  ناماز ئوقۇۋاتقاندا سەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرىدىن( Kurxad)    .
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(4)
80%
ئالقىشلايمەن
(1)
20%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • گۈل ۋە سالامەتلىك

    گۈل كىشلەرگە ھۇزۇر بىغىشلاپلا قالماي ، مۇھتىنى گۈزەللەشتۈرۈش ، بۇلغىنىشنى ئازايتىپ ، تۈرلۈك كېسەلىكىلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . نېرۋا پائاليىتى بۇلغىنىشقا باشلىغان بەزى كېسەلكىلەرنى داۋالاشتا گۈل شىپالىق رول ئوينايدۇ .. شۇنداق بولغاچىقا بەزى مەملىكەتلەردە گۈل...

  • ئۆزىدىن ئاغرىنىش بىر خىل پايدىسىز ھەركەت

    ئۆزىدىن ئاغرىنىش بىر خىل پايدىسىز ھەركەت، - بىر كىشى ئەگەر ھازىرقى ۋاقىتنى قانداق چىڭ تۇتۇشنى بىلىسە، ھەمدە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلانسا، ئۇ، ئەركىن ، مەنىلىك ، ھەقىقى بولغان تۇرمۇشنى تاللىغان بولىدۇ،...

  • چىش يۇيغاندا ...

    چىشنى چوتكىلاپ يۇيغاندا ئۇنىڭ توغرا ئۇسۇلنى ئىگىلەپلا قالماي ، بەلكى سۇ تېمپېراسنىڭ مۇۋاپىق بۇلۇشغىمۇ دىققەت قىلىش كىرەك . ئۇنداقتا چىشنى يۇيۇش ئۈچۈن ئىشلتىدىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرسى زادى قانچىلىك بولسا مۇۋاپىق بۇلىدۇ ؟ ياپۇنىيە خۇشېڭ ئۆلكىسدىكى تىببى مۇتەخ...

  • تەبەسسۇم

    تەبەسسۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن تەبەسسۇم، ئۇ، تاۋار ئەمەس، ئالدى - ساتتى قىلىدىغان ياكى پۇل ئورنىدا بانكىغا قويۇپ ساقلايدىغان . تەبەسسۇم، ئۇ، مۇغەمبەر كۈلكە ۋە خۇشامەت ﻫېجىيىشى ئەمەس، ناپاك نىيەتنى بېزەپ جۇلالاندۇرغان ۋە بىر پاشكا ئالىي ماركىلىق تاماكىدەك...

  • ئەتىگەندە ئۈچ ئىشنى ئۇنۇتماڭ

    ئەتىگەندە ئۈچ ئۈشنى ئۇنۇتماڭ كۆزىتىشلەتدىن قارىغاندا ، ئەتىگەندە تۆەندىكىدىك ئۈچ ئىشنى داۋاملىق قىلىپ بەرگەندە قۇلاقنق سەزگۈلەشتۈرۈپ ، كۆزنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ ، خىزمەت ۋە ئۆگۈنىش ئۈنۈمىنى يۇقرى كۆتۈرگىلى بۇلىدىگەن ________ ، 1 . كېرىلىش ، ئەتىگەندە ئورنىدىن...

  • ھەقىقىي مۇھەببەت يېنىڭىزدا !

    بىر جۈپ ياش ئەر- خوتۇن كوچا ئاپتوبۇستىكى قىستاڭچىلىقتا بىر -بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىپتۇ. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ، يۇمران ھەم سىلىق بىر قول ئەرنىڭ قولىنى تۇتۇپتۇ. ئەر جان-دىل بىلەن ھېلىقى قولنى چىڭ تۇتۇپتۇ، ئاپتوبۇس بېكەتكە كەپتۇ. ئېرى ھېلىقى قولنى قويۇپ بەر...

  • كومپيۇتېر رادىئاتسىيسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ 9 تۈرلۈك ئۇسۇلى

    1.كومپيۇتېرنىڭ يېنىغا بىرنەچچە تەشتەك كاكتۇس گۈلى قويۇپ قويسا ، گۈل رادىئاتسىيسنى سۈمۈرىۋالىدۇ. 2. تۇرمۇشى جىددىي ، ئالدىراش كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، كومپيۇتېرنىڭ رادىئاتسىيسىنى ئازايتىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئامالى ھەر كۈنى 2 دىن 3 ئىستاكانغىچە يىشىل چاي...

  • بەزى بىمارلارنىڭ يانغون ئىشلەتمىگىنى ياخشى

    تۇتقاقلىق كىسىلى بارلار. ئادەتتە يانغون ئىشلەتكەندە يانغون ئىشلەتكۈچىنىڭ چوو مىڭىسى ئەتراپىدا ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئىلىكىترو ماگنىت دولقۇنىدىن 4~6 ھەسسە كۈچلۈك ئىلىكترو ماگنىت دولقۇنى پەيدا قىلىدۇ. ئاز ساندىكى سۈپىتى ناچار يانغونلار پەيدا قىلىدىغان ئىلكترو ما...

  • بىلىشكە تېگىشلىك 46 خىل تۇرمۇش ساۋاتى

    بىلىشكە تېگىشلىك 46 خىل تۇرمۇش ساۋاتى...

  • تازلىق ئۆيدىكى فار فۇر بۇيۇملارنىڭ دېتىنى چىقىرىش ئۇسۇلى

    فار فۇر بۇيۇملار ئادەتتە داتلاشمايدۇ. ئەمما بىنالارنىڭ تازلىق ئۆيدىكى فارفۇر دىن ياسالغان يۈز يۇيۇش دېسى ،ۋاننا،تەرەت قاچىسى قاتارلىقلار ئىشلىتىلىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇرشىغا ئەگىشىپ ،داتلىشىپ قالىدۇ. بۇنى چىقىرىش ئۈچۈن مۇۋاپىق مىقداردىكى تۇزنى قىزدۇرۇپ ،ئارلاشتۇ...