ئاپتاپپەرەس ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان ، تېبابەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان مۇھىم دورىلىق قىممىتىگە
ئىگە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىرى .
ئاپتاپپەرەسنىڭ مېۋىسى ، چېچىكى ، يوپۇرمىقى ۋە يىلتىزى ھەر خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ . ئاپتاپپەرەس چېچىكى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىلسە مېڭە ۋە جىگەردىكى توسالغۇلارنى ئاچىدۇ ۋە ئەقلىي قابىلىيەتنى ئاشۇرىدۇ . ئېزىپ خېمىر قىلىنىپ رېماتىزىم خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلسە، ئاغرىق پەسىيىدۇ. بەلگە سۈركەلسە جىنسىي ئەزا قۇۋۋەتلىنىدۇ. ئاپتاپپەرەسنىڭ مېغىز تېبابەتتە سىلىقلاشتۇرغۇچى ۋە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرغۇچى دورا ھېسابلىنىدۇ. ئۇ خام پېتى ئىستېمال قىلىنىسا، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىپلا قالماي، قىيىن تۇغۇتنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. بالا ھەمرىيى ئاسان چۈشىدۇ. ھامىلىدارلىق دەۋرىدىكى سۇلۇق ئىششىقنى ياندۇرىدۇ. سۈتنى كۆپەيتىپ راۋانلاشتۇرۇپ، سۈت بېزى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بوۋاقلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ. ئادەم بەدىنىگە چىققان ھەر خىل جاراھەتلەر ئېغىز ئالمىغاندا، ئاپتاپپەرەس مېغىزىنى سۇ بىلەن قوشۇپ يەپ بەرسە، جاراھەتنىڭ ئېغىز ئېلىشى تېزلىشىدۇ. ئاپتاپپەرەسنىڭ يىلتىزىنى قاينىتىپ ئېغىزنى چايقاپ بەرسە چىش ئاغرىقى پەسىيىدۇ. قاينىتىلغان يىلتىز سۈيىدىن ئۈچ گرام ئەتراپىدا ئىچىپ بەرسە، سوغۇق مىجەز كىشىلەرنىڭ بۆرىكىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. يېمەك – ئىچمەك بىلەن زەھەرلىنىپ قالغاندا ئاپتاپپەرەس يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىدىن 10–12 گرام ئېلىپ قىزىق چايغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە، ئادەمنى دەرھال قۇستۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ، ئاپتاپپەرەس يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىدىن 20 –30 مىللىگرام ئىچكەندە، توختاپ قالغان ھەيز راۋانلىشىدۇ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
«پەن ۋە تۇرمۇش»ژورنىلىدىن ئېلىندى