بالا تەربىيىلەشتىكى بەزى نۇقسانلىرىمىزغا نەزەر

ۋاقتى:2010-08-16 11:49مەنبە: يوللىغۇچى:بەختىيار يۈسۈپ چېكىلىشى:قىتىم
  

بالا تەربىيىلەشتىكى بەزى نۇقسانلىرىمىزغا نەزەر

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

راخمانجان ئىمىر

ئىز تورى بەك ياخشى

ئىز تورى www.iz.la

(ئاپتور: قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك سىتاتىستىكا ئىدارىسىدا)

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

   بالىلار ئاتا–ئانىنىڭ يۈرەك پارىسى، كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى. بالىلارنىڭ ساغلام، ئەقىللىق چوڭ بولۇشى، ئۈمىد–چىدام بىلەن قوراللىنىشى، بىلىمنى، ئەخلاقنى، شەرم–ھايانى دوست تۇتۇپ ئۆز ئىستىقبالى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئۇل سېلىشقا ھازىرلىنىشى ھەر قانداق ئاتا–ئانىنى چەكسىز خۇرسەن قىلىدۇ، ئەلۋەتتە. شۇڭا بۈگۈنكى كەسكىن رىقابەت دەۋرىدە ئۆز خۇشاللىقىنى پەرزەنتلىرىنىڭ بەخت-ئامىتىدىن ئىزدەشنى ئادەت قىلغان نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ بارلىقىنى پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئايىماي سەرپ قىلىپ، ئۇلارنى ئەڭ ياخشى تەربىيىلىنىش شارائىتىغا ئىگە قىلىشنى، ئەڭ داڭلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشنى قوغلاشسا بەزى ئاتا-ئانىلار بۇنىڭ بىلەن قالماي يەنە، پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنىڭ ياخشى بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ پەرزەنتلىرىنى ھەر خىل كۇرسلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتناشتۇرۇۋاتىدۇ ياكى خىلمۇ خىل ساھە بويىچە بەس-بەستە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارغا ئەڭ ياخشى بولغان ئۆگىنىش سورۇنى ھازىرلاپ بېرىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ ھال ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ تەقدىرىگە، كېيىنكى ئىستىقبالىغا نەقەدەر كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئەلۋەتتە.

ئىز تورى www.iz.la

   جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا بەلگىلىك تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ، كىشىلىرىمىزنى ئۆزلىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە ئەمەلىيرەك ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىۋاتقان مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە، زور كۆپچىلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىزدىنىشى، ھەر تەرەپلىمە كۈچ سەرپ قىلىشى كىشىنى سۆيۈندۈرمەي قويمايدۇ. لېكىن بۇنىڭ ئەكسىچە، بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ياخشى ئۆگىنىش شارائىتى يارىتىپ بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۆزلىرىدىكى تۈرلۈك يامان ئىللەتلەرنى بالىلىرىغا زورلاپ تېڭىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ «تاپ» تىن چىقىپ كېتىشىگە «يېشىل چىراغ» يېقىپ بېرىشى كىشىنى ئويلاندۇرماي، ئېچىندۇرماي قويمايدۇ. copyright by www.iz.la

   پىكرىمنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە تۆۋەندىكى كىچىككىنە مىسالنى قىستۇرۇپ ئۆتەي: يېقىندا بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىدە بولغان بىر يىغىلىشتا ياش بىر ھۆكۈمەت خىزمەتچىسىنىڭ ئۆزىگە كەلگەن بىر رومكا ئاق ھاراقنى سورۇنغا بىللە ئېلىپ بارغان سەككىز ياشلىق ئوغلىغا سۇنۇپ بەرسە، ئۇ بالىنىڭمۇ ھېچقانداق قارشىلىقسىزلا ھاراقنى«گۈپپىدە»ئوتلىۋېتىپ مىيىغىدا كۈلۈپ ئولتۇرغىنىنى، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر سورۇندا بىر خىزمەتدىشىمنىڭ قولىدىكى تاماكىنى تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوغلىغا سۇنۇپ: «ئوغلۇم، ماۋۇ تاماكىنى ئاكىلىرىڭ ئالدىدا ئۆتكەنكىدەك بۇرنىڭدىن ئىس چىقىرىپ بىر تارتىپ بەرگىنە» دەپ ئوغلىغا بەرگىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ھەيران قالدىم. 2004-يىلى ئەتىيازدا بىر تونۇشۇمنىڭ 26 ياشلىق چوڭ ئوغلىنىڭ مەلۇم بىر ئولتۇرۇشتا ئەمدىلا ئالتە ياشقا كىرگەن ئىنىسىغا يۇقىرى گرادۇسلۇق ئاق ھاراق ئىچۈرۈپ قويغانلىق سەۋەبىدىن ئۇ بالىنىڭ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ بەكمۇ ئېچىنغانىدىم (بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ باشقا جايلاردىمۇ ئۇچرايدىغانلىقى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس، ئەلۋەتتە)

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   بۇنىڭدىن باشقا، بەزى ئاتا–ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بالىلىرىغا جانلىق ئۈلگە بولۇش، ئىلمىي تەربىيىلەشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ياخشى-يامان ئىش-ھەرىكەتلىرىگە مۇۋاپىق چەك قويماي زىيادە ئەركىگە قويۇپ بەرسە، يەنە بەزىلىرى مۇشتۇمدەك بالىلارنى ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت گەپلەر بىلەن تىللاپ قورقۇتۇپ بىر قىسىم قېلىن-قاششاقلارنى، باشقىلارنىڭ يامان گېپىنى قىلىش ئارقىلىق غەيۋەتخورلارنى، نېمە دېسە شۇنى ئېلىپ بېرىش، قىلىپ بېرىش ئارقىلىق تەييارتاپلارنى، نەگە بارسا شۇ يەرگە ئاپىرىش ئارقىلىق تاماخورلارنى، ئۆزى بىلەن بىللە ھاراق ئىچۈرۈش ئارقىلىق مەيخورلارنى، تاماكىنى بىللە چېكىش ئارقىلىق بەڭگىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقماقتا.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   بۇ يەردە شۇنى قەيت قىلغۇم كېلىدۇكى، بەزى ئاتا–ئانىلار مەسئۇلىيەتسىزلىكى،بىپەرۋالىقى تۈپەيلى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان،ئۆزلىرىنىڭ دەرقەمتە تۇرۇپ كۆڭۈل بۆلۈشىگە،ياخشى ئۇزۇقلاندۇرۇپ بېقىشىغا مۇھتاج بالىلىرىنى قاراڭغۇ ئۆيگە بەنت قىلىپ قويۇپ تۈگىمەس چاي-ئولتۇرۇش،توي-تۈكۈنلەرنىڭ كەينىدىن چېپىپ كەلدى ۋە ھېلىھەممۇ يەنە چېپىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەسلىدە ئاتا-ئانا دېگەن پەرزەنتلىرىنىڭ كېيىنلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆز مەجبۇرىيىتىم دەپ قاراپ، ئۇلارنى ھېيت-بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى مەنزىرىلىك جايلارغا، مۇزېيلارغا، مەشھۇر ئالىم، قەھرىمانلارنىڭ قەبرىگاھىغا، ھايات ئالىم، شائىر-يازغۇچىلارنىڭ تۇرارگاھىغا، پەن–تېخنىكا سارايلىرىغا، ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا ئاپىرىپ بالىلارنىڭ ئۈمىد، ئىشەنچ، سۆيۈنۈش، پەخىرلىنىش ھېسسىياتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىش ئارقىلىق بالىلىرىدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى «ئويغىتىپ» زېھنى-قۇۋۋىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك ئىدى. شۇنداقمۇ ئاتا-ئانىلار بار،ئۇلار مۇنداقلا تونۇشۇپ قالغان دوستلىرىنى نەچچە يۈز يۋەن خەجلەپ مېھمان قىلىشقا رازىكى، ئىمتىھاندا 100 نومۇر ئالغان بالىسىنى تەبرىكلەپ ياخشىراق ئوقۇشلۇقتىن بىرەرنى ئېلىپ بېرىشكە كۆزى قىيمايدۇ. ئاخىرى چىقمايدىغان، قىلچىلىك ئەھمىيىتى يوق ئىشلارغا بىر نەچچە كۈنلەپ ۋاقىت سەرپ قىلىشقا رازىكى، بالىلىرى بىلەن بىرەر كۈن، بىرەر سائەت ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىشقا، پىكىرلىشىشكە چىدىمايدۇ. نەزىر-چىراغ، توي-تۆكۈنلەردە نەچچە سائەتلەپ كاپشىپ مەمەدانلىق قىلىپ باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئالغىنى بىلەن، ئائىلىسىدە بالىلىرىغا بىرەر كۇبلېت قوشاق، شېئىر، تېپىشماق، چۆچەك ئېيتىپ بېرىشكە رايى بارمايدۇ.

www.iz.la

   دېمەك، بەزى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشىنى چىن كۆڭلىدىن ئارزۇ قىلىدۇ-يۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىغا بېرىدىغان تەسىرىگە سەل قاراش بىلەن بىرگە تەربىيىلەش، يېتەكلەش جەھەتتە ئۇسۇلغا دىققەت قىلماي «ياۋا شاخ»نى كېسىمەن دەپ «نۆۋەي»ىنى سۇندۇرۇپ قويۇپ يامان ئاقىۋەتكە قالىدىغان ئەھۋاللارنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   ئامېرىكىلىق بالىلار پسىخولوگىيىسى مۇتەخەسسىسى لېمىرس: «بالىلارنىڭ قانداق ئادەم بولۇپ چىقىشىغا ئاتا–ئانىلارنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرى مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنىڭ تەسىرىدىنمۇ چوڭ بولىدۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتى، روھىي ھالىتى بالىلار ئۈچۈن كۈندە كۆرۈپ تۇرىدىغان تەسىرى زور كىتابتۇر» دەپ كۆرسەتكىنىدەك، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى - ئۇلارنى ياخشى غىزالاندۇرۇش، كىيىندۈرۈش، ساغلاملىقىنى ئاسراش بولۇپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتى، سۆز-ھەرىكىتى ئارقىلىق بالىلارغا «ئەينەك» بولۇپ، ئۇلارنىڭ پاكىز قەلب ئېتىزىغا ئەڭ خۇش پۇراق گۈللەرنى تېرىپ ۋە ئاينىتىپ، بالىلارنىڭ بىلىملىك، ئىلمىي، مەدەنىي، كەمتەر، تىرىشچان، ئاق كۆڭۈل بىر ئەۋلادلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن ئىبارەت .

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   ئىنساندىكى مىجەز-خاراكتېر بالىلىقتىن باشلاپ يېتىلىدىغان بولغاچقا، بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك چاغدىكى تەربىيە، سىڭدۈرۈلگەن ئاڭ، كۆز قاراش تاشقا مۆھۈر باسقاندەك مەڭگۈلۈك ئورناپ، كېيىنكى ئىدىيە، كۆزقاراشلارنىڭ يېتىلىشىدە خېمىرتۇرۇچلۇق رول ئوينايدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىلىرىنى تەربىيىلەشتە قىلچە بىخەستەلىك قىلماي ئۆزىنىڭ گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، بولۇپمۇ پەرزەنتلىرى ئالدىدا ئۆز ئوبرازىنى تىكلەش ۋە قوغداشقا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   ئاخىرىدا تەكىتلەيدىغىنىم، پەرزەنتلىرىمىزنى ياراملىق ئەۋلادلاردىن قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىمەن دەيدىكەنمىز، ئالدى بىلەن ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆزىمىز زامانغا لايىق ساپا، بىلىم، ئەخلاقىي-پەزىلەت بىلەن تەربىيىلىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز، ئۆزىمىزدە ساقلىنىپ قالغان قالاق، پۈچەك ئىللەتلەرنى تۈزىتىپ، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ قەلبىدە ياخشى ئوبرازىمىزنى قالدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلالىساقلا پەرزەنتلىرىمىز بىزدىن ياخشى ئۈلگە، ئۆرنەك ئېلىپ كەلگۈسىدە ئۆز ئىستىقبالىنىڭ داغدام دەۋازىسىنى ئېچىشقا قادىر بولالايدۇ.

www.iz.la

 

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(12)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئانىڭىزنىڭ ئايىقىغا قاراپ باقتىڭىزمۇ؟

    ھەر قېتىم ئانامغا يېڭى ئاياغ ئېلىپ بەرگەندە ئۈچ يىل ئاۋۋالقى مۇنداق بىر ئىش كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. شۇ كۈنى سەھەردىلا ئاخشامدىن توختىماي يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي يۇرتتىن كۆزىنى داۋالىتىش ئۈچۈن كەلگەن ئاچامغا ھەمراھ بولۇپ بۇلاقبېشىدىكى«ھەدىيە كۆز كېسەللىكل...

  • قىزىم ساڭا ئېيتمەن

    قىزىم ساڭا ئېيتمەن ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن قىزىم ساڭا ئېيتىمەن مۇسۇلمان ئايالغا كىم قاچان تەربىيە بىرىدۇ ئۇنى كىم ۋە قاچان يەنى ئەقىللىق پاكىزە قەلىبى گۈزەل ھالغا يەتكۈزىدۇ؟ خوش ئەگەر بىزھەم ئاشۇ مۇنىسە ئاياللارغا ئو...

  • ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق توغىرىسدا

    ئىنسانغادۈشىمەن بولىدىغان يات قىلىقلاردىن بىر ۋەدىگە ۋاپ قلىماسلىقتۇر. بۇ بىر خىل ناچا ئىللەت بولۇپ، ئۆزىنىڭئابريى ،ئىززەت- ھۆرمىتىنى تۆكۈشتىن باشقا، يالغان ۋەدىگە ئىشەنگەن ئادەملەرنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ، دىلىنى ئاغرىتىدۇ. ئۇ كىشىدە ۋەدىگە ۋاپ قىلمىغان كى...

  • بالىلار يالغان سۆزلىسە قانداق قىلىش كىرەك...

    بالىلارنىڭ يالغان سۆزلىشىنىڭ سەۋەبى كۆپ بولسىمۇ ئومۇملاشتۇرغاندا، باشقىلارنىڭ ماختىشىغا، مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئىرىشىش ئۈچۈن يالغان سۆزلەش؛ ئۆزىنى يلغان سۆزلەشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ ئۇنداقتا، بالىلار يلغان سۆزلىسە ئاتا- ئانىلار قانداق قى...

  • بالىلار يېتىلدۈرۈشكە تېگشلىك ساپا

        مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى يىقىندا بالىلار تۆۋەندىكى ساپالارغا ئىگە بولۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى:     ئۆز –ئۆزىگە ئىشىنىش . ئۆز – ئۆزىگە ئىشىنىش يېرىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغانغا باراۋەر.     قىزغىنلىق . قىزغىنلىق بولغاندا ئالغا بېسىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بو...

  • ئاكتىپ روھى ھالەت سىزنى مۇۋاپىقىيەتكە باشلايدۇ

    (مۇلاھىزە ماقالە) مۇساجان تۇردى       ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا بىر قىسىم تىجارەتچىلەرنىڭ ‹‹سودىنىڭ تايىنى يوق ، باشقا ئىش قىلىپ باقسام بولامدىكىن ؟ تىجارەت كىنىشكىسىنى ئۆتكۈزۈۋېتەيمىكىن ؟ تاپقان پۇل ئۆي ئىجارىسىگە چىقىشمايۋاتىدۇ . ھازىر ئالارمەندىن ساتارمە...

  • چەت ئەلدە ئائىلە تەربىيىسى

       ئامېرىكىدا : بالىنى ماختاش ئادەت    ئامېرىكىدا ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى دائىم ماختاپ تۇرىدۇ . مەسىلەن: ‹‹بالام سىز بەك زېرەك!›› ،‹‹بەك ياخشى قىپسىز!›› ،‹‹ كاتتا ئىش قىلىپسىز!›› ، ‹‹سىز ئەڭ ياخشى!›› ، ‹‹سىز ئادەتتىكى بالا ئەمەس جۇمۇ!›› ، ‹‹سىزگە گەپ كە...

  • بالىغا ئويۇنچۇق ئېلىپ بەرگەندە نېمىلەرگە دىقەت قىلىش كېرەك ؟

        1. بالىغا بىر نەچچە ئويۇنچۇقنى تەڭلا ئېلىپ بەرمەي ، ئالدى بىلەن بىر ئويۇنچۇقنى بېرىپ، بالا بۇ ئويۇنچۇقنى بىر مەزگىل ئوينىغاندىن كېيىن ئاندىن باشقا ئويۇنچۇقنى بەرسە ،بالىنىڭ دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.      2. نوقۇل ئالىي دەرىجىل...

  • بالىلار تەربىيىسى ھەققىدە ھېكىمەتلەر

        بالىلارنى بەك ئەركىلىتىپ ۋە ئۇنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈۋالسىڭىز ھەم بېشىڭىزغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ، ئائىلىڭىزنىڭ پادىشاھى قىلىۋالسىڭىز، تەبىئىيكى  بالىڭىز چوڭ بولغاندا سىز ئۇنىڭ چاكىرىغا ئايلىنىپ قالىسىز، چۈنكى پادىشاھتىن  ۋاپا تىلەش قۇرۇق خىيالدۇر.     بالىڭىز...

  • قىزلىق پەزىلىتى قىزلار ۋۇجۇدى

     پاتىمە ھۈسەن    بىزدە ‹‹ئەخلاقلىق قىز چېچەككە ئوخشايدۇ، ئەخلاقسىز قىز پېتەككە›› دېگەن سۆز بار. دېمەك، قىزلار ئۆزىدە ياخشى ئەخلاق دىيانەت ۋە قىزلىق پەزىلىتىنى يېتىلدۈرگەندىلا، ئاندىن باشقىلارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ قەدىرلەشكە ئېرىشەلەيدۇ ۋە ك...