بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىز تورى www.iz.la
ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ۋە ئالىي مەكتەپلەردە بىزگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئوقۇتقۇچىلار ھەمىشە قەلبىمىزدە تۇرىدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ نېمە ئۆگەتكەنلىكىنى ۋە قانداق ئۆگەتكەنلىكىنى دەپ بېرەلەيدىغانلىرىمىز يوق ھېسابتا. ھازىر مائارىپ تەتقىقاتى ئوقۇتۇش سەنئىتىگە سەل قاراۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار مۇناسىۋىتى دېگەن نېمە؟ ئوقۇتقۇچى نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ ئوقۇغۇچىنىڭ قانداق تەسىرى بولىدۇ؟
سوقرات ئوقۇتۇشنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە تۈپ كۆز قاراشنى ئىپادىلەپ ئوقۇتۇش سەنئىتىنى تۇغۇت ئانىسىنىڭ خىزمىتىگە ئوخشاتقان. خۇددى تۇغۇت ئانىسى بوۋاقنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە ماسلاشقاندەك ، ئوقۇتقۇچىمۇ بىلىم، ئۇقۇم ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ياردەم قىلىدۇ. بۇ يەردىكى ئاساسلىق نۇقتىئىنەزەر شۇكى، ئوقۇتۇش كەمتەرلىك ھەم ياردەم قىلىش سەنئىتىدۇر. ئوقۇتقۇچى بىلىم ئىشلەپ چىقارمايدۇ، ئۇقۇملارنى قۇرۇق، پاسسىپ قەلىبلەرگە قويۇپ قويالمايدۇ . بىلىم ۋە ئۇقۇملارنى ئاكتىپ ھالدا ئىشلەپچىقىردىغانلار ئوقۇتقۇچىلار ئەمەس ، بەلكى ئۆگەڭۈچىلەرنىڭ ئۆزى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
قەدىمكىلەر دۇختور ، دېقان دېگەنلەرنىڭ ھۈنىرى بىلەن مۇزدۇر ، بىناكارلارنىڭ ھۈنىرىنى پىئەرقلەندۈرگەن . ئارستوتىل داۋالاش بىلەن دېھقانچىلىقنى ھەمكارلىق سەنئىتى دېگەن . چۈنكى ، ئۇلار تەبەتكە ماسلىشىپ ، تەبىئەتنىڭ ئۆزى ئىشلەپچىقىرىدىغان مەھسۇلاتلارنى تاماملايدۇ . ئىنسانلار ئىشلەپچىقارمىسا ئاياغ بىلەن ئۆي مەۋجۇت بولمايتتى . ئەمما، جانلىقلار دۇختورلار ئارلاشمىسمۇ ساغلام ياشىيالايدۇ . ئۆسۈملۈكلەر ۋە ھايۋانلار دېھقانلارنىڭ ياردىمى تەگمىسىمۇ ئۆسەلەيدۇ . پىشقان دۇختور بىلەن دېھقان ساغلاملىق ۋە يېتىلىشنى تېخىمۇ مۇقىم ۋە ئۆلچەملىك قىلالايدۇ .
ئوقۇتۇش خۇددى دېھقانچىلىق ۋە داۋالاشقا ئوخشاشلا بىر خىل ھەمكارلىق سەنئىتى، ئۇ ئاساسەن تەبىئەت قىلالايدىغان ئىشلارنى تەبىئەتكە ماسلىشىپ، تېخىمۇ ياخشىراق قىلىدۇ. بىز مۇئەللىمنىڭ ياردەمگە تايانماي تۇرۇپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز. بەزى ئالاھىدە كىشىلەر مەكتەپ تەربىيىسى ئالمايمۇ كەڭ تەلىمات ۋە چوڭقۇر قاراشلارغا ئىگە بولالىغان. ئەمما، كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمى بولغاندا ئۆگىنىش جەريانى ئىزچىل ، تارتقان ھەرەجلەر ئاز بولىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىپ يېتەكلەشلىرى ئۆگىنىشىمىزنى تېخىمۇ ئاسان ھەم ئۈنۈملۈك قىلىدۇ.
ئوقۇتۇشنىڭ بىر ئاساسلىق يۈزلىنىشى دوختۇرلۇق بىلەن دېھقانچىلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل سەنئەتتە كەم، ئوقۇتۇش قەلبلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە باقىدۇ. ئوقۇتقۇچى سۆزلىيەلەيدىغان كىتاب ياكى ناخشا ئىيتالايدىغان پلاستىنكا ئەمەس، بۇ نەرسىلەر ئۆز ئارا بىلىشمەيدىغان ئوبيېكتلارغىمۇ تارقىلىۋېرىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى بىلەن ئادەتتىكى پاراڭلاردىن ئۈستۈن ئالماشتۇرۇشنى ئېلىپ بارىدۇ، نۇرغۇن مەزمۇنلار ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ سەزمىگەن ھالدا خۇسۇسىي پاراڭ تەرىقىسىدە يەتكۈزۈلىدۇ. ئەگەر بىز ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى ئەنە شۇنداق شەكىلسىز ئامىللارنى دېمىسەك، قامۇس، پلاستىنكا، تېلېۋىزور، رادىئو ئارقىلىقمۇ ئوقۇتۇش ئېلىپ بارساقمۇ بولۇۋېرەتتى.
ئوقۇتۇش ئىككى ياقمىلىق مۇناسىۋەت. ئوقۇتقۇچى ياردەم بېرىدۇ ھەم يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. ئوقۇغۇچى شاگىرت بولۇپ، ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىدۇ ھەم بويسۇنىدۇ، شۇ ئارقىلىق كزىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدۇ. بۇ مۇتەئەسسىپ نوپۇزلارغا پاسسىپ بويسۇنۇشقا ئوئىشىمايدۇ. ئوقۇتۇش ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئىجرا قىلىشتا جانلىق بولۇشنى تەلەپ قىلدىئۇ. خۇددى چېچەن بالا ئاتا - ئانىسىدىن پايدىلىنىشقا ئۇستا كەلگەندەك، ياخشى ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىسىدىن پايدىلىنىشقا ئۇستا بولىدۇ. كەپسىز ئوقۇغۇچى مۇئەللىمنىڭ ياردىمىگە سەل قاراپ، ياشلىقنى زايە قىلىۋېتىدۇ، ھەتتا ئۆزىنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئومۇمەن، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى قانداق چۈشىنىش، باھالاش، ھۆكۈم قىلىش ۋە ھەقىقىي تونۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئۇ مۇقىم ئۇقۇم ۋە تەلىملەرنى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆلۈك يادىلاتقۇزمايدۇ. ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز ئالدىغا ئويلاش ۋە ئۆگىنىشنى ئۆگىتىدۇ. ئۇ پاراسەتتىن دېرەك بېرىدىغان ئىنكاسلارنى باستۇرمايدۇ، بەلكى ئىلھام بېرىدۇ.
ئوقۇغۇچىنىڭ ئىنكاسى ۋە يېتىلىشى ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت بۇ خىزمەتنىڭ بىردىنبىر مۇكاپاتى. ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ياردەم سەنئىتى ياكى ھەمكارلىشىش سەنئىتى مەخسۇس باشقىلارنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن بىغىشلانغان، شۇڭا ئۇنى يۈكسەك سېخىي ھەرىكەت دەيمىز. ئاۋگۇستىن ئوقۇتقۇچىلىقنى ئەڭ ئالىي ساخاۋەت دەپ تەرىپلىگەنىدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە: غەربنىڭ تەپەككۇرى ناملىق كىتاب