پەرزەنت تەربىيىلەش دەستۇرى
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
پەرزەنىتلەرنى قانداق قىلىپ ياخشى تەربىيلەش توغرىسىدا تۈرلۈك گېزىت-ژورناللاردا، ئۇيغۇرچە تور مۇنبەرلىرىدە ۋە باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ھەر خىل مۇنازىرە ھەم مۇلاھىزىلەر بايان قىلىندى . بۇ ھەقتە مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى ئايىماي سەرپ قىلىۋاتقان ھەر ساھادىكى كۆزگە كۆرۈنگەن تاغا-ھەدىلىرىمىز ، شائىر-يازغۇچى ئەدىپلىرىمىز ۋە پېشقەدەم جامائەت ئەرباپلىرىمىز ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جاپالىق ئىجادىي ئەمگەك مېۋىسىنى خەلقىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەقدىم ئەتتى .
مەن مۇشۇ تېمام ئارقىلىق مۇنبەر يۈزىدە ئۇلارغا بولغان چۇڭقۇر ھۆرمىتىمنى ۋە تەشەككۈرۈمنى بىلدۇرىمەن .
مەن ئويلاپ باقسام ،بىز كۆپ ۋاقتىمىزنى ئۇخلاش، خىزمەت، كۆڭۈل ئېچىش، ئۈگىنىش، تاماق يىيىش، بازاردىن كيىم-كېچەك ۋە ھەرخىل تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى سېتىۋېلىش، سەپەرگە ياكى ساياھەتكە چىقىش، تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش دىگەندەك ئىشلارغا سەرپ قىلىدىكەنمىز .( يۇقىرىدا مەن تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن سەۋەپلەر نورمال بىر ئادەمدە كەم بولسا بولمايدۇ- ئەلۋەتتە !) بىراق ئۆز پەرزەنتلىرىمىزنى تەربىيلەشكە سەرپ قىلىدىغان ۋاقتىمىز ئىنتايىن ئاز ئىكەن .
ھەر بىر ئاتا-ئانا پەرزەنتىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق، ئىقتىدارلىق ئادەم بولۇپ ئاتا-ئانىسىنى خاتىرجەم قىلىشىنى ۋە ئۆزىنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشىنى بەخىتلىك ئۆتكۈزىشىنى ئۈمۈت قىلىدۇ . ھەمدە پەرزەنتىنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە ئازدۇر-كۆپتۇر ئويلىنىدۇ .
ئىز تورى بەك ياخشى
ئەمما پەرزەنتلەرنى قانداق قىلغاندا توغرا بىر ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن مۈكەممەل ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ ؟- دىگەن نۇقتىنەزەر ھەققىدە باش قاتتۇرىدىغانلار