ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقى، ئائىلە ئىشلىرىنىڭ كۆپلۈكى ياكى سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، ياسىنىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ پېشانىسى ۋە كۆزىنىڭ ئۆپچۆرىسىگە بالدۇرلا قورۇق چۈشۈپ كېتىدۇ، بۇنىڭ سالامەتلىككە تەسىرى بولمىسىمۇ، ئەمما چىرايىنى سەتلەشتۈرۈپ، كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ قويىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
ھۆسن تۈزەشنى تەتقىق قىلغۇچىلار مۇۋاپىق ھۆسن تۈزەش ئۇسۇللىرىنى يەنى كىيىنىش، ياسىنىش ۋە تېرىنى ئاسراش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق، ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ ياشلىقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، دەپ قارىماقتا.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ يېشىغا مۇناسىپ كىيىنىشى لازىم. ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ چىرايىدا قورۇق بولغاچقا، كۆزى نۇرسىزراق كۆرۈنىدۇ. چېچىمۇ بەك پارقىرىمايدۇ، شۇڭا چاچنى بۈدۈر قىلىپ، كەينىدىن بىر تال بوغۇۋېلىش ياكى ئېگىز تۈرۈۋېلىش لازىم. كۆپىنچە ئاياللار ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا سەمرىپ كېتىدۇ. كىيىمنى ئۆزىگە يارىشىملىق كىيگەندە سېمىزلىكى چانمايدۇ. مەسىلەن، كوپتا–يوپكا كىيگەندە، كوپتىنى يوپكىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىش، يەڭسىز كوپتا–كۆڭلەكلەرنى كىيمەسلىك، چوڭ گۈللۈك رەختلەردىن كىيىم كىيمەسلىك كېرەك. ئۇششاق كاتەكچە ۋە يوللۇق رەختلەردىن كىيسە يارىشىملىق بولىدۇ. كىيىمنىڭ رەڭگى بەك تۇتۇق بولۇپ كەتمەسلىكى، شۇنداقلا بەكمۇ ئالىيېشىل بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. كىيىم پاسونى ئاددىي بولۇشى، رەختنىڭ نېپىز–قېلىنلىقى مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. ئادەتتىن تاشقىرى نېپىز ۋە ئادەتتىن تاشقىرى قېلىن رەختتىن تىكىلگەن كىيىم ئادەمنى سېمىز كۆرسىتىپ قويىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يۈز يۇيۇش كۈندە ئورۇنلىنىدىغان ئادەتتىكى ئىش، ئەمما يۈزنى توغرا ئۇسۇلدا يۇيغاندا، بالدۇر قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن يۈزنى يۇمشاق لۆڭگىدە سۈرتۈش، لۆڭگىنى پات–پات يېڭىلاپ تۇرۇش كېرەك. يۈزنى يۇيغاندا يەڭگىل ئۇۋۇلاپ يۇيۇش، قاتتىق باسماسلىق، ئادەتتىكى ئەھۋالدا كىر سوپۇندا يۇيماسلىق كېرەك. يۈزنى ئىسسىق سۇدا يۇيغاندا، يۈز تېرىسىدىكى ماي ۋە كىرلار ئېرىپ، تەر تۆشۈكچىلىرى تازىلىنىدۇ. سوغۇق سۇدا يۇيغاندا، قان ئايلىنىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تېرىنىڭ سوغۇققا چىدامچانلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
يۈزنى ئۇۋۇلاش ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ تېرىسىگە قورۇق چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدۇر. بۇنىڭدا پېشانە ئوتتۇرسىدىن ئىككى چېكىگە، بۇرۇن قاڭشىرىدىن ئىككى چېكىگە، ئاندىن مېيىقتىن قۇلاققا، ئېڭەكنىڭ ئوتتۇرسىدىن قۇلاققا قارىتىپ بارماق بىلەن يېنىك ئۇۋۇلاش لازىم. ئەگەر پېشانىدا قورۇق بولسا، ئۇنى ئۇزۇنسىغا ئۇۋۇلىغاندىن سىرت، يەنە توغرىسىغىمۇ يېنىك ئۇۋۇلاش، ئۇۋۇلاشتىن بۇرۇن يۈزگە يۈز ماي سۈرتۈۋېلىش، بىر قېتىمدا ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە ئۇۋۇلاش لازىم. بۇنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەندە، يۈزدىكى قورۇقلار ئازلايدۇ ۋە تېرىنىڭ بوشىشى بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
‹‹ئاياللار ۋە تۇرمۇش›› دېگەن كىتابتىن ئېلىندى
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
