ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
قىزلار كەلگۈسىدىكى ئانىلار. دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى قىز_ئاياللار ئاپىرىدە قىلىغان. قىز_ئاياللارنىڭ كۆكسى_قارنى كەڭ، پەزىلىتى ئۇلۇغ، مېھىر_ۋاپاسىى تەڭداشىسىز بولغاچقا، ئۇلارنىڭ جىسمىدىن دۇنيا، ئىنسان، مەدەنيەت، تىل ۋە مىللەت تۆرەلگەن. بۇ دۇنيا شۇنىڭ ئۈچۈن سۆيۈملۈككى، قىزلار تەبىئەت ھۆسىنىگە ھۆسىن قوشىدۇ. قىزلار ئانا بولۇپ ئىنسانيەتنى ئەۋلادتىن _ئەۋلادقا ئۇلايدۇ. خوتۇن بولۇپ ئەرلەرگە مۇھەببەت ئاتا قىلىدۇ. ئاندىن مىلىلەت تۇغۇلىدۇ، ئاندىن تىىل ۋە مەدەنىيەت ئاپىرىدە بولىدۇ. ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ قىز_ئاياللارغا يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن قاتتىق تەلەپ قويۇپ كەلگەن، بولۇپمۇ ئەدەپ _ئەخلاق، شەرم _ھايا جەھەتتە ئىپپەت_نومۇس، پاكلىق_ساداقەتنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىلىرىنى يارىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ مىلىلەت ئىكەنلىكىنى ئۆزگىلەرگە تونۇتقان. مىىللەتنىڭ ئۆتمۈشىنى كېلەچىكىگە ئۇلىغۇچى خوتۇن _قىزلىرىمىزمۇ كېينىكى ئەۋدلار ئۈچۈن ئەنە شۇنداق ئىزلارنى قالدۇرمىقى زۆرۈر. ئەخلاق_قىزلاردا بولۇشقا تېگىشىلىك ئەڭ مۇھىم پەزىلەت. گۈزەل ئەخلاق ۋە پاكلىق بولغاندىلا قىزلار باشقىلارنىڭ ئىشەنچىگە، ياخشىى كۆرۈشىگە ۋە ھۆرمەت قىلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ. گۈزەل ئەخلاق قىزلارغا ئىشەنچ ۋە غۇرۇر ئاتا قىلىدۇ. ئىدىقۇت ئېلى قىتانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، موڭغۇل ئېلى بىلەن ئىتىتىپاق تۈزۈشكەندىن كېىيىن، ئىدىقۇت خانى بىلەن موڭغۇل خانى ئۆزئارا قۇدىلاشقان. مۇشۇ ۋاقىتىتا موڭغۇل ئېلىنىڭ خاقانى چىڭىگىزخان قىزى ئالتۇن بەكنى ئىدىقۇت ئېلىگە يولغا سېلىش ئالدىدا قىزىغا بەخىتىلىك ئايالىنىڭ ئۈچ ئېرى بولىدۇ، بۇلارنىڭ بىرى دۆلەت. ئىككىنىچسىى ياخشى نام، ئۈچىنىچسىى ئېرى، مانا مۇشۇ ئۈچ ئەرگە ئىگە بولالسساڭ بەختلىىك بولسەن، ئەگەر سەن دۆلەتكە سادىق بولۇپ ئەدەپ_قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىساڭ تەبىىئي ھالدا ياخشى نامدىن ئىبارەت ئىككىنىچى ئەرگە ئىگە بولىسەن، ياخشى ناماڭىنى مەھكەم ساقىلىيالساڭ ھېچقانداق ئەرنىڭ سېنى تاشىلىۋەتكۈسى كەلمەيدۇ دەپ نەسىھەت قىلىغان. ئومۇمەن، مەيلى قەدىمكى ياكى ھازىرقى دەۋردە بولسۇن، ئەدەپ_ئەخلاقىلىق بولۇش قىزلارغا قويۇلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئۆلچەم. جەمىئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ. كىشىلەرنىڭ ئەدەپ_ئەخلاق كۆز قارىشدا يېڭىچە ئۆزگىرىشلەر بولغان بولسمۇ، خەلىقىمىزنىڭ قىزلارنىڭ ئەدەپ _ئەخلاقلىق بولۇشىغا بولغان ئۆلچمى ئۆزگەرگىنى يوق. ئەدەپ _ئەخلاق قىزلارنى ھەقىقي بەخىتىكە ئېرىشتۇرىدۇ. گۈزەل ئەخلاق بولغاندىلا قىزلار ئەرلەرنىڭ ھەققىي سۆيۈشىگە، ھۆرمىتىگە ۋە جەمىئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ.
ئەخلاقىلىق، پەزىلەتلىك ئايال_پانىي ئالەمدىكى جەننەت ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
_رۇمىن روللان
www.iz.la
مەنبە.بەخت ئۆز قولىڭىزدا ئىز تورى بەك ياخشى
