ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
كۆزلەرنى چاقنىتىدىغان خىلمۇخىل لەۋ سۇرۇخ ياكى لەۋ پارقىرىقى تاللىغاندا، ئۇنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقىنى قانداق پەرىقلەندۈرۈش كېرەك؟
سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا، ياخشى سۈپەتلىك لەۋ سۇرۇخ پارقىراق، يۈزىدە ئۇششاق تۆشۈكچىلەر بولمىغان، ئىسسىق-سوغۇققا چىداملىق، ئاسان ئېگىلىپ، ئاسان يۇمشاپ كەتمەيدىغان، شەكىل جەھەتتىن تۈز، يۈزى مايلىق، پارقىراق بولۇپ، لەۋگە ئاسان سۈركىلىدۇ. يېپىشقاق كېلىدۇ ھەمدە ئۇنى ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىغىلى بولىدۇ. لەۋگە سۈركىگەندە غەيرىي سېزىم پەيدا قىلمايدۇ ۋە لەۋنى رەڭدار قىلىپ پارقىرىتىدۇ. ئەكسىچە، ناچار سۈپەتلىك لەۋ سۇرۇخنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ئۆلچەمسىز بولۇپ، سىنچىلاپ قارىغاندا ئۇنىڭ كۆپۈپ قالغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بۇنداق لەۋ سۇرۇخ ئاسانلا ئېگىلىپ كېتىدۇ ھەم قۇرغاق بولۇپ، سۈرگەندە لەۋدە ئۇششاق چېكىتچىلەرنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
لەۋ سۇرۇخ مەيلى نەپىس قاچىلانغان ياكى ئاددىي قاچىلانغان بولسۇن، ئۇنىڭ قاچىلانغان قېپىدا ياكى ئاستىدىكى ماركىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى، ساقلاش مۇددىتى ۋە ئىشلەپچقارغان زاۋۇت ئادىرىسى بولىدۇ. ناچار سۈپەتلىك لەۋ سۇرۇخنىڭ ماركا بەلگىلىرى تولۇق ئەمەس ياكى سۇس يېزىلغان بولىدۇ. www.iz.la
