ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئىز تورى بەك ياخشى
مۇتەخەسسىسلەر خانىم-قىزلارنىڭ گۈزەللىكى ۋە سالامەتلىكى ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك كىيىم-كېچەكلەرنى كىيمەسلىكنى تەۋسىيە قىلدى.
بەك تار ئىچ كىيىم بەزىبىر فىگۇرىسى تازا كېلىشمىگەن خانىم-قىزلار گۈزەللىك قوغلىشىپ، بەك تار، بەدىنىگە چىڭ چاپلىشىپ تۇرىدىغان ئىچ كىيىملەرنى كىيىپ، بەدىنىدىكى نۇقسانلارنى ياپماقچى بولىدۇ، لېكىن، بۇ خىل ئىچ كىيىملەرنى كىيگەندە ئادەم بىئاراملىق ھېس قىلىپلا قالماي، قاننىڭ نورمال ئايلىنىشىغا تەسىر يېتىپ، ھاۋا ئۆتۈشمەي، ھەر خىل ياللۇغلارنى پەيدا قىلىدۇ.
يەنە بەزى خانىم-قىزلار بانداژ كىيىپ فىگۇرلۇق بولماقچى بولىدۇ، بانداژ ئاددىيسى ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ، يۈرەك سېلىشنى تېزلىتىپ، باش قېيىش، نەپەس يېتىشمەسلىكتەك ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا يۈرەك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
بەك چىڭ باغىرداق (لىپتىك) ئەگەر خانىم-قىزلار ئۇزاق ۋاقىت بەك چىڭ باغرىداق تاقىسا، سۈت بېزى ۋە قان ئايلىنىشقا تەسىر يېتىدۇ ھەم تەر قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار سۈت بېزىگە كىرىپ، سۈت بېزى راكىنى پەيدا قىلىدۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى
ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىم خانىم-قىزلار ئۇزاق ۋاقىت بەك ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىم كىيسە، پۇت كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، بولۇپمۇ ئۆسۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان قىزلار ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىم كىيسە، نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
نىلۇڭ پايپاق خانىم-قىزلار ئۇزاق ۋاقىت نىلۇڭ پايپاق كىيسە، پايپاق تەركىبىدىكى خىمىيىلىك بىرىكمىلەر تېرىگە تەسىر قىلىپ، تېرە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
www.iz.la
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
