ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
تۇرمۇش قۇرۇپ ئۈچ يىلغىچە ئەر-ئايال داۋاملىق بىر يەردە بولۇپ تۇرۇقلۇق بويىدا قالمىغانلار ياكى مۇددەتتىن بۇرۇن تۇغقان ۋە بويىدىن ئاجراپ كەتكىنىگە ئۈچ يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ ، قايتا بويىدا قالمىغانلار تۇغماسلار دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنقى بىر خىلى بىرلەمچى تۇغماسلار دەپ ئاتىلىدۇ . كېيىنكى بىر خىلى ئىككىلەمچى تۇغماسلار دەپ ئاتىلىدۇ . تۇغماسلىقتىكى سەۋەبلەرنىڭ بەزىلىرى ئايال تەرەپتە ، بەزىلىرى ئەر تەرەپتە بولىدۇ . ھالبۇكى ، ئاياللارنىڭ تۇغماسلىقى كۆپىنچە تۇغما كەمتۈكلۈك ۋە جىنسىي ئەزالاردىكى كېسەللىكتىن كېلىپ چىقىدۇ . بۇنىڭدا تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل سەۋەب كۆپ ئۇچرايدۇ ؛
ئىز تورى www.iz.la
1. جىنسىي ئەزالار ياللۇغى ؛ مەسىلەن ؛ تۇخۇم يەتكۈزۈش نەيچىسى ياللۇغى ، تۇخۇمدان ياللۇغى ، ماتكا ئىچكى پەردە ياللۇغى قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇملارنىڭ ماكانلىشىشى تەسىرگە ئۇچراپ ، بويىدا قالمايدۇ . ئاياللار ماتكا بوينى ياللۇغى ، جىنسىي يولى ياللۇغى بىلەن ئاغرىغاندا ماتكا بوينى نەيچىسى ئىچىدە ۋە جىسنسىي يولى ئىچىدە شىللىق ئاجراتمىلار كۆپلەپ پەيدا بولۇپ ، كۆپ ھاللاردا ئۇرۇقنىڭ بالىياتقۇغا كىرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ، بۇ ئاجراتمىلار يەنە جىنسىي يولنىڭ كىسلاتالىق - ئىشقارلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋېتىپ ، ئۇرۇقلارنى ئاسانلا ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ ، بۇمۇ تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ .
2. جىنسىي ئەزالارنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشى مۇكەممەل بولمىغان ، تاشقى جىنسىي ئەزالاردىكى كەمتۈكلۈك ، مەسىلەن ؛ ئاياللاردىكى جىنسىي يولى تار بولۇش ، جىنسىي يولى پۈتۈك بولۇش ۋە ماتكا بوينى نەيچىسى تار بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆپىنچە ، نورمال جىنسىي مۇناسىۋەتكە تەسىر كۆرسىتىپ ، ئۇرۇق بالىياتقۇغا يېتىپ بارالمايدۇ . بۇنداق بولغان ئىكەن ، بويىدا قالمايدۇ ، ئەلۋەتتە . ماتكىدىكى غەيرىيلىك ، تۇغما پۈتۈكلۈك بىلەن تەڭ بالىياتقۇ بولماسلىق ئەھۋاللاردىمۇ بويىدا قالمايدۇ . تۇخۇمداننىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشى تۇغما كەمتۈكلۈك بولغان ئاياللارنىڭ كۆپ قىسمى تۇغمايدۇ . ئىز تورى www.iz.la
مەنبە ؛ قىز - ئاياللارغا 200 مەسلىھەت بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
