چاينىڭ روھنى ئۇرغۇتىدىغانلىقى،ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدىغانلىقى،ساغلاملىققا پايدىلىق ئىكەنلىكى ھەممىزگە ئايان. ئەمما ساغلاملىق مۇتەخەسسىلىرى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېيىشتى: ئەگەر چاي بەك قېنىق بولۇپ كەتسە،ئۇنداقتا ئۇنىڭ ساغلاملىققا پايدىسى ئەمەس، زىيىنى تېگىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئادەتتە ئەدەم كۈندە نورمال بولغاندا 1.5لىتىردىن2.5لىترغىچە ئاشقازان سۇيۇقلىقى ئاجرىتىدۇ، بۇ ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئادەم تېنى قوبۇل قىلغان ئوزۇقلۇقنى مۇۋاپىق ھەزىم قىلىدۇ.ئەگەر قېنىق دەملەنگەن چاي كۆپ مىقداردا ئىچىلسە، ئۇنداقتا بۇ ئاشقازان سۇيۇقلىقىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئازايتىۋېتىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى چۈشۈرىۋىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان سۇيۇقلىقى نورمال ھەزىم قىلىشقا ياردەم بىرەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەزىم قىلىش نورمال بولماسلىق، قورساق كۆپۇش، ئاغرىش ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىپ،ھەتتا 12بارماق ئۈچەي ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇنداق چاي يەنە بەدەندە تۆمۇر ماددىسىنىڭ بىرىكىشىنى چەكلەيدۇ،يەنە يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئاقسىل ماددىسىنى كاللەكلەشتۇرۇپ، ئاسان ھەزىم بولمايدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ،نەتىجىدە ئىچى قېتىپ قېلىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ.قېنىق دەملەنگەن چاي يەنە قان بېسىمنىڭ ئۆرلىشى،يۇرەك ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىششىنى پەيدا قېلىدۇ.قېنىق چايدىكى قەھۋە تەركىبى يۇرەك سېلىش رېتىمىنى تېزلىتىپ،قاننىڭ بېسىمىنى تېخىمۇ ئۆرلىتىۋىتىدۇ؛شۇنىڭ بىلەن بىللە،قېنىق چاي قان تومۇرغا ھەسسىلەپ سىڭىپ كىرىپ،يۇرەكنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇپ،ئىچى سىقىلىدىغان ۋە يۇرەك سانجىلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قېلىپ،يۇرەك ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاش سۇرئىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ.
ئىز تورى www.iz.la
