app دېتالى

باناننىڭ پايدىلىق روللىرى

ۋاقتى:2013-04-20 10:05مەنبە: يوللىغۇچى:گۈزەلنۇر چېكىلىشى:قىتىم

  بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

بانان تاتلىق ، تەبىئىتى سوغۇق . ئۇنىڭ مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەپ ، بىئاراملىقنى تۇگىتىدىغان ، خىلىت پەيدا قىلىپ ئۇسۈزلۇقنى پەسەيتىدىغان ، ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدىغان ئىقتىدارى بار . ھازىرقى زامان تەتقىقاتلىرىدىن قارىغاندا بانان تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق بولغان نۇرغۇن ماددىلار بار ئىكەن ،مەسىلەن ، مېۋە شېكىرى ، گىلوكوزا، ئاقسىل ، ماي ، كارۇتىن، ۋىتامىن ،نېكوتىن كسىلاتسى ، كالتىسى ، تۆمۈر قاتارلىقلار ، تەركىبىدە گەرچە گىلوكوزا بولسىمۇ ، لېكىن دىئابىت كېسىلى بىمارلىرىغا تەسىرى يوق ، تەجىربىلەر ئىسپاتلىدىكى ، دىئابىت كېسىلى بىمارلىرى بانان ئىستېمال قىلىغاندىن كېيىن سۈيدۇكتىكى شېكەر ماددىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈلمەيدىكەن ، ئۇ يەنە قان بېسىمىنى چۈشۈرەلەيدىكەن . شۇڭلاشقا ياشانغانلار قەۋزىيەت بولۇپ قالسا كۆپرەك بانان يېگىنى مۇۋاپىق . بانان تەركبىدە ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ ھامىلىدار ئايالىلار ۋە بالىلارغا ئىنتايىن مۇۋاپىق كېلىدۇ . باناننىڭ پوستىنى ئېلىۋېتىپ كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمىدا بىر _ئىككى تال يېسە ئادەتلەنگەن قەۋزىيىگە قارىتا ئىنتايىن رازى قىلارلىق دەرىجىدە ئۈنۈم بېرىدۇ ۋە روشەن ھالىدا ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(5)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس