مېڭىنى زىيادە ئىشلىتىش ـــــ بانان
ھەدىدىن زىيادە مېڭىنى ئىشلىتىش ئادەم بەدىنىدىكى ۋېتامىن، مېنىرال ماددىلار شۇنداقلا ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چوڭ مېڭە چارچىغاندىن تاشقىرى، يەنە دائىم دىگۈدەك كەيپىياتى تۆۋەن بولىدۇ. بۇ چاغدا بانان ئىستېمال قىلسا كېرەكلىك بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاپلا قالماستىن، تۆۋەن كەيپىياتنى ئوڭشايدۇ. مېڭىنى زىيادە ئىشلىتىش كۆپ خىل ۋېتامىنلارنى ئىسراپ قىلغاچقا، ئوزۇقلۇقشۇناسلار شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆپ خىل ۋېتامىن ئېلېمىنتلىرنى تولۇقلاشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چېكىش ـــــ ئۈزۈم
ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چەككەندە، ئۆپكىگە كۆپ مىقداردا زەھەرلىك ماددىلار يىغىلىپ قېلىپ، ئىقتىدارى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. ئۈزۈم تەركىبىدىكى ئۈنۈملۈك تەركىبلەر ھۆجەيرىلەرنىڭ مېتابولىزىم ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆپكە ھۆجەيرىلىرىنىڭ زەھەر تازىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ئۈزۈمنىڭ بەلغەم بوشىتىش رولىمۇ بار، ھەمدە تاماكا چېكىش كەلتۈرۈپ چىقارغان نەپەس يولى ياللۇغى، قىچىشىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى ياخشىلايدۇ.
يۈرەك كېسەللىكى ـــ ئۈزۈمسىمان ئاپلېسىن
خولىستېرىننىڭ زىيادە يۇقىرى بولۇشى يۈرەك قان تۇمۇرلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ يۈرەك كېسەللىكى تارىخ بولغان بىمارلار بەدەن ئىچىدىكى خولستېرىننىڭ كۆرسەتكۈچىنى كونتىرول قىلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ئۈزۈمسىمان ئاپلېسىن بولسا تېبابەت ساھەسى ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولغان مېۋە، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تەبىئىي مېۋە يىلىمى بەدەندىكى خولېستىرىننى تۆۋەنلىتىپ، كۆپ خىل يۈرەك قان تۇمۇرى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مۇسكۇللار سوزۇلۇپ كېتىش ـــ ئاناناس
مۇسكۇللار سوزۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، توقۇلمىلار ياللۇغلىنىپ، قان ئايلىنىشى راۋان بولماي، يارىلانغان ئورۇن قىزىرىپ ئىشىپ ئاغرىيدۇ. ئاناناس تەركىبىدىكى ئاناناس ئاقسىل ئىنزىم تەركىبى ياللۇغنى قايتۇرۇپ، توقۇلمىلارنى تۈزەش رولىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىپ، قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، بۇ چاغدا ئادەم بەدىنى مېۋىگە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
