app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>ئىقتىساد>

جۇڭگولۇق باي غوجام 10 مىليون فوندستېرلىڭلىق iPhone 5 لايىھەلەتتى

ۋاقتى:2013-04-26 13:02مەنبە: يوللىغۇچى:كامىلە چېكىلىشى:قىتىم
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەلىك لايىھەلىگۈچى iPhone 5كە قارىتا لايىھەلەش ئېلىپ بېرىپ، سىرتقى قىسمىغا سېرىق ئالتۇن ۋە ئالماس قاتارلىق قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى قوشۇپ، ئۇنىڭ قىممىتىنى 10 مىليون فوندستېرلىڭ قىلىۋەتكەن. بۇ پۇلغا ئادەتتىكى كىشىلەر 64 گىگا بايتلىق iPhone 5دىن 14 مىڭنى سېتىۋالالايدۇ.

    دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، بۇنى بۇيرۇتقىنى بىر جۇڭگولۇق باي غوجامكەن، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئىنتايىن باي ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، ئىگىلىنىشىچە بۇ قىممەت باھالىق iPhone 5نىڭ كەينى قېپى ساپ ئالتۇندىن ياسالغان بولۇپ، ئاستىدىكى Homeكۇنۇپكىسىغا 26 تال ئالماس ئورنىتىلغان، كەينىدىكى ئالمىنىڭ Logoسىمۇ ئاق ئالتۇندىن ياسالغان. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

    لايىھەلىگۈچى مۇنداق دېدى: «پەقەت پۇلىڭىز بولىدىكەن، سىزگىلا خاس بولغان ئۆزگىچە iPhone 5لايىھەلەپ بېرىمىز. ئەلۋەتتە بۇ گەپتە پۇلىڭىزلا بولسا دېگەن ئالدىنقى شەرت نۇرغۇن كىشىنى بوسۇغىنىڭ سىرتىدا قالدۇرىدۇ. ئۇنداقتا پۇلىڭىز بولمىسىچۇ؟ بۇ لايىھەلىگۈچىنىڭ يەنە بىر ئېغىز سۆزى سىزنى تېخىمۇ چۆچىتىدۇ.

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

    «ئەگەر پۇلىڭىز 10 مىليون فوندستېرلىڭغا يەتمىسە، ھېچقىسى يوق، بىزنىڭ يەنە بىر شىركىتىمىز ئالتۇن ھەل بېرىلگەن ياكى ئاق ئالتۇندا iPhone لايىھەلەپ بېرەلەيدۇ، باھاسى 2695 فوندستېرلىڭدىن باشلىنىدۇ».

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

    2695 فوندستېرلىڭ؟ بۇ سان ئاڭلىماققا كىچىك بولغان بىلەن، بۇنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرساق 27 مىڭ يۈەن دېگەن گەپ. قارىغاندا بۇ دۇنيادا پۇلى يوق ئادەملەر ئاز قېلىۋاتقان ئوخشايدۇ.(تامام)مەنبە . شىنخۋا تور ى

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس