چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خان جەمەتى كونتروللىقىدىكى شىركەتنىڭ %95 پاي ھوقۇقىغا ئىگە سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى ئالۋالىد بىن تالاد فوربۇس ژورنىلىنىڭ ئېلان قىلغان دۇنيادىكى بايلارنىڭ رەت تەرتىپىدە ئۆزىنى ئارانلا 26-ئورۇنغا تىزىپ قويغىنىغا قاتتىق نارازى بولغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، فوربۇس ژورنىلى بۇ يىللىق بايلار رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن شاھزادە ئالۋالىدنىڭ ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، فوربۇس ژورلىنىنىڭ ئوخشىمىغان ئادەملەرگە ئوخشىمىغان ئىستاستىكىكا ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بايلىق ھېسابلىغانلىقىنى، شۇنداقلا شاھزادە ئالۋالىدنى قەستەن بايلار رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى ئوندىن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
فوربىس ژورنىلىنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئېلان قىلغان ماقالىسىگە قارايدىغان بولساق، شاھزادە ئالۋالىدنى تونۇشتۇرۇشقا مەسئۇل بولغان مۇخبىر كەررى دوللاننىڭ تەكشۈرگەن ئەھۋالىغا قارىغاندا، شاھزادە ئالۋالىدنىڭ بايلىقى 20مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا ئىكەن، ئەمما شاھزادە ئالۋالىدنىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ بايلىقى 29مىليارد 600مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ھازىرقى بايلار رەت تەرتىپىدە 10-ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك ئىكەن. يەنى ھازىرقى رەت تەرتىپىدە 10-ئورۇندا تۇرغان LV گۇرۇھىنىڭ خوجايىنى بىرنخارد ئارننولدنىڭ 29مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بايلىقىدىن ئاشقاچقا، شاھزادە ئالۋالىد بايلار رەت-تەرتىپىدە ئونىنچى ئورۇنغا تۇرۇشى كېرەك ئىكەن.
copyright by www.iz.la
شاھزادە ئالۋالىدنىڭ ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، شاھزادىنىڭ بۇ نەتىجىگە ناھايىتى نارازى بولغانلىقى شۇنداقلا فوربىس ژورنىلى بىلەن بارلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش توغرىسىدا پىلان تۈزۈپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شاھزادە ئالۋالىدنى تونۇشتۇرۇشقا مەسئۇل بولغان مۇخبىر كەررى دوللان بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ماقالىسىنى ئاقلىغان. ئۇ بۇ ماقالىدىكى 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قانداق كەلگەنلىكىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرگەن شۇنداقلا كۆپچىلىككە مۇنۇلارنى ئەسكەرتكەن: فوربىس ژورنىلى ئەزەلدىن مىليۇنېرلارنىڭ بايلىقى ۋە مال-مۈلكىنى ئۆز ئالدىغا باھالايدۇ، ژورنال دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بايلارنىڭ ساپ بايلىقىنى ھېسابلاشتا 27 يىللىق تارىخى بار، شەخسەن ئۆزەمنىڭ فوربىس ژورنىلى ئۈچۈن بايلارنىڭ ئىجتىمائىي كېلىپ-چىقىشىنى تەكشۈرگىنىمغىمۇ 19يىل بولۇپ قالدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
گەرچە كەررى دوللان ئۆزىنى شۇنچە ئاقلىغان بولسىمۇ، لىكىن فوربىس ژورنىلىنىڭ يېقىنقى ھەرىكىتىدىن قارىغاندا ئۇلار شاھزادە ئالۋالىدقا ئازراق باش ئەگكەن ئوخشايدۇ، يەنى فوربىس ژورنىلى ئۆزىنىڭ تور بىكىتىدە «شاھزادە ئالۋالىد ئالىيلىرىنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرمۇشى» ناملىق رەسىملەر توپلىمىنى ئېلان قىلغان. بۇ رەسىملەرنىڭ ئىچىدە شاھزادە ئالۋالىدنىڭ ئىچى سېرىق ئالتۇندىن زىننەتلەنگەن شەخسىي ئايروپىلاننىمۇ بار بولۇپ، بۇلار ئارقىلىق شاھزادىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بايلىقى نامايان قىلىنغان.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
فوربىس ھەتتا ئۆزىنىڭ ياخشى نىيىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بۇ رەسىملەر توپلىمىگە يەنە شاھزادە ئالۋالىدنىڭ فوربىس، بايلىق سورونى، ۋاقىت شۇنداقلا جىنىس دۇنيا رىكورتى قامۇسى قاتارلىق كىتاب-ژورناللار ئۈچۈن چۈشكەن مۇقاۋا رەسىملىرىنىمۇ كىرگۈزگەن. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
مەيلى شاھزادە ئالۋالىدنىڭ بايلىقى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەرەز، ئۇ بۇ قىتىم ئۆزىنى ناھايىتى ياخشى نامايەن قىلىۋالدى، فوربىس ژورنىلى كىلەر قىتىم بۇ ئاچچىقى يامان شاھزادىنىڭ بايلىقىنى ھىساپلىغاندا، چوقۇم بەكلا ئېھتىياد قىلىشى مۇمكىن.
مەنبە . جۇڭگۈ ئۇيغۇر رادىيۇ تورى
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
