نۆۋەتتە، بازاردا ئالتۇننىڭ باھاسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەنلىكتىن، ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن چوڭ-كىچىك ئالتۇن دۇكانلىرى ئالتۇن سېتىۋالغىلى كەلگەن خېرىدارلار بىلەن لىق تولدى. copyright by www.iz.la
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۆت سودا بازاردىن ئىگىلىشىچە، 15-ئاپرېلدىن 16-ئاپرېلغىچە، ھەر گىرام ئالتۇننىڭ باھاسى 430 يۈەن ئەتراپىدىن 359 يۈەنگە چۈشكەن، ھەتتا، بەزى ماركىدىكى ئالتۇنلارنىڭ گىرامى 283 يۈەنگە چۈشكەن. ئالتۇن باھاسىنىڭ بۇنداق چۈشۈپ كېتىشى بىلەن، نۇرغۇن كىشىلەر بەس-بەس بىلەن ئالتۇن سېتىۋېلىشقا باشلىغان.
مۇخبىرنىڭ ئالتۇن دۇكانلىرىدىن ئىگىلىشىچە، ئالتۇن سېتىۋالغىلى كەلگەنلەر ئىچىدە ماي بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە توي قىلىشقا پۈتۈشكەن شۇنداقلا ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان نۇرغۇن ئاشىق-مەشۇق بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى بۇرۇنقىدىن %20~%30 ئاشقان.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
