لاتارىيە ئېلىپ نەچچە مىليون مۇكاپاتقا ئېرىشىش ھەممىلا ئادەمدە بولىدىغان بىر ئارمان بولسا كېرەك؟ تۆۋەندىكىسى، مەلۇم بېرەيلەننىڭ لاتارىيەدە 5 مىليون مۇكاپات چىققاندىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدىكى كەچۈرمىشلىرى قېنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى:
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
21:30: لاتارىيە تارقىتىش مەركىزىگە 10 نەچچە قېتىم تېلېفون قىلىپ مۇكاپات ئۇسۇلنى سورىدىم، بىراق مۇلازىمەتچى قىزچاقنىڭ ئەگەر ئەمدى تېلېفون قىلىدىغان بولساڭ 110 غا تېلېفون قىلىپ، ئۈستىڭدىن ئەرز قىلىمەن دېگىنىنى ئاڭلاپ تېلېفوننى ئامالسىز قويۇۋەتتىم.
22:30: تېلېۋىزىيە ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ، مۇكاپات نومۇرىنى ئاچقان بۇرادەرنىڭ تېلېفون نومۇرىنى سورىدىم، بىراق تېلېفوننى ئالغان قىزچاققا ھېچقانداق ئامال كارغا كەلمىدى.
22:40: خۇشاللىقىمدا ئاپامغا تېلېفون قىلىپ بۇ ئەھۋالدىن ئاپامنى خەۋەردار قىلدىم، بىراق ئېرىشكىنىم، ئاپامنىڭ تېلېفون تۇرۇپكىسىنى ئالا-ئالماي تۇرۇپلا «ۋاي جېنىم بالام، باي بولىمەن دەپ ساراڭ بولۇپ قاپسەن» دېگەنلىرى بولدى.
23:00: ئاخىرى ئىشەنمەي، چۈشۈممۇ ئوڭۇممۇ دەپ ئۆزۈمنى چىمداپ باقتىم، نەتىجىدە يېرىم سائەتكە بارماي پۈتۈن بەدىنىم كۆكىرىپ كەتتى.
23:30: ئامالسىز ھېچنېمىنى ئويلىماي ئۇخلىماقچى بولدۇم، بىراق ئۇخلاش ئەمەس، كۆزۈمنىمۇ يۇمالمىدىم. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
24:00: كېچىدە ئۇيقۇم كەلمەي ئازراق بولكا يېدىم، ئاندىن كېيىن كۆزلىرىم ئاستا-ئاستا ئۇيقۇغا كېتىپتۇ، شۇ ئاخشىمى تېخى يەنە 10 مىليون چىقىپ چۈش كۆردۈم. ئىز تورى www.iz.la
4:00: ئەتتىگەندە سەھەردىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم، سائەتكە قارىسام تېخى ئەمدىلا 4 بوپتۇ، نېمانچە بالدۇر تۇرىۋالغاندىمەن؟ ئاخشام يېگەن بولكا ساختا ئوخشىمامدۇ؟ ھەي ھايانكەش بولكىچىلار… ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
4:30: بۇ سەھەردە نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى بىلمىدىم، شۇنىڭ بىلەن زېرىكىش ئىچىدە ئالدىنقى قىز دوستۇمغا تېلېفون قىلدىم، نەتىجىدە قىز دوستۇمدىن «سەندەك ئادەمگە لاتارىيەدە مۇكاپات چىقىش نىسبىتى خۇددى سېنى ئاقار يۇلتۇز سوقۇۋەتكەنگىلا ئوخشاش نۆل، تاڭ سەھەردە خام-خىيالنى ئاز قىل!» دەپ تەربىيە ئاڭلىۋالدىم. www.iz.la
6:30: قارىسام ۋاقىت يەنە باركەن، ئامالسىز تېلېۋىزورنى ئاچتىم، بىراق بۇ سەھەردە پروگراممىلارنىڭ تايىنى يوق ئىدى، گىژىلدىغان تېلېۋىزورغا قاراپ ھىجىيىپ ئولتۇرۇپ تاڭ ئاتقۇزدۇم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
7:30: تاكسىغا ئولتۇرۇپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش ئۈچۈن يولغا چىقتىم، بىراق يېرىم يولدا يانچۇقتىكى پۇلنىڭ يەتمەيدىغانلىقىنى بايقاپ، ئامالسىز تاكسىدىن چۈشۈپ ئاپتوبۇسقا ئولتۇردۇم.
ئىز تورى بەك ياخشى
8:00: ئاپتوبۇستا خىيال سۈرۈپ كېتىۋاتسام خوجايىنىمدىن تېلېفون كەلدى، بۈگۈن ماڭا نەدىن كەلگەن جۈرئەتكىن بىلمىدىم، تۇنجى قېتىم خوجايىننىڭ گېپىنى ياق دەپ رەت قىلدىم ۋە ئۆزۈمنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويدۇم. نەتىجىدە خوجايىنىم مېنى تەپەككۇرى ئوچۇق، يوشۇرۇن قابىلىيىتى زور دەپ ماختاپ كەتتى! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
8:30: لاتارىيە مەركىزىدە تۈنۈگۈن گېپىمگە ئىشەنمەي ماڭا تەھدىت سالغان قىزغا ئۇچراپ قالدىم، قىزچاق مەندىن قايتا-قايتىلاپ كەچۈرۈم سوراپ كەتتى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىنكى پسىخىك ھالەتنى تەڭشەش ئۈچۈن، داڭلىق پسىخىك دوختۇرلىرىغا كۆرۈنۈشۈمنى ئالاھىدە تاپىلىدى ۋە ئۇلارنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئاتايىتەن يانفونۇمغا كىرگۈزۈپ بەردى.
9:00: لاتارىيە مەركىزىدە مۇكاپات چىققانلىقىنى تۇللۇق جەزملەشتۈردۈم، خۇشاللىقىمدا لاتارىيە مەركىزىنىڭ مۇدىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ ئۆكسۈپ يىغلاشتۇق. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
9:30: قائىدە بويىچە رەسمىيەت بېجىردىم، بىراق بىر مىليون باج تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ «ھە؟!» دەپ قاتتىقراق توۋلاپ قويغىنىم ئۈچۈن ئېڭىكىم چۈشۈپ كەتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
10:30: باشقىلار خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن پۇل ئىئانە قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئېچىلىپ قالغان ئاغزىمنى ئىتتىكلا يۇمۇۋالدىم، نەتىجىدە چۈشۈپ كەتكەن ئېڭىكىم دوختۇرخانىغا بارماي تۇرۇپلا ساقىيىپ كەتتى. copyright by www.iz.la
10:30: بانكىغا پۇل قويۇش شەرتلىرىنى دېيىشتىم شۇنداقلا 10مىڭ يۈەنلىك تەڭگە پۇل ئېلىپ ئويناپ بېقىش تەلىپىم ماقۇللىققا ئېرىشتى.
11:00: قولۇمدا 3مىليون 990مىڭنىڭ بانكا چېكى تۇراتتى، پۈتۈن بەدەنلىرىم تىترەشكە، چىرايلىرىم ئاقىرىپ ھوشىدىن كېتىشنىڭ ئىپادىلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئاقىۋەت لاتارىيە مەركىزىدىكى خادىملارنىڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا ئۆيۈمگە بېرىۋالدىم ۋە ئۇلارنى تاماققا تەكلىپ قىلمىساممۇ بولىدىغانلىقىنى، ياخشى ئارام ئېلىشىم كېرەكلىكىنى ئاڭلىدىم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
13:00: تۇيۇقسىز ئامەت كەلگەندە ئانچە مۇنچە سەدىقە قىلىۋېتىشتەك گەپ سۆزلەرنىڭ بارلىقى ئېسىمگە كەلدى، شۇنىڭ بىلەن سىرتتىن 100 نەپەر تىلەمچىنى تېپىپ ھەر بىرىگە 1 يۈەندىن بەرمەكچى بولدۇم، بىراق ئارىسىدىكى غۇرۇرى سەل كۈچلۈك %7 تىلەمچى تەرىپىدىن رەت قىلىندىم. ئىز تورى بەك ياخشى
21:30: تېلېفونىم تۇيۇقسىز سايراپ كەتتى، ئېكراندا كۆرۈنگىنى ئالدىنقى قىز دوستۇمنىڭ نومۇرى ئىدى. ئۇ تېلېفوندا ئاۋازىنى ئەمدى 18كە كىرگەن چاغدىكىدەك چىقىرىپ، مېنى ئاقار يۇلتۇزنىڭ سوقۇۋەتكەنلىكىنى بىلگەنلىكىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى. ئۇلۇغ كىچىك تىنىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا دۇنيادا ھەرقانداق ئىشنىڭ يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ۋە باشقا يىگىتلەرگە ياخشىراق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا تەربىيە قىلىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتىم تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
مەنبە . جۇڭگۈ ئۇيغۇر رادىيۇ تورى
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
