app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>ئىقتىساد>

شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىدا بۇ يىل ياخشى ۋەزىيەت كۆرۈلمەكتە

ۋاقتى:2013-04-22 17:20مەنبە: يوللىغۇچى:كامىلە چېكىلىشى:قىتىم
ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى

    2013-يىلى 1-پەسىلدە شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 119 مىليارد 32 مىليون يۈەنگە يېتىپ، باھاغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا، ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 10.3 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 2.6 يۈز نۇقتىسىدىن يۇقىرى تۇرغان، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى 16-ئورۇندىن 12-ئورۇنغا ئۆرلىگەن.

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 19-ئاپرېل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 2013-يىلى 1-پەسىلدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىشتىكا ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، ئاخبارات باياناتچىسى ۋاڭ يۆ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ بۇ يىلقى ۋەزىيىتى ئىنتايىن ياخشى. ئېشىش سۈرئىتى، قۇرۇلمىلارنى تەڭشەش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان، سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، بۇنى بىر ياخشى ۋەزىيەت، مۇقىملىق ئىچىدە ئالغا ئىلگىرىلەش دېيىشكە بولىدۇ.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى پەن يۈجېن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى
مەنبە . تەڭرىتاغ  ئۇيغۇر  تور ى
ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس