app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>ئىقتىساد>

ھازىر ئالتۇننىڭ يەنە مەبلەغ سېلىش قىممىتى بارمۇ-يوق؟

ۋاقتى:2013-04-22 13:09مەنبە: يوللىغۇچى:kamiLA چېكىلىشى:قىتىم

 

copyright by www.iz.la

تايلاندلىقلار ئالتۇن تالاشماقتا، ھىندىستانلىقلار ئالتۇن سېتىۋىلىش بىلەن ئالدىراش بولماقتا...مانا بۇلار ئالتۇن باھاسى قاتتىق چۈشكەندىن كىيىن، ئالتۇن سېتىۋىلىش ئەنئەنىسى بار بولغان دۆلەتلەردە كۆرۈلگەن ئالتۇن تالىشىش مەنزىرىسى، نۇرغۇن ئالتۇن دۇكانلىرى ئادەمگە لىق تولدى، بىر قىسىم كىچىكرەك ئالتۇن دۇكانلىرىدا بولسا مال ئۈزىلىپ قالدى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

2011-يىلى 9-ئايدا رېكورت يارىتىلغان بىر ئۇنسىيە 1923.70 ئامېرىكا دوللىرى باھانى تەقلىد قىلساق، ھازىرقى ئالتۇن باھاسى %28 چۈشتى. ئىستاستىستىكا قىلىنىشىچە، دۇنيادىكى مەركىزىي بانكىلار ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بۇنىڭ بىلەن 560مىليارد ئامېرىكا دوللىرى زىيان تارتقان، سودا ئورۇنلىرىدىكى ئالتۇنغا ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنىڭ قىممىتى 37مىليارد 200مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى، ئالتۇن فوندىنىڭ قىممىتى 11مىليارد 200مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى ئازلاپ كەتكەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

بۇ نۆۋەتلىك باھا چۈشۈشنىڭ سەۋەبى سىپرۇسنىڭ ئالتۇن سىتىش ئارقىلىق قەرز قايتۇرغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن، سىپرۇسنىڭ پەقەت 13.9 توننا ئالتۇنى بار، ئەمما مەبلەغ سالغۇچىلار 2451.8 توننا ئالتۇن زاپىسى بار ئىتالىيە، گىرىتسىيە، پۇرتوگالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەركىزي بانكىسىنىڭ سىپرۇستىن ئۆگىنىشىدىن ئەنسىرىمەكتە.

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

ئالتۇن بىر دۆلەت مەركىزىي بانكىسىنىڭ «قۇتقۇزغۇچى گۆھىرى»، ئامالسىز قالمىغاندا ھىچكىم ئۇنى بازارغا سالمايدۇ. باش ئورگىنى ئەنگىلىيەگە جايلاشقان دۇنيا ئالتۇن جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، دۇنيادا ھازىر تەخمىنەن 165مىڭ توننا ئالتۇن زاپىسى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەشتەن بىر قىسمى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەركىزىي بانكىسى ۋە خەلقئارا تەشكىلارنىڭ قولىدا ئىكەن. شەخسلەرنىڭ قولىدىكى ئالتۇن زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرى نۆۋەتتە دۇنيا ئالتۇن ئومومىي زاپىسىنىڭ %60ى ئىگەللەيدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ھىندىستان بىلەن جۇڭگو ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىستىمال بازىرى ئىكەن. بۇلاردىن باشقا، يەنە جانلىق ئالتۇن پۇل-مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى مەبلەغ سىلىش بازىرى شۇنداقلا تېخنىكىلىق ئالتۇن ئىشلىتىش بازىرى بار. ئەلۋەتتە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالتۇن كانلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز تەمىنلەش مىقدارىنى ئاشۇرماقتا. www.iz.la

ھۆكۈمەت زاپىسىدا بولسا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە %15 ھۆكۈمەت زاپىسى ئالتۇن، لىكىن بۇ نىسپەتتە پەرق يەنىلا چوڭ. تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ قولىدىكى ئالتۇن بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئادەتتە %40دىن ئارتۇق تاشقى پرۇۋۇت زاپىسى ئالتۇن، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەر ئالتۇن بىرلىكى تۈزۈمى دەۋرىنى باشتىن كەچۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئالتۇن زاپىسى تاشقى پرۇۋۇت زاپىسىنىڭ %5گىمۇ بارمايدۇ. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بازىرى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تىز تەرەققىي قىلىپ، ئالتۇن زاپاس مىقدارىنى ئاشۇردى. نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالتۇن زاپاس مىقدارى 8133.5 توننا بولۇپ، دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، جۇڭگو ئالتىنچى ئورۇندا بولۇپ، ئالتۇن زاپاس مىقدارى 1054.1توننا. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئادەتتە، ئالتۇن ئادەتتىكى تاۋار ۋە پۇل بولۇشتەك قوش خۇسۇسىيەتكە ئىگە دەپ قارىلىدۇ. 21-ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈشىدە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ كەمچىل بولغانلىقى، پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى، ياۋرۇپا قەرز كىرزىسىنىڭ داۋاملىق يامرىششى قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن، بىر قىسىم كىشىلەر ئالتۇن ئەڭ بىخەتەر مۈلۈك قىممىتى ۋە پۇل-مۇئامىلە خىيىم-خەتىرىدىن ئۆزىنى ئېلىپ قىچىش ئۇسۇلى دەپ قارىدى. ئالتۇنغا ئائىت مەبلەغ سىلىش مەھسۇلاتلىرى كۈنسىرى كۆپەيدى، ساپ ئالتۇن، قەغەز ئالتۇن، نەق مال، قەرەرلىك مال، قەرەرلىك ھوقۇق، سودا ئورۇنلىرىدا سودىلىشىشدىغان ئالتۇن فوندى قاتارلىقلار ناھايىتى مول مەبلەغ سىلىش بازىرى شەكىللەندى. جانلىق بازار ئۆتۈپ كەتكەن شانلىق 12يىللىق ئالتۇن ئىتتىك بازىرىنى بارلىققا كەلتۈردى.

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

ئۇنداقتا ھازىر ئالتۇننىڭ يەنە مەبلەغ سېلىش قىممىتى بارمۇ؟ بىر خىل قاراشتىكىلەر ئالتۇن ھەۋەسكالىرى دەپ قارالدى، بۇ خىل قاراش 2008-يىلىدىكى دۇنيا پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىدىن كىيىن كەڭ تارقالغان، ئۇلار ئالتۇن ئۇزۇن مەزگىلگىچە مەبلەغ سىلىش قىممىتىنى ساقلايدۇ، ئىقتىساد كاساتلىشىۋاتقان مەزگىلدىكى بىردىنبىر كاپالەت، ئامېرىكا فېدراتسىيە زاپاس سىستىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ بۇرۇنقى ئالتۇن بىرلىكى تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندە، ھەممە ئىش جايىدا بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمما تارىختىن قارىغاندا، ئالتۇنمۇ مۇتلەق بىخەتەر ئەمەس. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلىگەندىن كىيىن قاتتىق چۈشۈپ كەتكەن، ئەينى ۋاقىتتا ئالتۇننىڭ ئەمەلىي باھاسى ئۈچتەن ئىككى قىسىمدىن كۆپرەك چۈشكەن. يەنە بىر خىل قاراشتىكىلەر، ئالتۇن كرېدىت پۇلىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ دەپ قارايدۇ. كېينېس ئالتۇن بىرلىكى تۈزۈمىنى «ئىپتىدائىي دەۋردىن قىلىپ قالغان ئادەت» دەپ ئاتىغان، ئۇ بىر خىل زىبۇ-زىننەت خارەكتىرلىق مىتال بىلەن زامانىۋىي سانائەت جەمئىيىتىنىڭ بايلىقىنى چەكلەش بىمەنىلىك دەپ قارىغان. سورۇسمۇ 2010-يىلى ئالتۇن ئەڭ ئاخىرقى كۆپۈك مۈلۈك دېگەن. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

دۇنيا ئىقتىساد كۆلىمى ناھايىتى چوڭ، سودا ھەرىكىتى ناھايىتى جانلىق بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئالتۇن ئاللىقاچان پۇل بولۇشتەك خۇسۇسىيىتىدىن قالدى. ئالتۇن باشقا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلارغا ئوخشاش پەقەت مەبلەغ سىلىش مەھسۇلاتى، ساقلاش، زىننەت بۇيۇملىرى، تېخنىكىلىق قوللىنىش قاتارلىق ئىقتىدارى بار. مەبلەغ سىلىش بولغانكەن، پايدا زىيان بولىدۇ، ئالتۇن ناھايىتى ياخشى سېتىلماقتا، مەبلەغ سالغۇچىلار چوقۇم سەگەكلىكىنى ساقلىشى كىرەك.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مەنبە  .  جۇڭگۈ  ئۇيغۇر رادىيۇ  تورى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس