app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>ئىقتىساد>

لاتارىيە رىۋايىتى توغرىسىدا

ۋاقتى:2013-04-18 12:43مەنبە: يوللىغۇچى:كامىلە چېكىلىشى:قىتىم

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

لاتارىيە دېگەن ئاجايىپ نەرسىكەن، 10 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئويناپمۇ بىرەر قېتىم تۈزۈكرەك مۇكاپات چىقىپ باقمىغانلارمۇ بار ئىكەن، يەنە شۇنداق تەلەيلىك ئادەملەرمۇ بىر چوڭ مۇكاپات بار دەپ ئويلاپلا بىر نەچچە يۈەنلىك لاتارىيە ئېلىپ قويسا راست مۇكاپات چىقىپ بىر كېچىدىلا بىرەر مىليارد، بىرەر مىليون ياكى يوق دېگەندىمۇ بىرەر يۈزمىڭ يۈەننىڭ ئىگىسى بولۇپ قالىدىكەن، خۇددى چۈش كۆرگەندەكلا. لاتارىيە ئوينايدىغانلارنىڭ ئىچىدىمۇ ھەرخىل ئادەملەر بولىدىكەن، بايلار، گادايلار، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، دوختۇرلار...ۋەھاكازالار. ھەتتا ھېچ ئىش قىلماي كۈنلەپ-كۈنلەپ لاتارىيە دۇكىنى ياكى لاتارىيە تور بېكەتلىرىدىن چىقماي تەھلىل قىلىدىغانلارمۇ بولىدىكەن. مېنىڭ ئەتراپىمدىمۇ شۇنداق لاتارىيە ھەۋەسكارلىرىدىن بىر قانچىسى بار، ئۇلارنىڭ تارىخمۇ ئانچە قىسقا ئەمەس، لېكىن ھازىرغىچە بىرەر قېتىم چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرگۈدەك مۇكاپات چىقىپ باققانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ئاندىن لاتارىيە ئوينايدىغانلار ئارىسىدا ھەر خىل گۇرۇپپىلار بولىدىكەن، مەسىلەن : ئاتا-بالا، ئانا-بالا(قىز بالا)، ئاشىق-مەشۇق، ئەر-ئايال، دوست...دېگەندەك. بۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ئاجايىپ ئادەم ھەيران قالغۇدەك رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن. بۈگۈن بىز تۆۋەندىكى بىر قانچە لاتارىيە رىۋايەتلىرىگە قاراپ باقايلى:

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


1-رىۋايەت: ئاتا-بالا ئوخشاش ساندا بىر مىليون 370 مىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

بۇ ئاتا-بالا ئېرىشكەن بۇ مۇكاپات 2-دەرىجىلىك مۇكاپات بولۇپ، لاتارىيە بېلىتىنى ئوغلى ئالغان. ئوغلىنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، مۇكاپات چىققان نومۇرلارنى ئوغلى تاللىغان بولۇپ ئىزچىل ئوخشاش نومۇرنى ئېلىۋاتقىلى 5 يىل بولغانىكەن. سېتىلىشتىن توختايدىغان كۈنى ئاتىسى ئوغلىغا تېلېفون بېرىپ ئۆزىگە لاتارىيە بېلىتى ئېلىپ قويۇشنى تاپىلىغان، لېكىن قايسى ساننى ئېلىشنى ئېيتمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئوغلى ئۆزى ئالغان ساندىن ئوخشاش قىلىپ 5 نى ئېلىپ قويغان. مۇكاپات ئېچىلغان كۈنى كەچتە ئۇلار بىرلىكتە مۇكاپات ئالغىلى كەلگەن. ئاتىسى: «گەرچە كۈندە بىر ئۆيدە ياشاۋاتقان بولساقمۇ كۈتۈلمىگەن زىددىيەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مۇكاپاتنى ئايرىم ئېلىشنى ئويلاشتۇق، مەن بۇ پۇللارنى ساقلاپ قويىمەن، ئاخىرىدا بۇ پۇللار يەنىلا بالىلىرىمنىڭ بولىدۇ. » دېگەن.

copyright by www.iz.la

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

2-رىۋايەت: ئاتا-بالا بىرلىشىپ لاتارىيە ئويناپ 5 مىليون مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

2010-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ مەلۇم بىر مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش زالى ئاتا-بالىدىن تەشكىل تاپقان لاتارىيە گۇرۇپپىسىنى قارشى ئالدى، چۈنكى ئۇلار 5 مىليون مۇكاپاتقا ئېرىشكەنىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

بۇ ئاتا-بالىنىڭ فامىلىسى سۈن بولۇپ، شۈجۇلۇق ئىكەن. سۈن فامىلىلىك بۇ ئاتا لاتارىيە ئويناۋاتقىلى 10 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان كونا لاتارىيەچى ئىكەن. ئەمما ئوغلى ئەسلىدە بۇنداق ئىشلارغا قىزىقمايدىغان بولۇپ، ئاتىسىنىڭ تەسىرىدە ئويناۋاتقىلى ئەمدى ئۈچ يىل بولغان «يېڭى ئۆگەنچى » ئىكەن. كۆپىنچە ھالدا ئوغلى تاللىغان نومۇرلارنى ئاتىسى كۆرۈپ ئانچە-مۇنچە پىكىر-تەكلىپلەرنى بېرىپ تۇرىدىكەن، 5 مىليون مۇكاپات چىقىشنىڭ ئالدىدا ئوغلى ئالغان بىر قانچە ساندا ئاز بولسىمۇ مۇكاپات چىقىپ تۇرغان بولغاچقا ئاتىسىنىڭ خۇي سەل تۇتۇپ ئوغلىغا كىم كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدۇ دەپ جەڭ ئېلان قىلغان، نەتىجىدە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئاتا-بالا ئىككىسى ئۆزلىرى تاللىغان نومۇرلار بويىچە 5 مىليون مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئىز تورى بەك ياخشى
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

3-رىۋايەت: ئاتا-بالا ئۈچەيلەن بىرلىشىپ 6 مىليون 720 مىڭ فوندستېرلىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئەنگلىيەلىك ئاتا-بالا ئۈچەيلەن : ئاتىسى لېس، ئاكسى32 ياشلىق ئىئان ۋە ئىنىسى 28 ياشلىق مارك ئىزچىل بىرلىشىپ لاتارىيە ئوينىغان. ئۇلار ئاخىرى 6 مىليون 720 مىڭ فوندستېرلىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ 2 مىليون 240 مىڭدىن بۆلۈشكەن. ئىئان تېلېۋىزوردىن مۇكاپات چىققانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن تازا ئىشىنىپ كېتەلمەي ئىنىسىغا تېلېفون قىلغان. ئىنىسىمۇ ئىشەنمەي ئاخىرى لاتارىيە نەقلەشتۈرۈش مەركىزىگە تېلېفون بېرىپ ئاندىن كۆڭلى خاتىرجەم بولغان. ئۇلار بېلەتنى بىر ئەسكى پىرەنىك قۇتىسىدا ساقلايدىغان بولۇپ، مۇكاپات چىققاندىن كېيىن بىرەر ئىش بولۇپ قالمىسۇن دەپ مەخسۇس كۆزەتكەن ۋە دائىم ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ تۇرغان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاكسى ئىلگىرىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ ئىنىسىنىڭ سودىسىغا قارىشىپ بېرىشكە قوشۇلغان. مارك: « راستىنى ئېيتسام ئاكامغا قوش خۇشاللىق بولدى، بىرى ئۇ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتى، يەنە بىر بولسا بۇ يىل 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۇلارنىڭ توي قىلغان خاتىرە كۈنى ئىدى. ئاكامنىڭ ئىككى بالىسى بار، ئۇلار ئەمدى يېڭى ئۆيگە، يېڭى ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتىغا ئېرىشىدۇ. » دېدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

4-رىۋايەت: دەھشەت ئاتا-بالا! ئىككى يىلدا جەمئىي 15 مىليون 480 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

11075-ساننىڭ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش مەيدانىدا لاتارىيە مەركىزىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى بىر كىشى قورقۇتۇۋەتكەن. ئۇ كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى 7 مىليون 240 مىڭ يۈەن مۇكاپات ئېلىشى ئۇنىڭ 1-قېتىم مۇكاپات ئېلىشى ئەمەسكەن. ئالدىنقى يىلى ھازىرقىدىن كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ مۇكاپات سوممىسى 8 مىليون 240 مىڭ يۈەن ئىكەن. بۇ كىشىنىڭ فامىلىسى ئىلى بولۇپ، ئۇ دائىم ئاتىسى بىلەن ئۆيىدە لاتارىيە توغرىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىكەن.

مەنبە . جۇڭگۈ ئۇيغۇر ردىيۇ تورى

ئىز تورى بەك ياخشى

ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس