app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>ئىقتىساد>

جۇڭگونىڭ پۇل تەمىنلەش مىقدارى تۇنجى قېتىم نەچچە يۈز تىرىليوندىن ئېشىپ كەتتى

ۋاقتى:2013-04-26 13:00مەنبە: يوللىغۇچى:كامىلە چېكىلىشى:قىتىم
مەركىزى بانكا يېقىندا ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 3-ئاينىڭ ئاخىرغىچە، جۇڭگونىڭ پۇل تەمىنلەش مىقدارى 103 تىرىليون 610 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.7 ئاشقان، تۇنجى قېتىم 100 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلىغان. 2002-يىلنىڭ بېشىدىكى 16 تىرىليون يۈەنگە سېلىشتۇرغاندا، 10 نەچچە يىلدا جۇڭگونىڭ پۇل تەمىنلەش مىقدارى 6ھەسسە كۆپەيگەن.

    2013-يىلى ئىككى يىغىن مەزگىلىدە بېرىلگەن ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا، مال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم ساقلاپ باشتىن ئاخىرى ماكرولۇق تەڭشەشنى مۇھىم نىشان قىلىش، پۈتۈن بىر يىلدا مال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتىنى %3.5 ئەتراپىدا تىزگىنلەش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئىز تورى بەك ياخشى

    دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىشىچە، 2013-يىلى 3-ئايدا، پۈتۈن مەملىكەتتە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.1 ئۆرلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، يېمەكلىك باھاسى %2.7 ئۆرلىگەن.(تامام) مەنبە  . شىنخۋا تورى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس