ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،تىمامغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقڭلارغا مەرھابا.ئەر ئاياللارنىڭ قايسى يېشىدا سىرتقا قاراپ قېلىش نىسبىتى يۇقىرى؟
ئىز تورى www.iz.la
ئىز تورى بەك ياخشى
سىنگاپوردىكى بىر ئائىلە ئىشلىرى ۋە ئۆسمۈرلەر ئەدلىيە مەركىزىنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتىن ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 40، ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 37 گە يەتكەندە مەسىلە كۆرۈلۈپ، ھەر ئىككى تەرەپ ئېھتىيات قىلمىسا، ناھايىتى ئاسانلا «رېلىس» تىن چىقىپ كېتىدىكەن. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا تالاغا قاراپ قالىدىغان، ھەتتا ئاجرىشىدىغان ئىشلار كۆرۈلىدىكەن. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا 10 يىلدىن ئاشقان شېرىن تۇرمۇشنىڭ تەمى قالمايدىغان بولۇپ، ئاسانلا ھېسسىيات جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلىدىكەن. بۇنداق ۋاقىتتا، ئەر-ئاياللار كەلگۈسىنى ئويلىمىغاندا، سەبىي بالىلارنى يېتىم قېلىشتەك يامان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدىكەن.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
. شاڭخەي شەھەرلىك 10- دوختۇرخانىنىڭ جىنس پىسىخولوگىيەسى دوختۇرلىرىنىڭ قارىشىچە، ئەرلەر 40 ياشتا، ئاياللار 37 ياشتا خۇددى كۆرۈنۈشتە ناھايىتى ئامراقتەك تەسىر بەرگەن بىلەن ئىچكى جەھەتتىن بىر خىل بىزارلىق كەيپىياتى شەكىللىنىدىكەن.
تويدىن كېيىنكى ئۈچ يىل ئۆز ئارا سۈركىلىش مەزگىلى، يەتتىنچى يىلى كىرىزىس مەزگىلى، 10-يىلى بولسا بۇرۇقتۇرما بولۇش مەزگىلى ئىكەن. تويدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە كەڭ قورساق بولۇشى، كىچىك ئىشلارنى تەگەپ يۈرمەسلىكى كېرەك ئىكەن. يەتتىنچى يىلدىكى كىرىزىس مەزگىلىدە بولسا، ھەر ئىككى بىر-بىرىگە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، گەپ-سۆز ۋە ھەرىكەتكە دىققەت قىلىشى كېرەك ئىكەن. 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ھەر ئىككى تەرەپ مۇھەببەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئائىلىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىشى كېرەك ئىكەن. ئىز تورى www.iz.la
دېمەك، مۇشۇ ئارىدىكى خەتەرلىك مەزگىلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈۋالغاندىن كېيىن، نىكاھ تۇرمۇشىدا غەيرىي ئەھۋاللار ئانچە كۆپ كۆرۈلمەيدىكەن.
مەنبەسى:ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
