بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئەركەك ئايالىغا ئەستايىدىل ئىشەنچتە بولسا ، ئايال شۇنچىلىك دىققەت قىلىپ . ئۆزىنى قەرىزدار ھېس قىلىشقا باشلايدىكەن ، بۇ ئىشەنچىنى نېمە بىلەن تەقدىرلىسەم بولار ، دېگەن تېپىرلاش بىلەن ياشايدىكەن ، نۆۋەتتىكى شېئىرىي توپلىمىم چىقىدىغان بولدى . ۋە قول يازمىنى تاش كەنتىكە ئۆمۈر يولدىشىم ئېلىپ بارىدىغان بولدى ، قەغەز ئورامىنى قولۇمىدىن ئېلىۋېتىپ ، << نېمىشقا بۇنىڭ ھەجىمى كىچىك ؟ >> دېدى ( مۇھەببەت ھەققىدىكى شېئرىلىرىمىنى ئايرىپ قالدۇرىغان ، ھەر نېمە يازسام . بىرىنجى بولۇپ شۇ كىشىگە ئوقۇپ بېرىمەن ، شېرىنى ناھايىتى ياخش چۈشنىدۇ ئەمما مۇھەببەت ماۋزۇسىدىمۇ يېزىۋاتامىسز ياكى يازغىنىڭىز قېنى ، دەپ سورمىغان ) . << يېشىم چوڭ بولۇپ قالدى . مۇھەببەت ھەققىدىكىلىرىنى قوشمىدىم >> دېدىم << بېكار ئېيىتىۋاتىسىز ، قېنى دەرۇر قوشۇپ قويۇڭچۇ ، شۇنچە مېھنەت قالامدۇ ؟ >> ۋە ئۇلارنىمۇ ئېلىپ كەتتى . مەلۇمكى. شېئىر ئاشكار - مىنھان دەردى ئارمان - ئىستەك دېگەنلىك ! ھەممە مالالى شۇ كىشىگە بولدىغان گەپلەر بولۇشى مومكىن .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
كىتابلىرىم چىقىتى . ئۇ كىشىنىڭ بىر ئاز ئويچان بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىمەنكى ! ئۇنى ئىنچىكلەپ ئوقۇپ چىققان . << قانداق بوپتۇ ، دادىسى ؟ >> دەيمەن . كىتابىنىڭ ھەممە تەرىپىدىن كۆڭلۇمىنى كۆتۇرۇدىغان ئىزھارلارنى بېىردۇ . ئەمما مۇھەببەت ماۋزۇسىدىكى شېئىرلار خۇسۇسىدا لام - جىم دېمەيدۇ ، گويا ئۇلارنى ئوقۇمىغاندەك . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئەنە شۇنداق پەيىتلەردە مىنىڭ ئىچ- ئىچىمىدىن ئىزتىراپ چەككىنىمىنى بىلسىڭىز . ئايالىنىڭ پېئىل تېپىشماق . ئەنە شۇ كۆڭۇل خۇسۇسىدا ئەركىكى تەۋرىسە ، ئۇنى يامان كۆرۇپ نېرى بولۇۋېرەر ئىكەن . ئەگەر بىپەرۋا بولسا ، جۈپىتىگە تەلپۈنۈپ كېلىۋېرەركەن ............. www.iz.la
مەنبە يېنىڭىدىكى بەخت .
