app دېتالى

ئائىلە ۋە ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى

ۋاقتى:2013-04-16 19:24مەنبە: يوللىغۇچى:كامىلە چېكىلىشى:قىتىم

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

 يېقىندىن بۇيان ئىجتىمائىيىتىمىزدە ئۇچراۋاتقان بەزى مەسىلىلەر مېنى ئائىلە ۋە ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەققىدە ئويلاندۇرۇپ قويدى.

ئىز تورى www.iz.la

    ئەقلىمنى بىلسەم، ئىككى ئىنىم تۇغۇلغىچە دادام ئائىلىمىزدە بىردىنبىر ئەر ئىدى. دادامنىڭ خىزمىتى سىرتتا بولغاچقا، بەزىدە ھەپتىلەپ ئۆيگە قايتالمايتتى. ئۆيدە بولسىلا ئانامغا ياردەملىشىپ ئائىلىنىڭ ئېغىر - يېنىك ئىشلىرىنى قىلىشاتتى. دادام يوق ۋاقىتلاردا ئانام بىزگە ھەم ئانا ھەم دادا بولۇپ، ئائىلىنىڭ ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرەتتى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئائىلە بىلەن سىرتنىڭ ئىشلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئائىلە ۋە خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، خىزمەتتە ئۇتۇققا، ئائىلىدە بەختكە ئېرىشىۋاتقان، ئۆزى ھەر قانچە جاپا تارتسىمۇ، ئائىلىسىدىكىلەرنى تەڭلىكتە قويماي، ھالال ئەمگەك بىلەن تۇرمۇشىنى قامداپ، ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن بالىلىرىغا ئۈلگە بولۇۋاتقان ئەرلەر كۆپ. ئەمما، ئەر كىشى دېگەن تالانىڭ ئادىمى دەپ، كېچىلەپ ئۆيگە كىرمەيدىغان، ئۆينىڭ بار - يوقى بىلەن كارى بولماي، ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ، ئاياللىرىنى ھەسرەتتە قويۇپ، ئىككى ئوتتۇرىدا بالىلىرىنىڭ بوينىنى قىسىۋاتقان ئەرلەرمۇ يوق ئەمەس. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

 ئەل ئارىسىدا «ئوغۇل تۇغۇلسا جاھان خۇش» دەيدىغان ھېكمەت، ئوغۇل تۇغۇلسا «بۆرە تۇغۇلدى» دەپ سۈپەتلەيدىغان ئادەت بار. بۇ ئەلۋەتتە دىيانەتلىك، ۋاپادار، باھادىر ئەرلەرنى ئۇلۇغلاش ھېسسىياتىنىڭ ئىپادىسى. بىر ئائىلىدە ئەرلەر تۈۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ. ئۇلار ئائىلىدىن ئىبارەت شۇ بىرلىك ئىچىدىكى ھەممە ئادەمگە ئوخشاش كۆز بىلەن قارىيالىسا، ئۇلارنى بېقىش، تەربىيەلەشتىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە تولۇق ئالالىسا، ھەر قانداق قىيىنچىلىقنى يېڭەلىسە، شۇ ئائىلە مۇكەممەل، خاتىرجەم بولىدۇ. يىڭنە قەيەرگە تارتسا، يىپ شۇ يەرگە ماڭغاندەك، ئائىلە باشلىقى قانداق يولغا باشلىسا، ئائىلە ئەزالىرى شۇ يولغا ماڭىدۇ. ئائىلە باشلىقى ئۆزى توغرا يولغا ماڭالماي، ئائىلە ئەزالىرىدىن دۇرۇسلۇقنى كۈتۈش سۆگەتتىن ئامۇت تەمە قىلغاندەكلا ئىش.

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

    مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىپ، جاھانغا تونۇلۇشىدىكى ئىختىرا - كەشپىياتلاردا ئەقىل - پاراسىتىنى، غۇرۇر - ئىپتىخارىنى نامايان قىلىدىغان مەيدانلاردا مەردانىلىك جاسارىتىنى جارى قىلىدىغىنى، ئاياللارنىڭ روھىنى پاكلاپ، جەمەت، مىللەتنىڭ نەسەبى ۋە مەنىۋىيىتىگە پاكىزلىق ئۇرۇقى چاچىدىغىنى، پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبىگە ھاياتنى سۆيۈش ھەققىدە مەشئەل ياقىدىغىنى يەنىلا شۇ ئەركەكلەر. ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى، ئارىمىزدا ئەنە شۇنداق ئېسىل پەزىلىتى بىلەن ھەممىنى سۆيۈندۈرگەن پەخىرلىك ئوغلانلار كۆپ. ئۇلاردىن ئالىم، كەشپىياتچى ئاتىلىپ مىللەتكە شان - شەرەپ بەخش ئەتكەنلەر، ئاتا - ئانىسىغا ۋاپادار ئوغۇل، پەرزەنتلىرىگە مېھرىبان ئاتا، ئايالىغا كۆيۈمچان ھەمراھ بولۇپ ئۆز بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىۋاتقانلار بار. ئەپسۇس، بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ ۋۇجۇدىغا ئېتىقادسىزلىق، غۇرۇرسىزلىق ئىللەتلىرىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلدەك يامرىشى ئادەمنى ئېچىندۇرىدۇ. ئۇلاردىكى بۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىك ئاياللاردىكى بۇزۇلۇشنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئەۋلادلار ئارىسىدا ئازغۇنلۇقنىڭ ئەۋج ئېلىشىنىڭ مەنبەسى. ئۇلاردىكى روھىي چۈشكۈنلۈك، ۋىجدانىي زەئىپلىكنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئايالنىڭ كۆزىدىن ئاققان ياش پەرزەنتىنىڭ يۈرىكىگە تامىدۇ. ئۇلارنىڭ دىلى سۇنۇق چوڭ بولىدۇ ياكى ئاتىسىنى دوراپ ئادىمىيلىكىنى يوقاتقان، مەنىۋىيىتى پۇچەك، يارامسىز بولۇپ يېتىشىدۇ. بۇنداق چۈشكۈن مۇھىتتىكى تەرتىپسىزلىك ئىچىدە ياراملىق روھنىڭ تەربىيەلىنىشى مۇمكىنمۇ؟! غۇرۇر، ۋىجداندىن سۆز ئېچىلسا ئۆزىنى جاھاندا بىر سانايدىغان، ئۆز شەخسىيىتىگە تېگىدىغان بىرەر ئېغىز سۆز ئۈچۈن ئالا - توپىلاڭ كۆتۈرىدىغان، ئەمما، ھەقىقىي غۇرۇر، ۋىجداننىڭ مەسئۇلىيەتتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى چۈشەنمەي، ئۆزىنىڭ ئەقەللىي ئادىمىيلىك، ئوغۇللۇق، ئاتىلىق، ئەرلىك بۇرچىنى ئادا قىلىشتىن باش تارتىپ، ئەقىدە - ئېتىقادسىزلىق پاتقىقىغا پېتىپ قېلىۋاتقان ئاتىلارنىڭ قولىدا تەربىيەلىنىپ چىققان ئوغۇللارنىڭ كەلگۈسى قانداق بولار؟! ئىز تورى بەك ياخشى

www.iz.la

  بۈگۈنكى كۈندە ئاياللار جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، ئائىلە ۋە كەسىپنىڭ يۈكىنى تەڭ كۆتۈرۈپ، ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىدا ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالدى. ئىگىلىك تىكلەش يوللىرىنىڭ كېڭىيىشى نەتىجىسىدە ھەر خىل مۇلازىمەت تۈرى راۋاجلىنىپ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ئىشىك ئالدىدىلا ھازىرلىنىدىغان بولدى. نەتىجىدە ئەرلەرنىڭ ئائىلىۋى يۈكى يېنىكلىدى. بۇنىڭ بىلەن، بىر قىسىم ئەرلەر ئائىلىنىڭ ئەر - ئايال، ئاتا - ئانا، پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى كۆيۈنۈش، مېھىر - مۇھەببەت ئارقىلىق بەرىكەت تاپىدىغانلىقىنى چۈشەنگەچكە، سىرتنىڭ ئىش - ئەمگەكلىرىدىن بىكار بولغان چاغلىرىنى ئائىلىدىكى ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلارغا بېغىشلاپ، ئائىلىۋى ئىللىقلىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولدى. يەنە بىر قىسىم ئەرلەر ئۆزىنى ئائىلىنىڭ ئىشلىرىدىن قاچۇردى. نەتىجىدە بۇنداق ئائىلە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى خاتىرجەملىكتىن، كۆڭۈللۈك تۇرمۇش لەززىتىدىن مەھرۇم قالدى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

    ئائىلە باشلىقى بولغان ئەرلەر ھەر قاچان ئۆزىنى ئۆيىدە ھەمداستىخان بولۇپ، بىر قاچا ئىسسىق تاماقنى بىللە يېيىشنى ئۈمىد قىلىپ تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان مېھرىبان خوتۇنى، پەرزەنتلىرى بارلىقىنى ئېسىدىن چىقارمىسا، بىمەنە ئويۇن - تاماشىغا سەرپ قىلغان ۋاقتىنى گېزىت، ژۇرنال ياكى تېلېۋىزور كۆرۈش، بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، بىرلىكتە سەيلە - ساياھەت قىلىش قاتارلىق ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىپ، ئائىلىسىنى ئىللىق ماكانغا ئايلاندۇرالىسا، ئائىلىدىن باشلانغان بۇنداق ئىللىقلىق، مېھىر - مۇھەببەت جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، ئىناق ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشتا ئەلۋەتتە رولى بولغان بولاتتى...

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس