ئائىلىڭىزنى قەدىرلەڭ
ئابلىز ئابلەت مەخسۇم ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
بىز ياشاش داۋامىدا مەيلى قەيەردە تۇرايلى ۋە قايسى بىر ئورۇندا نېمە خىزمەت قىلايلى ۋە ياكى پۇل تېپىپ بېپايان كۆك قەھرىدە ئۇچايلى ياكى بولمىسا پادىچى بولۇپ، دەشتى-چۆللەردە چارۋا، مال باقايلى يەنىلا بىز ئائىلىدىن ئىبارەت مۇقەددەس ماكاندىن ئايرىلالمايمىز . چۈنكى، ئىناق ئائىلە ئىنساننىڭ بەخت بۆشۈكى، جەننەت ماكانى. ھەقىقى، چىن ئېتىقادلىق ئىنسان بولساڭ، چىن ئېتىقادىڭ ۋە مېھرىڭ بىلەن ئائىلىنى سۆي ۋە ئۇنى گۈللەندۈر! چۈنكى ئىنساننىڭ يىلتىزى، روھىي ئېتىقادى ئىللىق ئائىلىگە باغلانغان. شۇڭا ئىنسان ئۈچۈن بىر ئىللىق ئائىلە يەنى ئادەتتىكى بىر كەپە بولسىمۇ، بىر ماكاننىڭ بولۇشى زۆرۈر. دېمەك، ئائىلە بىزنىڭ ئۆزىمىزنى پانالاندۇردىغان، بوران-چاپقۇن ۋە تۈرلۈك ئاپەتلەردىن ئۆزىمىزنى دالدىغا ئالىدىغان، ئەركىن-ئازادىلىك ئىچىدە مېھرى-مۇھەببەتتىن بەھرىلىنىدىغان مۇقەددەس جايىمىز، ئالتۇن بۆشۈكىمىز! ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
بىز ئائىلىدىن ئىبارەت مانا مۇشۇنداق بىر ئىللىق ماكانغا ئىگە بولغىنىمىز ئۈچۈنلا پەخىرلىنىمىز، سۆيۈنىمىز ھەم سىرتلاردا دىيەلمىگەن گەپ-سۆزلىرىمىزنى ئۆيىمىزگە كىرىپ ئەركىن ئازادە دېيەلەيمىز. ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ قوللىشى ۋە سەمىمىيتىگە ئېرىشكىنىمىزدە، ھەرقانداق بىر خاپىلىقلىرىمىزنى شۇئانلا ئۇنتۇپ كېتىمىز.
قارايدىغان بولساق، بۈگۈنكى كۈندە ئائىلە ئىشى بىلەن سىرتنىڭ ئىشىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئائىلىسىنى بەخىتكە ئېرىشتۈرۋاتقان، ھالال ئەمگىكى بىلەن تۇرمۇشىنى قامداپ ئائىلىسىگە، بالىلىرىغا ھەر جەھەتتىن ئۈلگە بولۇۋاتقان، خىزمەت ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەردە ئۇتۇق ۋە شەرەپ قۇچىۋاتقان ئەرلىرىمىز كۆپ بولسىمۇ، ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ ئىللىق ماكاننىڭ غوجايىنى بولغان ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئەرلىرىمىز بولۇپمۇ قىسمەن ياشلىرىمىز ئۆزنىڭ ئائىلىسىدىكى بۇرچىنى ئادا قىلىشتا يوق، ئەكسىچە ئەر كىشى دېگەن تالانىڭ ئادىمى دەپ، كېچە-كېچىلەپ ئۆيگە كىرمەي، ئۆينىڭ بار-يوقى بىلەن كارى بولماي، ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ، ئائىلىسىنى، ئايالىنى، بالىلىرىنى تەڭلىكتە قويۇۋاتىدۇ. تېخى بەزسى ئائىلىسىگە، خوتۇن، بالىلىرىغا ئاۋارىچىلىق ۋە خاپىلىق تېپىپ بىرىۋاتىدۇ. يەنە بىر قىسىم ياشلىرىمىز ۋە بىر قىسىم ياش، ئوتتۇرا ياش ئەرلىرىمىز ئەتىدىن كەچكىچە سىرتلاردا يۈرۈپ، ئەيىش-ئىشرەتكە بېرىلىپ، قىمار ئويناپ، ھاراق ئىچىپ يۈرۈۋاتىدۇ. يەنە بەزىسى ئائىلىسىنى ۋە ئائىلىسىدىكى مال بىسائەتىنى قىمار ۋە ئەيىش-ئىشرەتتىكى قەرزىگە دەسمايە قىلىۋاتىدۇ. بالا-چاقىللىرىنىڭ نەسھەتىگە، ئاھ-زارىغا قۇلاق سالماۋاتىدۇ.
يېقىندا يەنە كىلىپ ئاران-ئاران تۇرمۇش كۆچۈرۈۋاتقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى ئۈچ مو تېرىقچىلىق يېردىن باشقا، ھېچقانداق ئىقتىسادىي مەنبىيى بولمىغان بىر دېھقان تاپقىنغا سىرتلاردا ھاراق ئىچىپ، قىمار ئويناپ يۈرگىنىنى ئاز دەپ، ئىككى بالىسىنىڭ ئوقۇش خىراجىتى ئۈچۈن ئايالى مىڭ بىر جاپادا ئىقتىساد قىلىپ قويغان مىڭ يۈەن پۇلنى ئوغۇرلاپ چىقىپ، ئۇنىمۇ ھاراق ۋە ئەيىش-ئىشرەتكە خەجلىۋېتىپتۇ ھەمدە قىمار ئويناپ باشقىلارغا يەنە نەچچە يۈز يۈەن قەرزدار بولۇپ قاپتۇ. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ئايالى ۋە ئۇنىڭ بالا-چاقىللىرى ئۇنىڭدىن قاتتىق ئاغىرنىپتۇ. لېكىن ئۇ بۇنىڭدىن خىجىللىق ھېس قىلىشتا يوق، ئەكسىچە ئايالىنى ئۇرۇپ، باللىرىنى تىللاپ، ئائىلىسىنى سەراسىمگە ساپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاچچىققا چىدىمىغان ئايالى ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ كەتمەكچى بوپتۇ. بىراق باللىرىنىڭ نالىسىگە چىدىمىغان بىچارە ئايال يەنىلا بەرداشلىق بىرىپ ئۇنىڭ بىلەن تا ھازىرغىچە تۇرمۇش كۆچۈرۈپ كەپتۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى شۇكى، يېقىندا بىرى يەنە كىلىپ مەلۇم ئورۇندا ئىشلەيدىغان، ھەممىلا ئادەمگە تۇنۇشلۇق بولغان مويسىپىت بىر خىزمەتچى ئىشتىن چۈشۈپ، ئادىتى بويىچە ھەمنەپەسلىرى بىلەن بىر قاۋاقخانغا كىرىپ راسا ھاراق ئېچىپتۇ. ئەمما ئۇ سورۇن تارقىغاندا ئۇدۇل ئائىلىسىگە قايتماي، كەپنىڭ كۈچىدە ئۇيەر-بۇيەرگە قاتىراپ ، ئاخىرى بىر ئىشرەتخانىغا كىرىپ، يېنىدىكى خېلى كۆپ بىسائەتىنى شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا يوقۇتۇپ قويۇپ باشقىلارنىڭ ئالدىدا سەتچىلىككە قاپتۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى
دېمەك، ھاراق-شاراپ ، ئەيىش-ئىشرەت ۋە قىمار يولدا يۈرۈپ ۋاقتى-ۋاقتىدا ئائىلىسىگە كىرمەيدىغان، ئائىلىسى ۋە بالا-چاقىللىرىنىڭ ئىشى بىلەن كارى بولمايدىغان، ھە دېسىلا سىرتلاردا يۈرۈپ، ھاراق - شاراپ ئىچىپ، قىمار ئويناپ بالا-چاقىسىغا ھەمىشە يالغان سۆزلەيدىغان، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نەسھەتىگە قۇلاق سالماي، يولسىز جىدەل قىلىپ ئاخىرقى ھېساپتا ئائىلىسىنى، بالا-چاقىللىرىنى ۋەيران قىلىدىغان ۋە قىلۋاتقان بىر قىسىم ناچار خائىشلارنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ مەن مەزكۇر ماقالام ئارقىلىق شۇنى قەيىت قىلمەنكى، ئالدى بىلەن بىز ئۆزىمىزنى تونۇپ، ئۆزىمىزنى قۇدىرەت تاپقۇزايلى، مەسئۇلىيتىمىزنى تونۇپ يېتىپ ئائىلىمىزنى قەدىرلەشنى بىلەيلى. چۈنكى بىزگە ۋە ھەممىمىزگە يەنىلا ئاشۇ ئىللىق ئائىلە كېرەك. بىزدە ئىناق ئائىلە بولغاندىلا، ئاندىن خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرەلەيمىز، خىزمەتتە، تۇرمۇشتا ئۇتۇق قازىنالايمىز. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
