
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
جورامنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىمەن ،دەپ ئويلىماڭ .ئىشلار سىز ئويلىغاندەك بولىشى ناتايىن .ئارتۇقچە گۇمان ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۇسلاشتۇرۇپ قويىدۇ.بۇنداق بولسا پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس .jcvئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
جورامنىڭ مەن ئۈچۈن ئىىش قىلىشى بەرھەق، دەپ ئويلىماڭ .شۇڭا جورىڭىز سىز ئۈچۈن بىرەر ئىش تاماملىغاندا رەھمەت ئېيتشنى ئۇنتۇماڭ .jcvئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
بۇنىڭدىن باشقا ئۈچ نەرسىدىن يىراق تۇرۇڭ :بىرى ھوقوق تۇيغۇسى ،يەنە بىرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئارزۇ ،ئاخىرقىسى يالغاندىن ئۇنتۇپ قىلىش.jcvئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ھەممىسى جورامنىڭ خاتالىقى دەپ ئويلىماڭ .بۇنداق خىيال ئۇزاق داۋاملاشسا"مىنىڭ مەجبۇريىتىم نىمە" دېگەننى ئۇنتۇپ قالىسىز .نەتىجىدە جورىڭىزمۇ مەجبۇرىتىدىن ۋاز كېچىپ ،سز بىلەن روبىرو تۇرىدۇ .jcvئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
قورسىقىمدىكىنى تاپ دەپ ئويلىماڭ .بۇنداق ئىچ مىجەزلىك نىكاھ تۇرمۇشنىڭ قاتىلى .jcvئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
جوراممۇ چاغلىققۇ دەپ ئويلىماڭ .ھەرقانچە يىقىن ئادىمىڭىز بولسىمۇ ،كەمسىتىش خارەكتىرىدىكى سۆزلەر كۆڭۈل ئاغرىقى پەيدا قىلىپ قويىدۇ ،شۇڭا بۇنداق سۆزلەرنى قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ .jcvئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
تەھدىت سالىمەن دەپ ئويلىماڭ .تەھدىت سىلىش نىكاھ تۇرمۇشنى نابۇت قىلىدۇ .شۇڭا ئازراقلا جىدەل بولسا "نىمە قىلاتتم ؟"دەپ تەھدىت سالماڭ .jcvئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
جېدەل چىقسا ،باشقىلارنى چاقىرىمەن دەپ ئويلىماڭ .ئائىلە ئىشى ئائىلىدە ھەل بولغان ياخشى .بۇ ئىشقا باشقىلارنى ئارلاشتۇرۇش ئاقىلانىلىك ئەمەس ،ئۈچىنىچى تەرەپنىڭ پەيدا بولىشى ئەر–خوتۇننىڭ پىكىرلىشىشىگە پايدىسىز ،شۇڭا بۇنداق ۋاقىتتا بىر نەچچە كۈن تىنىچ تۇرۋالغاندىن كېيىن پاراڭلاشقان تۈزۈك.
