app دېتالى

كۈلكە بىلەن نىكاھنىڭ مۇناسىۋىتى

ۋاقتى:2013-04-13 17:16مەنبە: يوللىغۇچى:ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم

  بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا،كۈلكە نىكاھنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش ــ بولماسلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئامىللارنى بىرى ئىكەن. تەتقىقاتچىلار دەسلەپكى قەدەمدە 21 ياشتىن 87 ياشقىچە بولغان 650 كىشىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ سۈرىتى ۋە كۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى قورۇقلارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۈلكىسىنى 10 دەرىجىگە بۆلگەن ھەم بۇنى نىكاھ ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، تەتقىقات ئوبيېكتلىرى ئىچىدىكى كۈلۈشكە ئامراقلىرىنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش تارىخى يوقلىقى، كۈلۈشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىرىنىڭ بولسا %25 نىڭ ئاجرىشىش تارىخى بارلىقىنى بايقىغان. تەتقىقاتچىلار كېيىنكى قەدەمدە 65 ياشتىن يۇقىرى بولغان تەتقىقات ئوبيېكتلىرىنىڭ سۈرىتىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئېچىلىپ ــ يېيىلىپ سۈرەتكە چۈشكەن بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىنكى نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ %11، غەمكىن چۈشكەنلىرىنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ %31 ئىكەنلىكىنى بايقىغان. تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، كۈن بويى خۇشال يۈرىدىغانلارنىڭ نىكاھىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى غەمكىن يۈرىدىغانلارنىڭ بەش ھەسسىگە توغرا كېلىدىكەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(2)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس