app دېتالى

ياش جەھەتتە مۇۋاپىقلىق

ۋاقتى:2013-04-05 11:42مەنبە: يوللىغۇچى:MANASSA چېكىلىشى:قىتىم

 

www.iz.la

ھەر نەرسىنىڭ  تەبئىي  بىر ئۆلچىمى باردۇر .ئۆلچەمسىز  ئىش  ھىچ  ۋاقىت  پايدا  بەرمەيدۇ .نىكاھىنىڭمۇ  مەلۇم  ۋاقتى  بولۇپ ،ئۇنىڭدىن   بۇرۇن  ياكى  كىيىن قىلىش  يا تىببىي ،يا  ئەخلاق  جەھەتتە  نىسبەتەن  زىيانلىقتۇر  .نىكاھ  ۋاقتىدا  ئەر بىلەن  ئايال ئارىسىدا  ياش ئىتىبارىغا  قاراپ مۇۋاپىق  بولۇش  تەبئىي  بىر ئىشتۇر .تەبىئەتكە  خىلاپ  بولغان  نىكاھ  ھەقىقىي  نىكا بولماي ،بەلكى پەقەت رەسىم  -قائىدىدىنلا ئىبارەت بولۇپ  قالىدۇ .بۇنداق نىكاھلارنى  نىكاھ  دىيىشتىن  كۆرە ،نىزا ۋە ئۆۈنۈش  ياكى  بولمىسا  تىجارەت  دىيىش مۇۋاپىقتۇر ،مەسلەن ،قىرى بىر ئادەم بايلىىقى سەۋەبىدىن  ياش بىر قىزنى  نىكاھلاپ  ،پۇلنىڭ  كۈچى  بىلەن  بىر قىزنىڭ  كۆڭلىنى ئەمەس ،بەلكى  ياشلىقنى  سىتىپ  ئالىدۇ .بۇ ئىش  قانۇنىي  جەھەتتىن  خىيانەت  بولمىسىمۇ ،ئەخلاقىي  جەھەتتىن   خىيانەتتۇر ،قىرى  بىر ئادەم  بىلەن  ياش  بىر  ئادەمنىڭ  تەبىئەتلىرى  ئارىسىدا  تەبئىي  خىلاپلىق  بولغىنى  ئۈچۈن  ئوتتۇرىدا  بىرلىك  ۋە ئىتتىپاقلىق  بولمايدۇ .

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

نىكاھ ئۈچۈن  تەبئىي  بولغان  ياش  ئەرلەر  يىگىرمە بىلەن  قىرىق  ئارىسىدا  ،قىزلاردا  ئون سەككىز  بىلەن ئوتتۇز  ئارسىدۇر .بۇنىڭدىن كىيىن  ۋە بۇرۇن  بولغان  نىكاھلار  پايدىسىز  بولىدۇ .ئەر  بىلەن ئايال  ئارسىدىكى  پەرق  ئون ياشتىن  ئارتۇق  بولماسلىقى كىرەك ،پەقەت  زۆرۈرىيەت  يۈزسىدىنلا بۇنىڭدىن  مۇستەسنا بولۇشى مۇمكىن .ئىتتىپاقتىن مەھرۇم  بولغان  ئائىلە  پەقەت  نامدىلا  بولۇپ  ،ھەقىقەتتە  ئائىلە  ئەمەستۇر . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئۆلۈمنىڭ  ۋاقتى  مەلۇم ئەمەس .ياشلارنىڭ  جىنازىلىرىنى  قىرىلار  ئۇزىتىپ  بارغان   ئەھۋاللار  كۆرۈلسىمۇ  ئۆلۈم نۆۋىتى  ياشلاردىن  ئاۋۋال قىرىلارغىدۇر .بۇنداق  بولغان  ئەھۋالدا ،ئەللىك  ياشلىق ئادەمگە تەكگۈچى  ئون سەككىز ياشلىق  قىز ئون  يىلدىن  كىيىن   بىر ئىشقا  يارىمايدىغان   قىرى  بىلەن  كىچىك  بالىلارنىڭ مۇشەققىتىنى ئكز ئۈستىگە  ئالغان بولىدۇ .تىۋىپلارنىڭ  تەجرىبىسىگە  قارىغاندا سالامەت بەدەنلىك  ،قۇتلۇق  كىشىلەرنىڭ بالىلىرى كۆپ  ۋاقىت  سالامەت  بولۇپ ، قىرى كىشىلەردىن تۇغۇلغان  بالىلار خەستە  ،زەئىپ بولسا  ،بىچارە ئايال  زەخمەت  ئۈستىگگ  زەخمەت  چەككەن بولىدۇ  ۋە دۇنيادا  قانچە   ياشسا  ،شۇنچە  بالادىن  بىشى  بوشىمايدۇ .

www.iz.la

مەنبە _سوۋغات(ئىز تورى ) ئىز تورى www.iz.la

ياخشىكەن
(2)
50%
ئالقىشلايمەن
(2)
50%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس