بەخىتنىڭ مۇئەييەن بەلگىسى بولىدۇ. بىر ئادەمنىڭ بەخىت تۇيغۇسىنىڭ بار يوقلىقى-ئۇنىڭ ئېتىراپ قىلىش قىلماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتىسىز، بەخىتلىك كىىشىلەر مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ.
بەخىتنىڭ بىرىنچى بەلگىسى ـــ خاتىرجەملىك. خاتىرجەملىك قارىماققا ناھايىتى ئاددىي روھىي ھالەت بولسىمۇ، بىراق يالغاندىن خاتىرجەم قىياپەتكە كىرىۋېلىش تەس. يىغىلىشلاردا بەزى كىشىلەرنىڭ توختىماي سائەتكە قارىغىنىنى ياكى توختىماي يانفون بىلەن ھەپىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز، ئۇلارنىڭ روھىي-ھالىتىدىن «يىغىلىش تېزراق ئاياغلاشسىكەن» دېگەننى ئويلاۋاتقىنىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بۇلار بەخىتكە خېلى ئارلىقى بار كىشىلەردۇر. بەزى كىشىلەر مەيلى قانداق سورۇندا بولسۇن، ئۆزىنى شۇ قەدەر تەمكىن، ئەركىن تۇتالايدۇ. بۇنداق كىشىلەر بەختكە يېقىنلاشقان كىشىلەردۇر.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
بەخىتنىڭ ئىككىنچى بەلگىسى ـــ دوستانىلىق. بەخىتلىك كىشىلەر ناتۇنۇش كىشىلەرگىمۇ دوستانە مۇئامىلە قىلالايدۇ، شۇنىڭدەك بەزى كىشىلەرمۇ ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ بولغۇچە، نېرۋىسى قىرىق گەز ئۆرلەيدىغان مىجەزىنى چۈشەنمەيدۇ. جەمئىيەتتە غەلىتە مىجەزلىك كىشىلەر ھەقىقەتەن تولا، ھەممە ئادەمنىڭ دېگۈدەك باشقىلار تەرىپىدىن ئالدانغانلىق ياكى ئادىل بولمىغان مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىق كەچۈرمىشى بار. بىراق بۇلار باشقىلارغا دۈشمەنلىك نەزىرىدە قاراشقا سەۋەپ بولالمايدۇ. بەخىتلىك بولاي دىسىڭىز، ئەڭ بولمىغاندىمۇ دوستانە بولىشىڭىز كېرەك.
بەخىتنىڭ ئۈچىنچى بەلگىسى ـــ يول قويۇش. كىچىككىنە ئىشلاردىمۇ يول قويماي تالىشىدىغان، چوڭلار ياكى بالىلارغا قارىماستىن ئىشىكنى جالاقلىتىپ چىقىپ كېتىدىغان، يامغۇرلۇق كۈندە تاكسى تالىشىدىغان ياكى دوختۇرخانىدا باشقىلارغا يول قويماستىن لېفىتقا بىرىنچى بولۇپ قىسىلىپ چىقىۋالىدىغان ... كىشىلەرنىڭ بەخىتلىك بولالايدىغىنى ساناقلىق.
copyright by www.iz.la
بەخىتنىڭ تۆتىنچى بەلگىسى ـــ مەنىۋىيىتى باي بولۇش. بۇ خىل بايلىق كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىدىن چىقىپ تۇرىدۇ. يەنى كىتاپ ئوقۇش، ھۆسىن خەت يېزىش، تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش، مۇزىكا ئاڭلاش، سۆرەت تارتىش دېگەندەك. بۇنداق كىشىلەر تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بەخىت.
بەخىتنىڭ قېلىپلاشقان ئۆلچىمى يوق، ئۇ ھەربىر كىشىنىڭ شەخسىي ھېس تۇيغۇسى، خالاس. يۇقىرىدا ئېيتىلغان بەلگىلەر ھەر ھالدا پۇت تېرەپ تۇرالايدۇ، دەپ قارايمەن. ئىشەنمىسىڭىز ئۆزىڭىزنى سىناپ بېقىڭ.
www.iz.la
