جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 29-فېۋرال خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مىسىر بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ ئەمەلدارى سۆز قىلىپ، ئەل قائىد تەشكىلاتىنىڭ بىر مۇھىم رەھبىرى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى قاھىرە ئايرودرومىدا قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتقان. مەزكۇر رەھبەر سەيىف ئادىل بولۇپ، ئامېرىكا فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى تۇتۇپ بەرگۈچىلەرگە 5 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىنئام بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
بىر ئايرودروم خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سەيىف ئادىل پاكىستاندىن يولغا چىققان بولۇپ، دۇبەيدا ئايروپىلان ئالماشقان. ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ پەرىزىگە قارىغاندا ئادىل مىسىردا ھاكىمىيەت ئالمىشىش پۇرسىتىدە ئۆزىگە پايدىلىق سىياسى كۈچلەرنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مىسىرغا كەلگەنلىك ئېھتىمالى چوڭ بولۇپ، مىسىر گەرچە ھاكىمىيەت ئالمىشش باشقۇچىدا تۇرىۋاتسىمۇ ئەمما دۆلەت يەنىلا سابىق مۇبارەك تەرىپىدىن ۋەزىپىگە قويۇلغان ھەربى ئەمەلدار تەنتاۋى تەرىپىدىن كونترۇل قىلىنماقتا. ئادىلنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئامېرىكا ۋە بازا تەشكىلاتىنىڭ مىسىردا ھوقۇق تالىشىشقا باشلىغانلىقىنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى ئىكەن.
مىسىر بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ خادىملىرى ئۇنىڭغا قانداق ئەيىلەش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان.
1998-يىلى، ئامېرىكا ھەربىي ئاخبارات خادىملىرى ئەل قائىد تەشكىلاتى بىلەن قىلغان ئۇچۇرىدىن ئېرىشىشىچە، ئادىل كېنىيە ۋە تانزانىيەدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى پارتلىتىشنى پىلانلاشقا قاتناشقان.
سەيىف ئادىل سابىق مىسىر ئالاھىدە قىسىمىنىڭ ئوفىتسېرى. ئەل قائىد رەھبىرى بىن لادىن ئېتىپ تاشلانغاندىن كېيىن، ئادىل ئەل قائىدنىڭ ۋاقىتلىق رەھبەرلىكىگە كۆرسىتىلگەن، ئەل قائىد تەشكىلاتىدا تەسىر كۈچى چوڭ ئىستراتىگىيىچى. نۆۋەتتە ئامېرىكا مىسىر تەرە بىلەن ئالاقىلىشىپ ئادىلنى ئەيىپلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ ئەمما مىسىر تەرەپ تېخى ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
ئەڭ يېڭى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، كېيىن مىسىر بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ ئەمەلدارى بىلدۈرۈشىچە، تۇتۇلغىنى سەئىف ئادىل ئەمەس بەلكى، مىسىر تۇرۇش بۇيرۇقى چىقارغان غازاتچىلار تەشكىلاتىغا قاتناشقان باشقا بىر ئادەم ئىكەن.
(نەپرەت)
بېن لادېن ئادىلنى ئەل قائىد تەشكىلاتىنىڭ يېڭى رەھبىرى قىلىپ تەيىنلىدى