
28-فېۋرال، پاكىستان ساقچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، جۇڭگولۇق بىر ئايال 28-فېۋرال پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىدە ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلغان .
يەرلىك ساقچى ئەمەلدارى تاشىر ئايۇپ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن : موتسىكلىت مىنىۋالغان بىر قوراللىق ئادەم بازاردا بۇ جۇڭگولۇق ئايال ۋە ئۇنىڭ ھەمراھىنى ئېتىۋەتكەندىن كېيىن ، نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن. بۇ قېتىمقى قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ مۇددىئاسى ئېنىق ئەمەس .
پاكىستان ساقچىلىرى نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ ئايالنىڭ سومكىسىدىن پاكىستاننىڭ ساياھەت پاسپورتى ، قول كومپىيۇتېر ، بىر رەقەملىق تېلېكامىرا ۋە ئازراق پېچىنە قاتارلىق نەرسىلەرنى بايقىغان .
ئىگىلىنىشىچە ، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئەر پاكىستانلىق بولۇپ ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن، ئۇ تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، بۇ جۇڭگولۇق ئايالغا تەرجىمانلىق قىلىۋاتقاندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن .
