توشقان گۆشى يۇمشاق ھەم مەززىلىك،تەركىبىدە ئاقسىل كۆپ،ماي،خولېستېرىن ئاز بولۇپ،ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن پايدىلىق.چەت ئەللەردە ھۆسىن تۈزەش گۆشى دەپ نام چىقارغان.
توشقان گۆشىنىڭ تەركىبىدە%21.5ئاقسىل بار بولۇپ،كالا گۆشى،قوي-ئۆچكە گۆشى،توخۇ گۆزشىدىكىدىنمۇ كۆپ.ئەمما،ئۇنىڭ تەركىبىدىكى خولېسىتېرىننڭ مىقدارى يۇقىرىدىكى گۆشلەردىكىدىن تۆۋەن.توشقان گۆشى تەركىبىدە يەنە لېتسىتىن بىلەن ۋىتامىنلار بار.دېمەك.توشقان گۆشى ئوزۇقلۇق ماددىلار مول،ھۆسىن تۈزەشكە پايدىلىق گۆش بولۇپلا قالماستىن،تەركىبىدىكى ماي مىقىدارى باشقا گۆشلەردىكىدىن تۆۋەن بولۇپ،زىيادە سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش،تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكى ۋە دىئابىت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىمۇ ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى.
ئىز تورى www.iz.la
مەنبە؛قىزلار گۈزەللىكى