ئادەتتە سوپۇنلارنىڭ ھەممىسى ئىشقارلىق بولۇپ،ئۇنىڭ بىلەن يۇيۇنغاندا ئادەم بەدىنىدىكى چاڭ-توزان ۋە ياغ كىرلەتنى تېزلا چىقىرالايدۇ،لېكىن بۇنىڭ تېرىگە قارىتا ياغسىزلاندۇرۇش رولى بار،شۇڭا دائىم كىر سوپۇن بىلەن يۇيۇنغاندا تېرىنىڭ قۇرۇشقا باشلىغانلىقى ھېس قىلىغىلى بولىدۇ.
ئادەم تېرىسىنىڭ سىرتقى يۈزىدە تېرە ياغ بەزىلىرىنىڭ ئاجرالمىلىرى ئۈزلۈكسىز پەيدا بولغاچقا،ئۇ تېرىنى پارقىرىتىپ،نەم خۇش قىلىدۇ،ئادەتتە كىشىلەرنىڭ بىر كېچە-كۈندۈزدە ياغ قاتلىمىدىن ئاجرىلىپ چىققان تېرە يېغى 15-40مىللىگىرامغىچە بولىدۇ،شۇڭلاشقا نورمال ئادەمنىڭ تېرىسى يۇمشاق بولىدۇ ھەمدە ئېلاستىكلىقى بولىدۇ.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
نورمال ئەھۋالدىكى تېرە يېغىنىڭ كىسلاتالىقى بولغاچقا،ئىشقارلىق كىر سوپۇن ىبلەن يۇيۇنغاندا تېرىسىنىڭ سىرىتقى يۈزىدىكى تېرە يېغىنى تېرە ئۈستىدىكى كىر بىلەن قوشۇپ يۇيۇپ چىقىرۋېتىدۇ،لېكىن بىر سائەت ئەتراپىدا بەدەندە قايتىدىن تېرە يېغى چىقىدۇ.ئەمما تېرە يېغى ئازراق ئاجرىلىپ چىقىدىغان ئادەملەرگە نىسبەتەن،تېرە شۇ زامانلار قۇرۇشقا باشلايدۇ،ھەتتا قوپاللىشىپ،يېرىلىپ كېتىش ھادىسلىرى يۈز بېرىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
شۇڭلاشقا تېرىنى ئاسىراش ئۈچۈن،ئىشقارلىقى بىر قەدەر تۆۋەنرەك بولغان كىر سوپۇنلارنى تاللاپ ئىشلىتىش يەنى ئەڭ ياخشىسى ئەتىر سوپۇن بىلەن يۇيۇلغان مۇۋاپىق.بەزى تېرە ئاسىرىغۇچى سوپۇنلارغا قوي يۇڭىنىڭ يېغى ئارىلاشقان بولۇپ،بۇمۇ تېرىنى ئاسىرىغۇچى ماددا ھېسابلىنىدۇ.بۇ خىل سوپۇنلار تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن،كىر سوپۇن بىلەن يۇيۇنۇشقا ئادەتلەنگەنلەر ئەڭ ياخشىسى سوپۇننى ھەددىدىن ئارتۇق سۈرتىمىگىنى تۈزۈك.
www.iz.la
مەنبە؛ئاياللار ۋە تۇرمۇش